مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: This.is.It

«تارىخى رەشىدىي» دىكى‹‹ئەلشىر نەۋائى›› غا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 02:04:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالماس ئەپەندىم:
ئەگەر تارىختىن ئازراق خەۋېرىڭىز بولسا «خەن » سۆزىنىڭ شىمالىي چى سۇلالىسى مەزگىلدە ھازىرقى خەنزۇلارنىڭ مىللەت نامى بولغانلىقىنى بىلىشىڭىز كىرەك ئىدى.تارىخقا تارىخىي كىتاپلاردىن پاكىت ئىزدەيمىز، بۇ ئەقىللى ساۋاتنىمۇ ئىنكار قىىلغىنىڭىز ، يەنە تىخى ناۋايى ياشىغان دەۋېردە ئۇيغۇرلار ئايرىم مىللەت ئەمەس ئىدى-دېيىشلىرىڭىز ئادەمنىڭ كۇلكىسىنى كەلتۇردۇ!

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 02:18:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنزۇ مىللىتىنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە كۆپىيىپ تەرەققىي قىلىشى
  
خەنزۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى بولغان يەندى(炎蒂) بىلەن (黄蒂)قەبىللىرى ئەسلىدەھازىرقى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىدا ياشايدىغان چىياڭ(羌)دىگەن بىر قەبىلىدە شەكىللەنگەن.كىيىنچە يەندى قەبىلىسى بىلەن خۇاڭدى قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كەسكىن ئۇرۇشلار،جەڭگى-جىدەللەردە يەندى قەبىلىسى خۇاڭدى قەبىلىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان.خۇاڭدى قەبىلىسى(خۇاڭدى ئەۋلاتلىرى)ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات ۋە ئۇرۇش(ناھايىتى زور قان تۆكۈش)ئارقىلىق ئوتتۇرا جۇڭگۇدىكى بىرمۇنچە قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنى ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىش(قۇشىۋېلىش)ھېسابىغا كىيىنچە(华夏)قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن.خۇاشىيا سۆزى گۈللەنگەن ئەل، ئېچىلغان يۇرت دىگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ،خۇاشىيالار بۈگۈنكى خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجداتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.  
خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجداتلىرى بولغان خۇاڭدى قەبىلىسى دۆلىتىمىز تارىخىدىكى شىيا(مىلادىدىن بۇرۇنقى21-ئەسىردىن، مىلادىدىن بۇرۇنقى16-ئەسىرگىچە)سۇلالىسى،شاڭ سۇلالىسى(مىلادىدىن بۇرۇنقى16-ئەسىردىن،مىلادىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىرگىچە)،جۇ سۇلالىسى(مىلادىدىن بۇرۇنقى11-ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى221-يىلىغىچە)دىن ئىبارەت ئۈچ سۇلالە مەزگىلىدە تازا تەرەققى قىلىپ ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋىرلىرىگە بارغاندا خۇاشىيا نامى بىلەن ئاتالغان.جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇ سۇلالىسىنىڭ ئەتىراپىدىكى قەبىلىلەر(شەرىقتىكى يى 夷 قەبىلىسى،جەنۇپتىكى مەن 蛮قەبىلىسى،شىمالى جۇڭگۇدىكى دى 狄قەبىلىلىرى)جۇ سۇلالىسى كىشىللىرىنى خۇاشىيا دەپ ئاتىغان.يېغىلىق دەۋرىگە كەلگەندە يەتتە چوڭ زومىگەر(يەتتە چوڭ بەگلىك)نى ئومۇملاشتۇرۇپ خۇاشىيالىقلار دەپ ئاتىغان.مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى چېن شىخۇاڭ پۈتۈن خۇاشىيا مىللىتىنىڭ يېزىقىنى(ھازىرقى خەنزۇ يېزىقى)،پۇللىرىنى،ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى،قاتناش يوللىرىنى،ھەرقايسى بەگلىكلەر چېگىرىسىغا ياسالغان سېپىل توساقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،خۇاشىيالىقلارنى ئورتاق تۈزۈم،ئورتاق مەدىنيەتكە ئىگە بولۇش ئىمكانىيتىنى ياراتتى.ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش،ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا سىياسى،ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىللىرىنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.چېن سۇلالىسى(مىلادىدىن بۇرۇنقى221-يىلىدىن،مىلادىدىن بۇرۇنقى206-يىلىغىچە)دەۋرىدە خۇاشىيالىقلار دىگەن نامنىڭ ئورنىنى چىنلىقلار(秦人)دىگەن نام ئىگىلىدى.ھازىرقى بىر قىسىم ماتىرياللاردا جۇڭگۇلۇقلارنى چىنلىقلار دەپ ئاتاش ئەنە شۇ چىن سۇلالىسى دىگەن نامدىن كەلگەنلىكى ئېنىق.خەنزۇ مىللىتى خەنزۇلار قۇرغان بۈيۈك خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە خەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى چېن سۇلالىسىنىڭ ھاكىميەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى تەجرىبە –ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ،خەن سۇلالىسىنى ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قۇدرەت تاپقۇزۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاسىيا قىتئەسىدىكى قۇدرەتلىك بىر ئېمپىريىگە ئايلىنىپ چىنلىقلار ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب كەلگەن.شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ تۆت ئەتىراپىدا ياشاۋاتقان ھەرقايسى سۇلالە خەلىقلىرى ئوتتۇرا جۇڭگۇدا ياشىغۇچى خەلىقلەرنى بۈيۈك خەن سۇلالىسىنىڭ نامى بىلەن خەنلىكلەر(汉人)دەپ ئاتاشقا باشلىغان،«تارىخ- مەدەنىيەت بىلىملىرى»ژورنىلىنىڭ 1984-يىللىق 8-سانىدا لىيۇ باڭ خەن سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كىيىن خەن سۇلالىسىگە خوشنا بەگلىك ياكى مىللەتلەر«خەنلىكلەر»دىگەن نامنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى«خەنلىكلەر»دىگەن نامنىڭ خەن سۇلالىسى كىشىللىرى دىگەن مەنانى بىلدۈردىغانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.دىمەك:بۈگۈنكى خەنزۇ مىللىتى دىگەن مىللەت نامى خەن سۇلالىسى دىگەن نامدىن كەلگەن ۋە ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا بۇ مىللەت نامى چوڭقۇر ئىجتىمائى مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق بولغان مىللەت نامى بولۇپ قالغان.  
خەنزۇ مىللىتىنىڭ كۆپىيىپ ئىلىمىزدىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى نوپۇسى كۆپ چوڭ بىر مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە ئېلىمىز تارىخىدا يۈز بەرگەن تۆت قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قۇشۇلىشى مۇھىم رول ئوينىغان.
دۆلىتىمىز تارىخىدىكى بىرىنچى قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ئېلىمىزنىڭ ئەمىنىيە(مىلادىدىن بۇرۇنقى770-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى476-يىلىغىچە)يېغىلىق(مىلادىدىن بۇرۇنقى 475-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلىغىچە)دەۋىرلىرىدە يۈز بەرگەن.ھەممىمىزگە مەلۇم خۇاشىيا قەبىلىسى جۇڭگۇدا ئەڭ بۇرۇن قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى جەمىيەتكە كىرگەن بىر قەبىلە بولۇپ،بۇ قەبىلە جۇڭگۇدا شىيا، شاڭ،جۇ سۇلالىسىدىن ئىبارەت قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنى قۇرغان.ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋىرلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان.خۇاشىيا قەبىلىسى ئۆز ئەتىراپىدىكى دى(狄)  چىياڭ (羌) يى(夷)مەن(蛮)قاتارلىق قەبىللەرنىڭ بىر قىسىمىنى تەدرىجى ھالدا ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىپ قۇشىۋالغان.چۈنكى خۇاشىيا قەبىلىسى جۇ سۇلالىسىدىن باشلاپ جۇڭگۇدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بىر قەبىلىگە ئايلانغان.شۇڭا جۇڭگۇدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئۇزۇن زامانلار جەريانىدا خۇاشىيا قەبىلىلىرى بىلەن قۇيۇق ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، سىياسى،ئىقتىسادى،مەدەنىيەت جەھەتتە خۇاشىيا قەبىلىسىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق ،ئاستا-ئاستا خۇاشىيا قەبىلىسىگە سىڭىپ كەتكەن.نەتىجىدە خۇاشىيا قەبىلىسى  ئەينى زاماندىكى جۇڭگۇ زىمىنىدا ناھايىتى كۈچلۈك ۋە كۆپ سانلىق بىر قەبىلىگە ئايلىنىپ ھازىرقى خەنزۇ مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس ياراتقان.
دۆلىتىمىز تارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى ئېلىمىزنىڭ ۋېي ،جىن،جەنۇب،شىمال(مىلادى190-يىلدىن 589-يىلىغىچە)سۇلالىلار دەۋرىدە يۈز بەرگەن.جۇڭگۇ تارىخىدىكى ۋېي،جىن،جەنۇب،شىمال سۇلالىلەر دەۋرى جۇڭگۇ مەدىنيىتى تۆت ئەسىرگە يېقىن داۋالغۇش،بۆلىنىش،تىنىچسىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن،جۇڭگۇ مەدەنىيىتى قۇتۇپلاشقان،.مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا كۆچۈشى،يۆتكىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.بىر قىسىم خەنزۇلار دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا رايۇنلىرىغا ئولتۇراقلاشقان،دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا رايۇنلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپلەپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقان.مەسىلەن،بۇ دەۋىردە دۆلىتىمىزنىڭ شىمالى ۋە غەربى شىمالىدا ياشىغۇچى ھونلار،سىيانپىلار،دىلار،چياڭ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تۈرلىك تارىخى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۈزلىكسىز تۈردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغا كۆچۈپ بېرىپ خەنزۇلار بىلەن قۇيۇق ئارلىشىپ،ئىشلەپچىقىرىش شەكلى،تۇرمۇش ئۇسۇلىدا خەنزۇ مەدىنيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدا غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.
دۆلىتىمىز تارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى ئېلىمىزنىڭ سۇڭ(مىلادى960-يىلىدىن 1279-يىلىغىچە)لىياۋ(مىلادى1271-1368)سۇلالىرى دەۋرىدە يۈز بەرگن.بۇ دەۋىرلەردە ئېلىمىزدىكى كىدان(قىتان)جۇرجىت،موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا لياۋ،جىن،يۈەن قاتارلىق كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان.بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مۇددەت چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان مەدىنيىتى ئانچە تەرەققى قىلمىغان،بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىغا كىرگەندىن كىيىن خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىلغار مەدەنىيتىنى قۇبۇل قىلىپ بارا-بارا ئۇلارغا سىڭىشقا باشلىغان.مانا شۇنداق ئۇبىكتىپ شەرت-شارائىتنىڭ پىشىپ يىتىلىشى بىلەن بۇ ھاكىميەت بېشىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ قىسىمى خەنزۇ مىللىتىگە قۇشۇلۇپ كەتكەن.  
دۆلىتىمىز تارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى مىڭ(مىلادى1368-1644) چىڭ(مىلادى1644-1911)سۇلاللىرى دەۋرىدە يۈز بەرگەن،بۇ دەۋىرلەردە ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ناھايىتى كۈچەيگەن.مەسىلەن،مانجۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىدا ئېلىمىز تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان مەنچىڭ خانلىقىنى قۇرغان بولسىمۇ ،بىراق خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىلغار مەدىنيەت ئامىللىرىنى قۇبۇل قىلىش ئاساسىدا خەنزۇلارغا قۇشۇلۇپ كەتكەن.چۈنكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئىچىدە كۆپلىگەن ئەمەلدار-تۆرىلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن نىكاھلىنىشى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان.بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى خەنزۇلىشىش يولىغا قاراپ ماڭغان ۋە خەنزۇلاشقان.
ئومۇملاشتۇرغاندا،دۇنيادا ساپ مىللەت يوق،خەنزۇلارمۇ ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا كىچىك قەبىلە ئىتتىپاقىدىن چوڭ،كۈچلىك قەبىلە ئىتتىپاقىغا،نوپۇسى ئاز بىر مىللەتتىن،نۇپۇسى كۆپ بىر مىللەتكە ئايلانغان.

مەنبە:شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى 2001-يىللىق1-سانى

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55775
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3882
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1524 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 03:49:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
18-قەۋەتتىكى تورداشقا!
مەن نەۋائىي ھەزرەتلىرىنى ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىدىن ئەمەس دىمەكچى ئەمەس ،بەلكى باشقا بەزى  قېرىنداش تۈركى مىللەتلەرنىڭمۇ نەۋائىي ھەزرەتلىرىنى ئەجدادىم دىيىش ھوقۇقى بار دىمەكچى .تار دائىرىدىكى مىىللەتچىلىك ۋە يۇرتۋازلىق قىلمايلى دىمەكچى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55775
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3882
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1524 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 04:00:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقىشچى ئەپەندى:
مەن دەسلەپ خەن نامى خەن سۇلالىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن دىسەم،بۇنىڭغا ئۇنىماي ھاقارەت قىلىدىغان سۆزدىن كەلگەن دەپ تۇرىۋالدىڭىز.ئەمدى يەنە خەن نامى خەن سۇلالىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن دىگەننى مۇئەييەنلەشتۈرۈپسىز.بۇ تۇتامسىزلىقمۇ ياكى بىپەرۋالىقمۇ؟
مەن تارىخى مەسىللەرگە نىسپەتەن تارىخى كىتاپلارغا مۇراجىئەت قىلىشنى ئىنكار قىلمىدىم،پەقەت بىر دىن-بىر ۋاستىسى ئەمەس دىدىم.بىر مەنبەئەگە ئېسىلىۋالماي كۆپ مەنبەئەلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلدىم.خاپا بولماي ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقارسىز!

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 04:10:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى مىللەتكە تەۋە بولىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغانىكەنمەن.
ھىچقانداق تارىخىي كىتاپتا ناۋايىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ئېنىق يىزىلمىغان. پەقەت مۇشۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تارىخىي رەشىدىي» دىلا ئۇنى ئۇيغۇر دەپ پۇتكەن.
شۇڭا ناۋايىنى باشقىلار تالاشسىمۇ بەرىبىر. ئۇ مەڭگۇ ئۇيغۇر !
بۇ تار مىللەتچىلىك ئەمەس، تارىخىي رىياللىق.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 04:26:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 22قەۋەت  almas8888 كە 2011-12-19 03:49 PMئەۋەتىلدى  :
18-قەۋەتتىكى تورداشقا!
=894343][/url]
يازمىنى تولۇق ئوقۇڭ، «خەن »نامى خەن سۇلالىسىنىڭ نامىدىن كەلمىگەن.
خەن سۇلالىسىدىن بۇرۇنمۇ جاھاندا خەنزۇلار بارىدى.پەقەت مۇشۇ سۇلالە ۋاقتىدا «شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ تۆت ئەتىراپىدا ياشاۋاتقان ھەرقايسى سۇلالە خەلىقلىرى ئوتتۇرا جۇڭگۇدا ياشىغۇچى خەلىقلەرنى بۈيۈك خەن سۇلالىسىنىڭ نامى بىلەن خەنلىكلەر(汉人)دەپ ئاتاشقا باشلىغان،».

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55775
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3882
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1524 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 04:46:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقىشچى ئەپەندىگە:
دىمەك:بۈگۈنكى خەنزۇ مىللىتى دىگەن مىللەت نامى خەن سۇلالىسى دىگەن نامدىن كەلگەن ۋە ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا بۇ مىللەت نامى چوڭقۇر ئىجتىمائى مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق بولغان مىللەت نامى بولۇپ قالغان.
...............................................
خاتالاشمىسام يۇقۇرىدىكى پارچىنى سىز يازغانسىز؟  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55775
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3882
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1524 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 04:55:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقىشچى ئەپەندىگە:
بىر ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى مىللەتكە تەۋە بولىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغانىكەنمەن.

......................................................
تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراپ باقاي! ئادەم ئەلەيھىسسالام قايسى مىللەتدىندۇ؟

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 05:40:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«مىللەت» سۆزىنى مۇشۇنداق چۇشۇنىمىزمۇ؟
توۋاھ..... تېمىدىن چىكىندىم !

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55775
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3882
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1524 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 05:51:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىسام توردىكى نامىڭىز ماتىماتىكا ئىكەن.قارىغاندا ماتىماتىكىغا ئۇستا ئوخشايسىز! ئەمما مۇنازىرىدە لوگىكا جەھەتتە ماتىماتىكلار سادىر قىلمايدىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلدىڭىز.قارىغاندا يېشىڭىز كىچىك ئوخشايدۇ! قىزىققانلىغىڭىزنى ھىساپقا ئالمىغاندا،بىلىمىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش