1
مەن ئۈلەر ھالەتكە يەتتىم ئېھ نامىزىم شەنبە كەل،
شەنبىگە ئۈلگۈرمىسەڭ شەپقەت قىلىپ يەكشەنبە كەل.
ئىككى ئالەمنىڭ چىراقى شۇ كۈنى تاپقان ۋۇجۇت،
مۇستاپانىڭ ھۆرمىتىدىن دىلبىرىم دۈشەنبە كەل.
نەس ئاتاپتۇ يەتتە كۈننىڭ ئىچىدە سەيشەنبىنى،
مۇستەجىپ بولغان دۇئانىڭ ھۆرمىتى چارشەنبە كەل.
نەچچە پەيشەنبە ئۈتۈپ كەلمەك مۇيەسسەر بولمىساڭ،
ئۆلگىنىمدە ياد ئېتەرسەن ئازنا كۈن تۇپراققا كەل.
2
بەندەڭ ئېرۇرمەن ۋاللاھۇ بىللا،
شامۇ سەھەرلەر مەن ساڭا شەيدا،
كەلدىم ئىشكىڭە دېپ شېيئۇن ئاللا،
كۆردۈم يۈزۈڭنى ئەلھەمدۇلىللا.
باقساڭ مېنىڭدەك دىۋانىلەرغە،
ئەقىل ھۇشىدىن بىگانىلەرغە،
ئىسيان چۆلىدە ئەۋارەلەرغە،
كۆردۈم يۈزۈڭنى ئەلھەمدۇلىللا.
مەستانە قىلغان شەھلا كۆزىڭدۇر،
دىۋانە قىلغان شېرىن سۆزىڭدۇر،
ئەپسانە قىلغان ئايدەك يۈزۈڭدۇر،
كۆردۈم يۈزۈڭنى ئەلھەمدۇلىللا.
ئىزلەپ يۈرەرمەن شامۇ ئىراقى،
تاپالمىدىم ئەسلا يارنىڭ سوراقى،
كۆيدۈردى دوسلار يارنىڭ پىراقى،
كۆردۈم يۈزۈڭنى ئەلھەمدۇلىللا.
مەشرەبكە تەگدى ئاھۇ نادامەت،
تا رۇزى مەھشەر ئايتۇر داۋامەت،
ھەريەردە بولساڭ بولغىن سالامەت،
كۆردۈم يۈزۈڭنى ئەلھەمدۇلىللا.
مەنبە: «شاھ مەشرەب ھەققىدە قىسسە»ۋە« قائىدە يۇسۇنلىرىمىز » ناملىق كىتابتىن ئېلىندى