ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەپتەر ھەۋەسكارلىرى دوستلار!
بۈگۈندىن ئېتىبارەن تور نامىمىز
http://www.izgu.net قايتىدىن نورمال ئىشقا كىرىشتى، ئالدىنقى مەزگىللەردە تورداشلارغا كەلتۈرگەن قولايسىزلىقلىرىمىزدىن سەمىمى ئەپۇ سورايمىز!
نۆۋەتتە تور بېكەت ئېچىشنىڭ قائىدە تۈزۈملىرى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن بولۇپ، تور بېكەتلەرنى تىزىملىتىشتىكى ئەسلىدىكى تۈزۈملەر ئۆزگەرتىلدى، ھەقىقىي ئادەم نەق مەيداندا رەسىمگە چۈشۈش، كىملىكىنىڭ سايىلەنگەن نۇسخىسىنى جەزىملەشتۈرۈش، جەدىۋەل توشقۇزۇش، تېلىفون ئارقىلىق جەزىملەشتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار تەكشۈرۈلگەندىن كىيىن بېكىتىمىزنىڭ تەستىق نومۇرى يېڭىلاپ بېرىلدى، يېڭىلانغىچە بولغان ئىلتىماس سۇنۇش مەزگىلىدە تور بېكەتنى ئېچىش چەكلىنىدىغان بولغاچقا بېكىتىمىز نورمال ئېچىلمىدى، بۈگۈن سانائەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىكى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بېكىتىمىز ۋە بېكەت مەسئولىنىڭ كىملىكىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ تور بېكەت ئەنگە ئېلىش نومۇرىنى چىقىرىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بېكىتىمىز تور نامى
www.izgu.net نى نورمال زىيارەت قىلىشقا بولىدىغان بولدى.
شۇ مەزگىللەردە بېكىتىمىزنىڭ نورماللىشىشىغا كۆڭۈل بۆلگەن، بىزنى قوللىغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
مۇشۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا تورداشلارنىڭ ساغلام بولغان تور مۇھىتىنى يارىتىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بېكەت ۋە QQ توپىدا كەپتەرگە مۇناسىۋەتسىز ھەر قانداق بىر مەزمۇننى يوللىماسلىقىنى، بېكىتىمىزنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ ئەتىراپىدىكى ھەۋەسكارلارغا تونۇشتۇرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز!
نۆۋەتتە ماتېرىياللار جىددى كۆچۈرىلىۋاتىدۇ، باش رەسىم ۋە ئالبۇم رەسىملىرىڭىز ئەھمىيەتسىز دەپ قارىغانلىرى تازلىۋېتىلىپ قالغانلىرى ئەسلىگە كەلتۈرىلىدۇ.
«ئىزگۈ» كەپتەر ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى تور تېخنىكا گۇرۇپپىسى
2012-يىل 9-ئاينىڭ 17-كۈنى