مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: turkana312

بۇ زىدىيەتنى قانداق ھەل قىلسام بۇلار؟ماڭا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىگىتنىڭ سۆزى قە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17718
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7318
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 4832 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 02:51:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىڭىز تۇغۇلىشىغا يەنە بىر ئاي باركەن ، قاچاندا قارىسا كومپىيۇتېر ئالدىدا ئېنكاس يېزىپ ئولتۇرسىز ، كومپىيۇتېر راداكسىيەسى بالىڭىزغا تەسىر قىلىپ بالىغا زىيان يېتىشتىن ئەنسىرمىدىڭىزما ؟
بۇ مەسىلە مېنىڭ ھەدەمنىڭ بېىشىغا كەلگەن . ئاخرى ئۇلار ئاجىرشىمىز دەپ ، قىزىل قەغەزنى سىرىق قەغەزگە ئالماشتۇرىدىغان چاغدا ، بولدى ئاجىراشمايمىز قانداق قىلىساڭلار قىلىڭلار بىز ئوي تۇتىمىز دەپ ئوينى تاشلاپ چىقىپلا كەتكەن ..
نەچچە يىلغىچە ئۇلار تەنھا ياشىدى ، مانا ئەمدى ھەممىمىز شۇنداق ئېناق ئۆتىۋاتىمىز .. يۇرەك دىگەن ئىرىدىغان نەرسە تاش ئەمەس .
بۇ مەسىلىدە يەنىلا چوڭلارنى ئارىغا سىلىڭلار ..  ئاتا -ئانىڭىز ، قېيىن ئاتا قېيىن ئانىڭىز بەش ناماز نامازخان ئادەملەر بولسا ، مەھەلىنىڭ ئىمامىنى ياردەمگە چاقىرىڭلار ..
بەك بولمىسا ئۆينى ئايرىم تۇتۇپ ،بىشىڭلارنى ئىچىڭلارغا تىقىۋالساڭلار ، بىر مەزگىلدىن كېيىن چوڭلارنىڭمۇ ئاچىقى سەل يېنىپ قالار .. ئىجارە ئولتۇرساڭلارمۇ بەك قىممەت ئەمەسقۇ ھازىر .لېكىن قانداق ئامال ئىشلەتمەڭلار بالىنى ھەرگىز يېىتم قىلماڭلار ..

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم

Ceddin deden neslin baban Hep

باش رەسىمى نىقابلانغان

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1686
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55608
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 04:56:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3151
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9842
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 1037 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 06:15:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگمىدەك ئىشنى تۆگىدەك قىلىپ ئويلاپ،ئويلىغانچە قورقۇپ،خۇددى ئائىلىڭىز ھازىرلا بۇزىلىدىغاندەك تۇيۇلۇپ ئاخىرى مۇنبەردە مەسلىھەت سوراپسىزدە؟!
ئەگەر مەن ئۇيغۇر بولمىغان بولسام بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنىم''ئۇيغۇر ئانىلار بەك ساپاسىز،بەك شەخسىيەتچى،بەك قىلىقسىز ئىكەن ''دىگەنلەر بولار ئىدى.مەن ئۇيغۇر بولغاچقا ئۇيغۇر ئانىلارنى ياخشى چۈشىنىمەن،قايسىبىر ئانا كىچىككىنە ئىش تۈپەيلى پەرزەنتلىرىنى ئازابلاشنى خالايدۇ؟ ئاپىڭىز سىزنى ئاجراشتۇرىۋالىمەن دىدىمۇ؟قېينىئاپىڭىزمۇ ئۆيدىن چىق بۇ ئۆينى ئىككىڭگە تۇتقۇزمايمەن دىدىمۇ؟ ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ دىلىنىڭ يۇمشاقلىقىنى،پەرزەنتى ئۈچۈن جېنىنىمۇ ئايىمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. يولدىشىڭىز ئىككىڭلار ئىككى ئېغىزدىن تاتلىق گەپ قىلىپ،ئازراق كۆڭۈل چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار تۈگەيدىغان ئىش بۇ ئەسلى.
توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئادەمدە سەل پىسخىك تەييارلىق بولىدۇ. قانداق قانداق مەسلىلەرگە ئۇچرايمەن،قېينى ئانام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى قانداق ياخشىلايمەن،ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قانداق تەڭشەيمەن ...دىگەندەك مەسىلەن.مۇشۇ كىچىككىنە مەسلىنىمۇ قاندان بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇقالماي ئۆينى بۇزايمۇ تۇتايمۇ؟ ئاپامنى قانداق قىلاي؟قېينىئانامغا ئامراق ئىدىم...دەپ ئولتۇرغىنىڭىزدىن قارىغاندا ھېچنىمىنى ئويلاشمايلا ،ھېچقانداق تەييارلىقسىز توي قىلغان ئوخشىمامسىز؟ ھايات دىگەندە ئادەمنىڭ بېشىغا نى-نى تاغدەك قىيىن كۈنلەر كىلىدۇ،ھەممىگە بەرداشلىق بىرىپ،ھەممە مەسلىلەرگە يۈزلىنىپ ياشايمىز.كىچىككىنە مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلالماي،بولمىغان ئىشلاردىن ۋايىم يەپ ئۆزىڭىزنى ساراڭ قىلماڭ.بۇ ھاياتنىڭ يوللىرى،سىناقلىرى ئۇزۇن تېخى!
ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرۇپسىز سىزگە ئىنتايىن سەمىمى ئىككى تەكلىپ:
1.قوساقتىكى بالىڭىزنى ئاياڭ.كومپىيۇتۇر ردىئاتسىيىسىنىڭ يەتتە مېتىر ئارىلىققىچە تارقىلىپ بوۋاققا يامان تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
2.پەرزەنت تەربىيلەش بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈڭ.

yazik

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3151
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9842
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 1037 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 06:44:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر گەپ،سىز ھامىلدار ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق توسالغۇلار ۋە ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەمسىز ؟
تۆۋەندىكىلەر ھامىلدار ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق مەسلىلەر:
1.قورقۇش،جىدىلىشىش پىسخىكىسى
2.ئەسەبىلىشىش ياكى چۈشكۈنلىشىش ئالامەتلىرى(抑郁症)
3.كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىش،چېچىلىش،جىلە بولۇش
4.يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسى،بۇنداق ئەھۋالدا ھامىلدار ئايال يولدىشىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ۋاي قىلىشنى،ئەتراپىدا پەرۋانە بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ
5.گۇمانلىنىش،بولمىغان ئىشلارنى ئويلاپ چۈشكۈنلىش
يۇقىرىقى ئالامەتلەر قىسقارتىلىپ يېزىلدى.پىسخىكىلىق توسالغۇ ھەممە ھامىلدار ئايالدا كۆرىلىشى مۇمكىن،ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ پىسخىك ساپاسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئالامەتلەر بەزىلەردە يەڭگىل،بەزىلەردە ئېغىر بولىدۇ. ھامىلدار مەزگىلىدە ئۆينىڭ مۇھىتىنى پاكىز،ئازادە ساقلاش؛رادىئاتسىيەلىك ئەسۋابلار مەسىلەن تېلىفون ياكى كومپىيۇتۇر بىلەن ئامال بولسا ئۇچراشماسلىق؛مەنزىرىلىك جايلارغا كۆپ بېرىپ ھاۋا ئېلىش؛ھامىلىگە پايدىلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ يىيىش،ئەخلەت يىمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش زۆرۈر.
يەنە بىر ناھايىتى مۇھىم مەسىلە ھامىلە تەربىيىسىدۇر. ھامىلە تەربىيىسى ئادەتتە ئانا ھامىلدار بولغىنىنى بىلگەندىن باشلاپ باشلىنىدۇ.تۆت ئايلار ئەتراپىدا ھامىلىنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسى ئېچىلىدىغان بولغاچقا كىچىككەندە تۆتىنچى ئېيىدىن باشلاش كىرەك. سىز بالىڭىزغا ھامىلە تەربىيىسىنى قانچىنچى ئېيىدىن باشلاپ قانداق بەردىڭىز؟بالىنىڭ قايسى جەھەتتە ياخشىراق يىتىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ نىمىلەر قىلدىڭىز؟ مۇشۇ ھەقتە مۇنبەردىكى ئانا بولۇش ئالدىدىكى خانىملار بىلەن ئورتاقلىشىنى خالىسىڭىز ئىنشاللاھ ساق-سالامەت يەڭگىپ بولۇپ مۇشۇ تېمىڭىزغىلا ئىنكاس تەرىقىسىدە قالدۇرۇپ قويسىڭىز ياكى ئايرىم بىر تېما ئاچسىڭىز ؟

yazik

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107672
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6951 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 07:05:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6قەۋەتتىكى(geripnahxisi) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

مەنمۇ مۇشۇ پىكىرنى قوللاپ قالدىم . نىمە ئويلايدىغاندۇ بۇ چوڭلار. بالىلارغا ئۇۋالچىلىق بولىدىغىنىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ اللە ئۆزى ئوڭشايدۇ . سىز سالامەتلىكىڭىزنى بەكراق ئويلاڭ . چۈنكى دۇنيادىكى پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ئىچىدە بەقەت ئىنساننىڭ بالىسىلا قوساقتا تۇرۇپ سىرىتتىكى ئىشلارنى ئاڭلىيالايدۇ ھەم ھىس قىلالايدۇ . غەملەر بىلەن تۇغۇلغان بالا قورساتا تۇرۇپلا غەمكىنلىكنى ئۈگۈنىۋالىدۇ . اللە ئاسانلىقنى بەرسۇن سىڭلىم .

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

ھاياتلىق ئادەمن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35164
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 792
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 1378 سائەت
تىزىم: 2011-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 10:48:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

35قەۋەتتىكى(sefura) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

ئالدى بىلەن مىنىڭ تىمامنى ئوقۇپ سەمىمى مەسلىھەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن،مەن دەل شۇنداقراق مەسلىگە دۇچ كەلگەچكە سىلەردىن مەسلىھەت سورىغان،ھېلىمۇ مەن ئاز تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدىم،ئەمدى ھەممە گەپنى دەپ بولغىلى بولمايدىكەن،شۇ مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشىيەلمىگەن گۇناھ مەندە بار،دىدىمغۇ،ئوقۇش پۈتتۈرۈپ نەچچە ئاي بولمايلا توي قىلغان ئىدىم،ھەم ئىككى ئائىلە ئوتتۇرسىدىكى پەرىق بەكلا چوڭ بولغاچقا بەزى ئىشلاردا ھەقىقەتەن تەمتىرەپ قالغان ئىدىم،بۇنداق مۇناسىۋەت ھەقىقەتەن زىل بۇلىدىكەن،تورداشلارنىڭ سەمىمى مەسلىھەتلىرىدىن بەك تەسىرلەندىم،رەھمەت سىلەرگە!

تۈركەنە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66399
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 698
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 612 سائەت
تىزىم: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 02:31:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 27قەۋەت  بېھزات كە 2011-12-15 11:31 PMئەۋەتىلدى  :
ئەگەر ئانىڭىز سىزنىڭ بەختىڭىزنى ئويلىسا ،مەيلى گۇناھ كىمدە بولسۇن ،يۈزىنى قايرىپ قويۇپ ،قىيىنئاپىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئەپۇ سوراپ قويسۇن !!!ئەڭ ياخشى چارە مۇشۇ...
بۇ ئىنتايىن توغرا گەپ بوپتۇ.بۇ جاھاندىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىلا توغرىنى توغرا،خاتانى خاتا دەپ بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدىكەن،بەزىدە سىزنىڭ يۈزدە-يۈز توغرا بولسىمۇ ئامال يوق‹خاتالىغىڭىزنى› ئېتىراپ قىلىشىڭىزغا توغرا كىلىدىكەن،شۇڭا بۇ ئىشتا ئانىڭىز بەك كەڭ قوساقلىق قىلسۇن.كىيىنچە دىمىگەن گەپلەرنى دەۋاغىلى بولىدۇ.((   بولمىسا بىر ياخشى ئائىلىڭىز بۇزۇلىدۇ.يولدىشىڭىزنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان پوزىتسىيەسى پەقەت توغرا بولماپتۇ.ئەلۋەتتە ئانىسى تەرەپتە تۇرغىنى توغرا،لىكىن تاپقان بالىسىدىن كىچىمەن دىگىنى بىر ئەر كىشىنىڭ گېپى ئەمەستە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! ئۇ ئەگەر مەيدىسىدە تۈكى بار بىر ئەركەك بولسا بۇ ئىشلارنى چوقۇم توغرا بىر تەرەپ قىلالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67528
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 291
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 05:19:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز قىيىن ئانىڭىزنى بەك ئىلمى بىر مۇكەممەل ئايال دەپسىز . ئانىڭىزمۇ 3 بالىنى ئۆيلۈك -ئوچاقلىق قىلغان ،خېلى توختاملىق ئىلمى ئايال.دوپ يېزىپسىز.. بۇ مەسىلە سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك تۇرىدۇ.ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ بۇلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قويسىڭىز بولغۇدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72657
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-1-6
ئاخىرقى: 2012-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 05:07:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2011-12-15 09:16 PM
ئاڭلىشىمچە بىر كۆڭنەك قۇرۇپ بولغىچە ئاداۋەت ساقلىسا ي ...

بەزې  ئشلادا  ناھايتى  كەڭ  قۇرساق  بۇلغاننڭ  زينى يۇق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73223
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-1-15
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 04:38:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
真精神!!!!!!












SEO工具http://www.92seo.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش