ئەسسالامۇئەلەيكۇم
تولىمۇ بەلەن ئىشنى باشلاپسىلەر، گۇرۇپپاڭلاردىكى بارچە دوستلارغا رەھمەت ئېيتىمەن!
خەت نۇسخىسىنى بەك ياخشى تاللاپسىلەر، شۇنداق يېقىشلىق. ئىملاغىمۇ خېلى دىققەت قىپسىلەر. پاكىز، سۈپەتلىك چىقىپتۇ.
سەمىمىي تەكلىپىم:
1. ئەسلى كىتابنىڭ بارلىق بەتلىرىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ چىقىڭلار، يەنى كىرىش سۆز ياكى مۇندەرىجىنىڭ ئالدىدىكى، ئەڭ ئاخىرىدىكى نەشىر ئۇچۇرلىرى ئىنتايىن مۇھىم. كىتابنىڭ خەنزۇچە ئىسمى، نەشىر قىلىنغان ۋاقتى، نەشىرىيات، نەشىر نومۇرى...كېيىنچە بىزنىڭمۇ ئېلىكتىرۇنلۇق كۈتۈپخانىلىرىمىز قۇرۇلۇپ قالسا بەك ئەسقاتىدۇ، ئۇزۇن مەزگىللىك بىخەتەرلىك ئۈچۈنمۇ پايدىسى بار.
2. بەت ئەتراپىغا قويغان نەقىشلىرىڭلار زىيادىرەك بولۇپ قاپتۇ. ئاللاھ خالىسا ياسىغان كىتابلىرىڭلار ئۇزۇن يىللار قولدىن قولغا ئۆتۈپ ساقلىنىشى مۇمكىن، بېسىپ چىقىرىپ كۆرۈشكە لازىم بولغاندا ئاۋۇ نەقىشلەر سەل كۆرۈمسىز چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. مۇمكىن بولسا، پەقەت بەت ئۈستى ۋە ئاستىغىلا ئاددىي سىزىقىلىق نەقىشلەر قويۇلسا، گۇرۇپپا نامى بىلەن ۋاقىت يېزىلغىنى ئوبدان بوپتۇ.
3. ئىشنىڭ باشلىنىشىدا گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ كۆنۈشىگىمۇ ئاز-تولا ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇلارغا كۆپرەك ئىلھام بېرىڭ، مۇمكىن بولسا كۆپرەك كۈچ قوشقان ئەزالارمۇ نۆۋەتلىشىپ بۇ خىل تېمىلارنى يوللىسۇن، بۇنىڭ رولى چوڭ. ۋاقتىدا پۈتتۈرەلمىگەنلەرنىمۇ ئەيىبلەپ كەتمەڭ. ھەر قېتىملىق تېما ئاستىغا بارلىق گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئىسىمىنى چىقىرىپ قويسىڭىز، يېڭى قوشۇلغانلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالسىڭىز ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
4. مۇمكىن بولسا
http://www.1tpan.com/ ماۋۇنىڭدەك قولايلىقراق بوشلۇقلارغا يوللاپ قويساڭلار، قارىسام تورداشلار چۈشۈرۈشتە سەل قىينالغاندەك.
ئەجرىڭلار يەردە قالمايدۇ، ئىزچىل داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىز ۋە گۇرۇپپىڭىزدىكى بارلىق دوستلارغا خوشاللىق يار بولسۇن!