مەن بىلىدىغانلىرىمنى قالدۇرۇپ قۇياي .
ماڭا بىر خېرىدار كونا يانفۇندىن بىرنى رىمۇنىت قىلغىلى بەرگەن بولسا مەلۇم سەۋەبتىن ئوڭشالمىغانلىرىنى (زاپچاس سېتىلىشى توختىغان ، ياكى بەك كۆپ رىمۇنىت قىلىنىپ يەنە ئىشلىتىش ئىمكانىيتى يوق ) بەزىلىرى بىكارغا قۇيۇپ قۇيۇپ كىتىدۇ ، بەزىللىرىنى ماركىسىغا قاراپ 10 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە ئېلىپ قالىمەن ، بەزىللىرىنى يېڭى يانفۇنلارغا تىگىشىپ بىرىمەن ، ئەلۋەتتە يانفۇننىڭ بازار باھاسى 400 يۈەن بولسا ئۆزىنىڭكىنى 100 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە ھىسابلاپ ئۇ تىلفۇننى 350 يۈەندىن 330 يۈەنگىچە نەخ پۇل ئېلىپ ئاندىن بىرىمەن ، ئۇ تىلفۇن 300 يۈەندىن كەلگەن بۇلىدۇ ئادەتتە ئىلىكتىرونلىق مەھسۇلاتلارنى ئالماشتۇرىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق ئالماشتۇرىدۇ ، ئەلۋەتتە ئىككى تەرەپ زىيان تارتمايدۇ ھەر ئايدا بۇنداق بىراك يانفۇنلار خېلى كۆپ يىغىلىپ قالىدۇ بۇ يانفۇنلارنىڭ ياڭراتقۇسى ، ئىكرانى ، مىكروفۇنى ، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى ... ئۈزۈم ئىشلىتەلەيدىغان زاپچاسلىرىنى ئېلىۋېلىپ ئاساسى تاختىسىنىڭ ھەر كىلوسىنى 200 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە (بىرى 50گىرام ئەتراپىدا كىلىدۇ )، داڭلىق ماركىلىق يانفۇنلارنىڭ ئىكران ۋە توپلاشتۇرۇلغان ئۆتكۈزۈش سىمىنى 20 يۈەندىن يۇقىرى باھادا پارچىلاپ سېتىۋېتىمەن (بىراك يىغىۋالىدىغانلارغا ) .
ئاڭلىشىمچە يىغىۋالىدىغان ئورۇنلار بۇنى يىغىۋېلىپ سىغىم ،قارشىلىق ،كوندىستاتۇر قاتارلىق كىچىك زاپچاسلىرىنىڭ (بۇلار ئاساسى زاپچاسلار ئەمەس ) يۇقىرى بېسىمدا ئېرىىتپ يىغىۋالىدۇ ، ھەمدە قايتا پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ . بۇ خۇددى چېقىلىپ كەتكەن سۇلياۋ چىلەكنى يىغىۋالغانلار قايتا ئېرىتىپ داس ياسىغاندەكلا ئىش ، بۇنداق ماترىياللاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىدىن مەسىلە كۆرىلىشى ناتايىن ... دەپ چۈشەندۈرگەن .
ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەسلىسىنىڭ قېپىنى ئوراپ ياكى باشقا قاپقا ئوراپ قاچىلىيالمايدۇ (دۆلىتىمىزنىڭ يانفۇنلىرىغا چىقىم كۆتۈرمەيدۇ ). چۈنكى ئىلىكتىرونلىق مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى ناھايتى تىز ، يانفۇنلارنىڭ زاپچاسلىرىنى خالىغانچە باشقا ماركىدىكى يانفۇنلارغا سالسا چۈشمەيدۇ . مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسىمۇ 2005 يىلدىن ھازىرغىچە ھەر يىلدا بىر ئىككى ئىقتىدارنى قۇشۇپ ئىشلەپ چىقىرىۋاتىدۇ . دۆلىتىمىز يانفۇنلىرىنىڭ 6218-6217 تىپلىق (2006-2007يىللىرىدىكى پەقەت سۈرەتسىز ناخشىلا ئۇقۇيالايدىغان يانفۇن ) مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىپ tf كارتا قوللايدىغان قىلىپ ئىشلىگەندىن كىيىن ناھايتى زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى ۋە ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ 6217-6218-6225-6219-6223.... بۇلارنىڭ ھەر بىرى ھەر بىرخىل يېڭى ئىقتىدارنى ئۆزىگە قۇشۇپ ئاپرىدە بولدى . (مەسىلەن ، چىكىلمە ئىكران ، قوش كارتا ، كۆرۈنمە چاستوتا ...)
كومپىيۇتېر ، DVD , تىلىۋېزور قاتارلىقلارنىڭمۇ ئىچىدىكى ئاساسى تاختا ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىچىك زاپچاسلىرىنىڭ قايتا پايدىلىنىش قىممىتى بار ، ھەم ئۇلار ئۇنى يىغىۋېلىپ زىيان تارتمايدۇ ، چۈنكى ھۈكۈمەتتىن تۇلۇقلىما پۇل بەرمىگەن ، ئۆزى شەخسى يىغىۋالغان تەقدىردىمۇ يىغىۋالغانلىرىنى قايتا پايدىلىنالايدۇ ، بىراق قايتا قاپقا ئوراپ بازارغا سالالمايدۇ .
دۆلىتىمىز دە ئەقلى مۈلۈك ھۇقۇقىنى بىلىدىغانلارنىڭ كۆپ بولماسلىقى سەۋەبىدىن ساختا مال كۆپرەك بولسىمۇ سېتىۋالغاندا قاراپلا بىلەلەيسىز ،دۆلىتىمىزنىڭ يانفۇنلىرىنى سېتىۋالغاندا باتارىيەسىگە ،ئېچىلىش سۈرئىتى ۋە ئىقتىدارىغا قاراپ ئېلىڭ ، ھەرگىزمۇ ئېغىرلىق ، ياكى ئاۋازىنى قوغلىشىپ سېتىۋالماڭ . ئەمەلىيەتتە سۈپىتى خېلى ياخشىلىرىمۇ بار . ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكىنىلىرىنى سېتىۋالغاندا ئۇيغۇرچە ماركىنى سېتىۋالسىڭىز قىممەتراق بولسىمۇ داڭلىق ماركىنى سېتىۋېلىڭ ، گەرچە ئۆزىنىڭ زاۋۇتى بولمىسىمۇ ، ئۆز شىركىتىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش يۈزىسىدىن ئۇلار باشقىلارنىڭ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەرجىمە قىلىدۇ ، ياكى ۋاكالىتەن بازارغا سالىدۇ ، سىز ، بىز قوللاپ بەرگەندىلا شۇلارنىڭ مەبلىغى كۆپىيىپ كىيىنچە ئاللاھ خالىسا ئۆزىنىڭ زاۋۇتىمۇ بۇلۇپ قالا . قىممەترەك بولمسىمۇ مەبلەغنىڭ ئىچكى قىسىمدا ئايلانغىنى ياخشى .
ئۇيغۇرتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان تىلفۇنلارنىمۇ ئىشلىتىپ قۇيۇڭلار ، مەن ۋاكالەتچى ئەمەس بىراق نەچچە يىلدىن بېرى تەرجىمە قىلىنغان يانفۇنلارغا قاراپ باقتىم ، ئاساسەن سۈپىتى ئىشەنچىلىك بىر ئىككى يىل خاتىرجەم ئىشلەتكۈدەك يانفۇنلار . ئەمما يېرىمى دىگۈدەك سىلكىنىشكە چىدامسىز . بۇ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان يانفۇنلارنىڭ كەمچىللىكى .
ماڭغا ئوخشاش دائىم قولىدىن چۈشۈپ كىتىدىغانلار ، نەگە كەلسە قۇيۇپ قۇيۇپ ئۇنتۇپ قېلىپ يۈتتۈرىدىغانلار باھاسى ئەرزان ، سۈپەتلىك ، ئانا تىلدىكى يانفۇنلارنى تاللىسا بۇلىدۇ ، پۇختا قۇراشتۇرۇلغانلىرى سىلكىنىشكە بەرداشلىق بىرەلەيدۇ .
رومان يېزىۋەتتىممۇ نىمە ...