مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: barnaay

ئائىلە تۇرمۇشۇم توغىرسىدا مەسلھەت  سوراي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7823
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 3239 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 11:10:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ ناھايتى ئىغىر بىسىقلىق بىلەن ئويلۇنۇپ ئىش قىلىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن ،چۇنكى تۇرمۇش تولىمۇ مۇرەككەپ . سىزدەك ئۆگەي ئانىلار خىلىلا كۆپ ،ئۇلارمۇ خىلمۇ- خىل ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇرىۋاتىدۇ پەقەت كەڭ قورساق بولۇپ ياشاپ ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىڭ. تۇرمۇشىڭىزنى ھەرگىز بۇزماڭ.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37456
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2603
تۆھپە نۇمۇرى: 161
توردا: 1901 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 06:22:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ تېخى نىكاھ قۇرمىغان، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى بىر ئوقۇغۇچى.بىراق بىزنىڭ ئائىلىدىمۇ كۆز ئالدىمدىن نۇرغۇن ئىشلار ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، سىزگە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تېگەرمىكىن دەپ بۇ ئۇچۇرنى ئەۋاتىۋاتىمەن.
   ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، نىكاھ ۋە ئائىلە ئۇلۇغ بىرلىكتىن ئىبارەت، سىزنىڭ ئۆگەي قىزىڭىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆيكە ئەكىلىۋېلىش ئويىڭىزدىنلا، سىزنىڭ كۆيۈمچان، مېھرىبان، تەلەپچان ئانا ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدىم.
   (مېنىڭ دادام، ئەر- ئايال ئوتتۇرىسىدا، يولدىشىم دېيىشنى ياقتۇرمايىتتى، 同志 دەپ خەنزۇلاردىن ئۆگىنىپ دەپ، ئەر- خوتۇن بولغاندىكىن ئېرىم، ئايالىم ياكى خوتۇنۇم دېمەمدۇ دەپ،.شۇڭا ئېرىڭىز دەپلا ئېلىۋەردىم)
   ئايالنى ئېرى كۆتۈرسە ئاسماندىكى پەرىشتە، ئائىلە بولسا بىر جەننەتتۇر. شۇنداقلا ئايال ئېرىنى ھۆرمەتلىسىمۇ ئوخشاشلا، ئەگەر سىزگە ئېرىڭىز  ئانچە ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا، ئۇنىڭ بارلىق ئۇرۇغ- تۇققانلىرى سىزنى ۋاي دېسىمۇ، سىز يەنىلا بىر سوغۇق ئوردىدىكى خانىشتۇرسىز. سىزنىڭ ئېرىڭىز سىزگە شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلغانىكەن، سىز پادىشاھنىڭ بەخىتلىك خانىشىدۇرسىز.
    سىز دېگەندەك، تۇرمۇشىڭىزدىكى قوشۇمچە روللار، قېيىنئانىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ بۇرۇنقى ئايالى ۋە قېينبالىڭىز. ئەگەر ئېرىڭىز سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلسىلا، قېيىنئانىڭىز ئەگەر سىزدىن قانداق قۇسۇر تاپسا، سىزنى جىن- ئالۋاستى دەپ كۆرسەتسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ، ئېرىڭىز بۇنداق ئىشلارغا توغرا قاراپ، سىزدىن ئاغرىنىپ يۈرمەي توغرا ھەل قىلالايدىغان توختاملىق ئەر بولسا كېرەك. سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەسلە قېيىنبالىڭىز كۆۋرۈك بولۇپ قېلىۋاتقان بۇ مۇناسىۋەت. قېيىنبالىڭىزنىڭ يېشىنى دېمەپسىز، بىراق بەرگەن تەپسىلاتلىرىڭىزدىن قارىغاندا خېلى چوڭ بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ، ئېرىڭىز خاپا بولىدىغان گەپ بولسىمۇ دەي، ئىشقىلىپ بۇ بالا ئانچە ياخشى تەربىيە كۆرەلمەپتۇ، كىچىك بالىلارنى كەپ توشۇشىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ، بىراق يالغان سۆزلەش، كۆپتۈرۈپ سۆزلەشنى ئانىسىدىن ئۈگۈنگەن، دېمەك ئانىسى بەك دىيانەتلىك، ئەخلاقلىق دېگۈدەك ئەمەسكەن. بالىنىڭ يېشى چوڭ ئىكەن، ئىككى خىل ئەھۋال بار، بىرى سىز ھەر قانچە ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىزمۇ، بۇ بالا يەنىلا قوبۇل قىلمايدۇ، ھەتتا سۈنئىيلىك، يالغان كۆيۈمچانلىق دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا يەنىلا بۇرۇنقى ئانىسى بار ئىكەن، سىز ھەرگىز ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالمايسىز، مەنغۇ پىسخىلوگ ئەمەس، بىراق مېنىڭ ھېس قىلىشىمدا بۇ بالىنىڭ مەن ھازىر ھېس قىلغان خاراكتىرىدا دەل مۇشۇنداق ئالامەتلەر بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇنقى ئايالى مۇھىم رول ئويناۋاتسا كېرەك. ئىككىنچى ئەھۋال، بالا سىزنىڭ مېھرىبانلىقىڭىز ئارقىلىق، سىزنى ئىككىنجى ئانا قىلىپ قوبۇل قىلىشى، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئۇنىڭ ئۆز ئانىسى ئەخلاقلىق، دىيانەتلىك، بۇ بالىغا سىزنى ئۇمۇ سېنىڭ ئاناڭ، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلا، ياخشى بالا بول، دېگەندەك نەسىھەتلەرنى بېرەلەيدىغان ئانا بولىشى كېرەك، بىراق، سۆزلىرىڭىزدىن قارىغاندا، ئۇ ئايال بۇنداق ئايال بولمىسا كېرەك، يەنە كېلىپ تېخى توي قىلمىسا كېرەك، شۇنداقمۇ؟ سىزنىڭ ئېرىڭزدە يەنىلا تەمەسى بار بولسا كېرەك، بىراق، ئېرىڭىز سىزگە كۆڭۈل بۆلگەن، سىزنى قەدىرلىگەن، ئۇ ئايالنى ئىنكار قىلغانىكەن، سىزنىڭ ئۇ ئايالغا بوشۇتىپ بېرەيمۇ دېسڭىز، ئېرىڭىزگە يۈزسىزلىك قىلغان بولغان بولىسىز، بۇ گەپنى ئېرىڭىزگە يەنە تىلغا ئالماڭ، چىچەن ئايال ئىشلارنى كېلىشىملىك بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. سىز ئېرىڭىزنىڭ سىزنىڭ قېشىڭىزدىكى بالىسىدىن ماڭا يېپىشامىكى دەپ بەك چوڭ ئۈمۈد كۈتمەڭ، ئۇ بالا سۈنئىي دەپ ئويلامدۇ، ئامال بار ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، چۈنكى ئۇ ئېرىڭىزنىڭ ئۆز پۇشتى، ئېرىڭىز بولسا سىزنىڭ پادىشاھىڭىز. ئەڭ ياخشى ئامال، ھازىرقى بالىنى بۇرۇنقى ئايالىغا ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئەلۋەتتە ئايلىق خىراجىتىنى يەنىلا ئېرىڭىز كۆتۈرىشىگە توغرا كېلىدۇ. بىراق بۇ سۆز سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن چىقسا بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئېرىڭىز ئۆزى ھېس قىلىپ، ئۇلار مۇشۇنداق تەلەپ قىلسا، قوشۇلسا بولاتتى. مېنىڭ داداممۇ ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەنىكەن،(ئاپام بىرلا ئۆيلەنگەن). مەن بۇرۇنقى ئايالىدىن بولغان بالىسىنى تونۇمايمەن، ئۇ بالىسىمۇ، ئۇ ئايالنىڭ ھازىرقى ئېرىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىپ ئىشلىتىدىكەن. دېمەك بىزنىڭ ئائىلە بىلەن دادامنىڭ بۇرۇنقى ئائىلىسى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت يوق. ئاللاھقا شۈكرى، ھازىرقى ئائىلىمىز ئىنتايىن بەخىتلىك.
    (گەرچە كىچىك بولساممۇ، گەپلىرىمنى ئورۇنلۇق كۆرسىڭىز، بىئەپ كۆرمىسىڭىز، يولدىشىڭىزغا كۆرسەتسىڭىزمۇ بولىدۇ (ياردىمى تېگىدۇ دەپ ئويلىسىڭىز)، (ئۆزىڭىزنىڭ باشقا ئورۇنلۇق پىكىرلىرى بولدا، ئېرىڭىز بىلەن يۈز تۇرانە سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ)
    ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ئاللاھقا ئىشىنىڭ، ئاللاھقا سېغىنىڭ، مۆمىن ئاياللار ئاللاھنىڭ سىناقلىرىدىن ئىمان كۈچى بىلەن ئۆتەلىسىلا، چوقۇم ئاللاھ ئۇنىڭغا بەخىت بېرىدۇ. ئاللاھ بەختىڭىزنى بەرسۇن، بۇ ئىشلارنىڭ ئاسان ۋە تىز ھەل بولۇشىغا ئاللاھنىڭ يول كۆرسۈتىشىنى تىلەڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37456
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2603
تۆھپە نۇمۇرى: 161
توردا: 1901 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:58:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

nima disam bola amdi??

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31413
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2417
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 11:12:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاراپ بىر ئىش قىلاسىز ئۆزىڭىز

ھەربىر قەدەمنى ياخشى ئويلۇشۇپ ئال !بوممىسا مەڭگۈ پۇشايمان ئىچىدە ياشايسەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30645
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1300
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2600 سائەت
تىزىم: 2011-2-16
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 01:50:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېخى باشلىنش ،ئۆگەي قىزىڭىز چوڭ بولفاندا ئاندىن بىلىسىز دەرت دىگەننى ،ھىلىتىن ۋاي ئاللا دىسىڭىز كىيىن قانداق قىلىسىز ،ئاتقا مىنگەشمەڭ ،مىنگەشسىڭىز كۆتۇم ئافرىدى دىمەڭ ،دەپتىكەن كونىلار....چىداملىق بۇلۇڭ...

يېرىم بوتۇلكا سۇ بەك شالاقلايدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23036
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3091
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1441 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 01:57:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە سىز توي قىلىشتىن بۇرۇن ياخشى ئويلىششىڭىز كىرەك ئىدى،چۈنكى مىنىڭ قارىشىمچە ئېككى پەرزەنتلىك بولغىچە بىللە ئۆتكەن ئەر -ئايالنىڭ نىمىلا بولمىسۇن بىر -بىرسىگە مىھرى بار دىگەن گەپ .قېينى ئانىڭىزمۇ قارىغاندا ئۇ ئايالنى خىلى ياختۇرسا كىرەك ،بولمىسا نىمىشقا ئۇ ئايالنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ سىزنى يامان كۈرۈپ قالىدۇ؟يەنە كىلىپ بالىنى خېلى ئۇزۇن مەزگىل سىزگە بەرمەپتۇ.،بۇ سىزنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىڭىزنى ئىتراپ قىلمىغانلىقىمۇ قانداق؟ئەسلى بالىنى باشتىلا سىزنىڭ تەربىيەرىڭىزگە تاپشۇرۇپ بىرىپ سىزنىڭ بالا بىلەن ھىسياتىڭىزنىڭ چۇڭقۇرلىشىشىغا پۇرسەت بىرىشى كىرەكتى.بۇمۇ بىر ئانچە توغرا چۈشۈنۈشكە بولمايدىغان تەرىپىمۇ نىمە؟دىمىسىمۇ بۇ باللاردا قەتئې گۇناھ يوق.ئۇ قىزمۇ دىمەك سېزنى ھازىرغىچە ئىتراپ قىلغۇسى كەلمەيدىكەن.ئەگەر سڭز داۋاملىق ئۆي تۇتۇپ قالغىدەك بۇلۇپ قالسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئۇ قىزغا يالغان ئەمەس ھەقىقى سەمىمى ئانىلىق مىھرىڭىزنى بىرىڭ.بىر نارىسسىدىنىڭ تىرىك يىتىم بۇلىشىدىنمۇ ئارتۇق ئازاپ يوق جاھاندا !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64828
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 197
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 06:24:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىسى ئۆيىڭىزنى تۇتۇپ قىلىڭ

مىسكىن قىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38349
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2114
تۆھپە نۇمۇرى: 165
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 06:34:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى    بۇنچە  چوڭايتقۇدەك  ئىشمۇ  يوقكەنتۇق  ............مىنىڭچە  سۇغۇققان بۇلۇڭ   ،،،،بۇنداق  ئىشلار  ھەممە ئائىلىدە  بار

www.kaqkuz.comسىلەرنى قارشى ئالىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48668
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 48
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2011-7-21
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 11:20:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىسام ئۇ ئايال مەخسىتىگە يېتەيلا دەپ قاپتۇ، ئۇچالغان داپقا ئۇسۇلنى خېلى قاملاشتۇرۇپ ئويناۋىتىپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69976
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 60
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2011-12-13
ئاخىرقى: 2011-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:57:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچىمۇ ئۇيڭىڭىزنى تۇتقىنىڭىز ياخشى دەيمەن ، بۇ ياكى سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىز بولمىسا ، نىمىشقا چىكىنىپ چىقىسىز ، ئىرىڭىزگە ، قېيىنئانىلىرىڭىزغا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئۇتۇڭ ، ھەتتا بۇرۇنقىدىنمۇ   ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇڭ ، ئۇگەي قىزىڭزغىمۇ شۇ ، ئۇ چوڭ بولغاندىن كىيىن بۇ ئىشلارنى چۇشۇنىدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش