ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت Imkan كە 2011-12-21 01:36 PMئەۋەتىلدى :
مەھەللىمىزدە بۇ پائالىيەتنىڭ خېلى داغدۇغىسى بولدى. بۇ پائالىيەت يېڭىدىن ئەۋج ئېلىۋاتقان ئېلىكتىرونلۇق قىمارخانىلارغا، تور ئويۇنلىرىغا ئۆگىنىپ قالغان بىرقىسىم ياشلارنى بۇ يەرگە باشلاپ كېلەلىدى. ئەركەكلىك قۇۋۋىتىنى سىنايدىغان چېلىشىشنىڭ شۇ مەيداندىكى چوڭلارنى، ياشلارنى، ھەتتا بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئەمىلىي بەدەن قۇۋۋىتى ھەققىدە ئاز-تولا ئويلنىشقا ئۈندىشى تەبئىي. چېلىشىشىتا يەڭگەن پالۋانلارنىڭ مەغرۇر قىياپىتى، ئۇلارغا ياغدۇرۇلغان خەلقنىڭ ئالقىشى ئوغۇللىرىمىزنىڭ قەلبىدە بەدەننى چېنىقتۇرۇپ كۈچەيتىش، ئاسراش ئىستەكلىرىنى ئازراق ئويغىتالىشى مۇمكىن. يىغىنچاقلىغاندا، مەھەللىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنىڭ ئەلگەخېلى پايدىسى تەگدى. بۇ ئىشنى تەشكىللىگەن سامساق ئۇستامنىڭ دىيانەتلىك ئوغلى قۇربانجان ئاكىغا تەشەككۈر!
ماگەپنى بەك ياخشى قىپسىز جۇمۇ مەنمۇ سىزدەك قاراشتا بوغاچ يوللاپ بۇلۇشقا ئۇزۇن ۋاقىت كەتسىمۇ بىر يوللاپ باقاي دەپ يوللىغان
ئەمدى خاتىرجەم يوللاۋەرسەم بۇغۇدەك ھە