كىرورەن گۈزىلىنىڭ مىللىتىنى ۋە تارىخىي دەۋرى جەھەتلەردە نۇرغۇنلىغان كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى .
بىرى تارىخىي دەۋرىنى 5000 يىلدىن يۇقۇرى، يەنە بىرى 3800 يىل دەپ باھالىدى .
بىرى ئۇنى ھىندى - ياۋرۇپا ئېرقىغا تەۋە دىسە ، يەنە بىرى قوپۇپ ، ئاسىيا - ياۋرۇپا ئېرقىغا تەۋە دىدى .
كىرورەن گۈزىلىنىنىڭ رەسىمىنىمۇ بىرى ئورا كۆز ، قاڭشالىق ، قۇڭۇر چاچ ياۋرۇپا ئاياللىرىدەك سىزسا يەنە بىرى ئاسىيالىققا مايىل قىلىپ سىزدى
مېنىڭچە بولغاندا كىرورەن گۈزىلىنىڭ ئېرقىنى بەلگىلەشتە ئەۋرىشكىنى ياۋرۇپا ياكى ئامىرىكىدىكى نوپوزلۇق گىن تەتقىقەت ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ تەكشۇرسىلا ھەممە ئايان بولىدۇ . ئۇلار ئىنسانىيەت گىن خەرىتىسىگە سېلىشتۇرۇپ ، ئۇنىڭ قايسى رايۇن ، قايسى ئېرىققا تەۋە ئىكەنلىگىنى ھەتتا ھازىرقىي ئۇيغۇرلار بىلەن زادى قانچىلىك تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنىمۇ بىلگىلى بولىدۇ .