جىررىڭ!!!!جىررىڭ!!!!!
تاتلىق ئۇخلاۋاتقانىدىم.كۆزۈمنى ئاران ئېچىپ كەلگەن نومۇرغا قارىسام يەنە لى ۋىنچاڭكەن.
-ياخشىمۇسەن؟،-دىدىم تېلىفوننى ئېلىپ كېرىلگەچ.
-ياخشى.قاتىللىق دىلوسى بارامسەن؟،-ئۇنىڭ ئاۋازىدىن جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى.
-باراي،-دىدىممەن كىسىپلا.لىۋىنچاڭنى جىددىلەشتۈرەلەيدىغان دىلو چوقۇم بوش دىلو ئەمەس.
-مەن بىنارىڭنىڭ ئاستىدا،تېزراق چۈش،-دىدى لى ۋىنچاڭ ئالدىرىتىپ.
-مانا ھازىر،-دەپ تېللىفوننى قويۇپلا ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن تەييارلىنىپ پەسكە يۈگۈردۈم.ئۇ پەستە ساقلاپ تۇرغانىكەن.
-نىمە ئىشكەن ؟بۇنچىلىك جىددىلەشكۈدەك؟،-دىدىم ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ياپقاچ.
-بىرىنى مىھمانخانىدا ئېتىۋېتىپ،20مىليون قىممىتىدىكى قاش تېشىنى بۇلاپ كىتىپتۇ.
-جىددىلەشكۈدەك ئىشكەن زادى،-دىدىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ.چۈنكى بۇ جىنايەتچى ھەقىقەتەن قارارام ئىدى .يولدا بىر ئېغىز گەپ قىلىشمىدۇق. شەھەر ئىچىدە 80لىك سۈرئەتتە مېڭىۋاتقان قارام شوپۇر بىلەن مىنىڭمۇ پەقەت پاراڭلاشقۇم يوق ئىدى.چۈنكى ماشىنىدا مەنمۇ باردە.....بىر دەمدىلا نەق مەيدانغا كەلدۇق.بۇ يەلكەن يولىغا جايلاشقان 6قەۋەتلىك ئالى مېھمانخانىكەن.دىلو 302-ئۆيدە يۈز بەرگەنىدى.بۇ ياتاق 580يۈنلىك سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ياتاق(商务套房) ئىكەن.ئۇنى بۇنى سورىغاننىڭمۇ جىق ئەھمىيىتى يوق ئىدى.چۈنكى كۈزەتكۈچتىن سوراش ئەڭ ئاقىلانىلىق ئىدى.شۇڭا ئۇدۇللانەق مەيدانغا كىرىپ كەلدىم.ئىشىكتىن كىرىپ سول قول تەرەپتە كىيىم ئاسىدىغان ئىشكاپ .ئوڭ قول تەرەپتە ھاجەتخانا كارىدوردىن كىرىشتە سول تەرەپتىكى تامغا چاپلاپ ئەڭ ئىچىگە بىر 4 كىشىلىك ياغاچ كىرىسلو قويۇلغان.كىرىسلونىڭ يېنىدىكى بولۇڭدا بىر بىخەتەر ئىشكاپ بولۇپ ،ئاغزى ئوچۇق،ئىچى قۇپقۇرۇق ئىدى .كىرىسلونىڭ ئالدىدا بىر ئەينەك ئۈستەل،ئۇنىڭمۇ ئۈستى قۇپقۇرۇق. كىرىسلونىڭ ئۇدۇلىدىكى تامغا تاقاپ بىر ئىشخانا ئۈستىلى قويلغان بولۇپ.ئۇنىڭ ئۈستىدە ساقاللىق كەلگەن پاكىزە كىيىنگەن 40ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەم تورۇسقا قاراپ ياتاتتى.ئۇنىڭ ئاغزى لاتىدا چىڭ چىگىۋىتىلگەن، كۆزلىرى پولتىيىپ چىققان بولۇپ،ئوق ئۇنىڭ پىشانىسىغىلا ئېتىلغانىدى.ئوق ئۇنىڭ پىشانىسىدىن ئۆتۈپ ئاستىدىكى جوزىنىمۇ تىشىۋەكەنلىكتىن قان ئۇدۇل يەرگە چۈشۈپ ئەتراپنى بىر ئالغانىدى.بەكلا قوقۇنۇشلۇق. ھەممە يەرنى بىر قۇر كۆزىتىۋەتكەندىن كىيىن،مۇنچىنىڭ يېنىدىكى ياتاق ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.بۇ ئۆي ئاددىلا بولۇپ بىر ھەشەمەتلىك كارىۋات قويۇلغان ،كارىۋاتنىڭ باش تەرىپىنىڭ يېنىغا بىر كىچىك ئۈستەل قويۇلغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلىغۇن قويۇلغان ،ئالدى تەرىپى ياتاقتىكى چىراقلارنى ئۆچۈرۈش ياندۇرۇش باسقۇچلىرى بىلەن تولدۇرۇلغانىدى.كارۋاتنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدىكى تامغا 42 دىئولۇق بىر تېلىۋوزر ئېسىلغان.توختىماي بىر نەرسىلەرنى خاتىرىلەۋاتقان لى ۋىنچاڭنى ئەگەشتۈرۈپ زالغا چىقتىم.تەكشۈرگۈچىلەرمۇ ئاساسەن ئىشتىن توختاپ بولغانىدى.
-ئۆلگىچى كىمكەن؟
-ئىسمى ئوغۇز ھاجى.41ياش.خوتەندىن.داڭدار قاشتېشى سودىگىرى.ئۈرۈمچىگە تۈنۆگۈن ئاخشام چۈشكەن.ئايالى كۈمۈشخانھاجىم.38ياش ،ئائىلە ئايالى.4بالىسى بار ھەممىسى ئوقۇغۇچى.......
-تاشنىڭ يوقالغىنىنى قانداق بىلدىڭلار؟
-قوشنا ياتاقتىكى تونۇشلىرى تاشنى بىلىدىكەن.
-ئوقچۇ؟،-دەپ سورىدىم تەكشۈرگۈچىدىن يەنە.
-مانا،-دەپ سولياۋ خالتىغا ئورالغان مىشەك بىلەن ئوق ئۇچىنى ماڭا ئۇزارتتى ئۇ .بۇ تەكشۈرگۈچىلەرمۇ مىنى تونۇپ كەتكەنىدى.
ئوبدان زەن سالغاندىن كىيىن ئۇنى قايتۇرۇپ بەرگەچ:
-ئاياق ئىزىچۇ؟،-دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-ئۆلگۈچىنىڭلا بار ئىكەن.
-بارماق ئىزىچۇ؟
-پەلەي كىيىۋالغاندەك قىلىدۇ.لىكىن ئۆلگۈچىنىڭ بوينىدا بوغۇلغان ئىز باركەن.ئوتتۇرا بارمىقى يېرىمدەك قىلىدۇ.
بېرىپ ئۆلگۈچىنىڭ بوينىدىكى قولنىڭ ئىزىغا سىنچىلاپ سەپ سالدىم.بوينىدىكى قولنىڭ ئىزى سۈبھىسىز بىر قاۋۇل ئەركەكنىڭ قول ئىزى ئىدى .ئاندىن لىۋىنچاڭنى باشلاپ نەق مەيداندىن كارىدورغا چىقىپ ياندىكى
ياتاقنىڭ ئىشىگىنى چەكتىم.
-كىم؟
-دىلو توغۇرلۇق سورايدىغان گەپ بار ئىدى..
ھايالشىمايلا 25 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر بالا ئىشىكنى ئېچىپ بىزنى ئىچىگە باشلىدى.بۇ بىر ئىككى كارۋاتلىق ياتاق ئۆي ئىكەن .ئوڭ تەرەپتىكى
كارۋاتتا 50ياشلار چامىسىدىكى ساقاللىق بىر ئادەم بېشىنى ساڭگىلتىپ ئولتۇراتتى.لى ۋىنچاڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇردۇق.
ئۇ ئادەم بېشىنى كۆتۈرۈپ بىزگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن قۇيۇق خوتەن شىۋىسىدە ئۆزى بىلىدىغان جەريانلارنى ئۆزلىگىدىن سۆزلەشكە باشلىدى:
-دىيەنشى كۆرۆپ خىيالى ئولتۇراتتىم .باشتا بىر نەرسە ئۆرۈلگەندەك قىلدى.ئاندىن پاڭ قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.يۈگۈرۈپ چىقىپ ئوغۇز ھاجىمنىڭ
ياتىقىغا كىرسەم ..،-دىيىشىگىلا ئۇنىڭ گېپىنىڭ بىلىگە تەپتىم.
-زالدا ئادەم بارمىكەن؟
-لىفىت ئالدىدا بىر موماي باركەن.
-داۋامىنى سۆزلەڭ.
-كىرسەم شۇ ھاجىم ئۆلۈپ بوپتۇ،-دەپ كۆزىگە ياش ئالدى ئۇ.
-سىلەر تونۇشقىلى قانچىلىك بولدى؟
-ئۇزۇن بولدى.خوتەندە ئۆيىمىز بىر مەھەللىدە.
-ئۆلگىچىنىڭ مىجەز-خۇلقى قانداق ئىدى؟
-قويدىنمۇ ياۋاش ،چۈمۈلىگىمۇ ئازار بەرمەيدىغان ئادەم ئىدى.
-يۈتكەن تاشنى سىز كۆرگەنمۇ؟
-شۇنداق .تىگى ئاق ئۈستىدە بىرى سىزىپ قويغاندەك قاتار باش تال قارا سىزىقى بار تاش ئىدى...ئادەتتە بۇنداق تاشلارنى چىڭ خو دەپ قويىمىز.ھاجىم ئالدىنقى ھەپتە تېخى 20مىليونغا ساتمىغانىدى.
-ئېغىرلىقىچۇ؟
-ئالتە كىلو دىگەندەك قىلىۋىدى.
-ئېنىقمۇ؟
-شۇنداق ،-دىدى ئۇ بىردەم ئويلىنىۋەتكەندىن كىيىن.
-رەھمەت...ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇقتۇردۇڭلارمۇ؟
-ياق..ئاۋۋال مىيىتنى ئوغلۇم بىلەن خوتەنگە ئاپىرىپ ئان خەۋەر قىلاي....
-ياخشى ئويلاپلا،-دىدىم ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا قايىل بولۇپ.ئاندىن بوۋايغا جەسەتنى ئېلىپ ماڭسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن
خوشلىشىپ يېنىپ چىقىپ،مىھمانخانىنىڭ كۈزىتىش ئۆيىگە قاراپ ماڭدۇق.بىر ئازدىن كىيىنلا كۈزەتكۈچ خاتىرىسىدىن قاتىلنى تېپىپ چىقتۇق.
قاتىلنىڭ دەل ھېلىقى ھېلىقى ئادەم كۆرگەن موماي ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى.ئۇنىڭ دەرۋازا ئۈستىدىكى ،لىفىتتىكى،ۋە زالنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى
تۆت كامىرادىن تارتىلغان بارلىق كۆرۈنۈشلەرنى كىسىپ،تىلىفۇنغا قاچىلىۋېلىپ يېنىپ چىقتۇق.
بۇ قاتىل ھەقىقەتەن ھىلىگەر ئىدى.ئۇ ئايىغىنى سولياۋدا ئوراپ ،روپاچ موماي قىياپىتىدە سالماق لىفىتقا چىقىپ ئاندىن كىيىن قولىغا پارچە پۇللارنى تۇتىۋېلىپ ئۆلگۈچىنىڭ ئىشىگىنى قاققان.ئۆلگۈچى ئىشىكنى ئاچقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا قورالنى تەڭلەپ ئاغزىنى
لاتا بىلەن چىگىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭغا تاشنى ئالغۇزۇپ ،ئاندىن سول قولىدا ئۇنى ئۈستەلگە بوينىدىن بېسىپ تۇرۇپ مېڭىسىگىلا ئاتقاندىن كىيىن، تاشنى ئېلىپ دەرھال نەق مەيداندىن چىكىنگەن.بۇ دىلودا روپاچ موماي قىياپىتىدە ياسىنىۋېلىش ھەقىقەتەن بىر ئاقىلانىلىق.مۈكچىيىش ئۇنىڭ
بوي ئىگىزلىگىنى،يۈزىدىكى چۈمبەل كامىرالاردىن چىرايىنى،ئۇزۇن ھەم كەڭ ئابايى ئايىقىدىكى سولياۋ ،تاپانچا ۋە 6كىلوگىراملىق تاشنى بىمالال يوشۇرۇپ قالغانىدى.دىمەك كامىرا بولغان بىلەن بىز ئۇنىڭ ھېچنىمىسىنى بىلمەيتتۇق.
-قانداق قىلىمىز،-دىدى لىۋىنچاڭ تىت تىت بولۇپ.
-ئىز قوغلايمىز شۇ....
-قانداق قوغلايمىز؟
-يۇلغۇن يولىدا كامىرادىن تولا نەرسە يوق.يۈر...
پەسكە چۈشۈپ مېھمانخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ساڭناغا قىرىپ ئۇلارنىڭ يولغا قارايدىغان كۆزەتكۈچ خاتىرىسىىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدۇق.
-سائەت قانچىنىدىن باشلايمىز؟،-دەپ سورىدى لىۋىنچاڭ كومپىيوتۇردا مەشغۇلات قىلغاچ.
-دىلو يۈز بەرگەن ۋاقىتتىن ئون مىنۇت بۇرۇندىن تارتىپ قوي.بۇ ‹‹موماي››زادى نەدىن كەلدى بىر ئۇقۇپ باقايلى.
بۇ ئون مىنۇت ئىچىدە ‹‹موماي››يوق ئىدى.20مىنۇتقا ئاپارساقمۇ چىقمىدى.قارىغاندا ئۇ بۇ ياقتىن كەلمىگەندەك قىلاتتى.شۇنىڭ بىلەن ساڭنادىن چىقىپ مىھمانخانىنىڭ سول تەرىپىدىكى يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كۆزەتكۈچ خاتىرىسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدۇق.بۇنىڭدا ‹‹موماي››نىڭ ئۆتۈپ كىتىۋاتقان كۆرۈنىشى ئېنىق بار ئىدى.ئۇنىمۇ كىسىۋېلىپ بانكىنىڭ سول تەرىپىدىكى دوختۇر خانىنى كۈزەتتۇق.ئۇنىڭدىمۇ باركەن.شۇ يولنى بويلاپ
تەخمىنەن 200مىتىر ماڭغاندىن كىيىن موماي غايىپ بولدى.دەرھال شۇ ئەتراپتىكى بارلىق كامىرالارنى كۆزەتتۇق.ئۇ ئەسلى شۇ يەردىكى ئىككى تەرىپىگە بىنالار جايلاشقان بىر كوچىغا كىرىپ كەتكەنىدى.كوچىنىڭ ئۇدۇلى بىر تام بولۇپ يەنە بىر تەرىپى مەكتەپ ئىدى.بۇ تامنىڭ ئۈستىگە سىم تور تارتىلغان بولۇپ ،سىنچىلاپ قارىسام سىمدا ھېچ بېسىلغان ئىزيوق ئىدى..دىمەك ئۇ تامدىن ئارتىلمىغانىدى.بەلكىم ئۇ بىرەر ئۆيگە يوشۇرنىۋالغان
ياكى بىنانىڭ ئۆگزىسى بىلەن باشقا تەرەپكە قاچقان بولۇشى مۇمكىن.بۇلارنى تەپسىلى تەكشۈشۈرۈش بىر ئاۋارىچىلىق ئىش ئىدى.بولدىلا..ئۇ نەگە
كەتتى شۇنى بىر تەكشۈرۈپ باقاي.ئۇ ‹‹موماي›› كەلگەن تەرىپىگە قاچقان ئىدى.يەنە شۇ 200مىتىدا ئۇ يەنە يوقاپ كەتتى.ئامالسىز بىنا ئۈستىگە
چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم.ياخشى بولغىنى بۇ كوچىنىڭ ئىككى يېنىدىكى بىنالار ئوخشاش 22قەۋەتتىن سېلىنغان بولۇپ ئەتراپىدىكى بىنالاردىن خېلىلا ئىگىز ئىدى.دىمەك ئۇ چوقۇم مۇشۇ بىنالارنىڭ بىرەرىگە يوشۇرۇنىۋالغان ئىدى.بارلىق لىفىت خاتىرىسىنى ئاختۇرغاندىن كىيىن ئاخىرى ئۇنى 3- بىنانىڭ لىفىتىدىن تېپىۋالدىم .ئۇ 15-قەۋەتكە چىققانىدى.15-قەۋەتتىكى ئۆيلەرنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ گۇمان 1505- نومۇرلۇق ئۆيگە مەركەزلەشتى.بۇ ئۆي قىممەت باھادا بىر ئايلىقلا ئىجارىگە ئېلىنغان ئىكەن.لىكىن قوشنىلىرى بىر ئاي جەريانىدا بىرەرىنىڭ كىرىپ چىققىنىنى كۆرمەپتۇ.ئۆي ئىگىسىدىن سورىساق ئىجارىگە ئالغان 35ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر ئىكەن.لىكىن ئۇ ئىجارىگە ئالغۇچىنىڭ تەققى-تۇرقىنى پەقەتلا ياخشى تەسۋىرلەپ بېرەلمىدى.ئۆي ئىگىسىدەتوختام تۈزگەندە ئېلىپ قالغام كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى بار ئىكەن ئۇنى دەرھال ج خ ئىدارىسىغا يوللىدۇق.بىر دەمدىن كىيىن كىملىك
يوقالغان كىملىككەن.كىملىكتىكى ئادەم پەيزىۋاتتىكى بىر ئاددى دىخان ئىكەن دىگەن جاۋاپ كەلدى.سۈرۈشتۈرسەك ئۆي ئىجارىسى ئۈچۈن بېرىلگەن پۇل خېلىلا كۆپ بولغاچقا ئۆي ئىگىسى كىملىككە ئانچە دېھقەت قىلماپتۇ .ئۆي ئىگىسىدىكى زاپاس ئاچقۇچ بىلەن ئۆيگە كىردۇق.ئۆي قوپقۇرۇق بولۇپ ،كەڭ مېھمانخانىنىڭ ئوتتۇرىدا ھېلىقى ‹‹موماي››نىڭ كىيىملىرى بىلەن يەنە بىر قۇر قارا رەڭلىك ئەرەنچە شىم-كاستۇن بار ئىدى.دىمەك ئۇ بۇ ئۆيدە كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ باشقىچە ياسىنىپ چىقىپ كەتكەن شۇڭلاشقا كامىرادىن غايىپ بولغان ئىكەن.يەنە كۈەتكۈچ خاتىرىسىدىن 15-قەۋەتتىن چۈشكەنلەرنى كۈزىتىشكە باشلىدۇق.گۇمان بويى 1.75سانتىمىتىر ئەتراپىدىكى كۆك رەڭلىك كۆينەك كىيگەن،يۈزىنى يۆگىۋالغان بىر ‹‹ھامىلدار ئايال››غا مەركەزلەشتى.چۈنكى بۇ ئايالنى 15- قەۋەتتىكىلەردىن ھېچكىم تونۇمايدىكەن.ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ‹‹ھامىلە››چوقۇم ئاشۇ قاشتېشى.ئەمدى ھامىلدار ئايالنى قوغلاشقا باشلىدۇق.ئۇ 100مىتىر مېڭىپلا بىر قارا رەڭلىك چىيا ماشىنىغا چىقىپ كۆزدىن غايىپ بولدى.ماشىنىنىڭ نومۇر تاختىسى ئېلىۋىتىلگەنىدى.ماشىنىنى قاتناش ساقچىلىرىغا خەۋەر قىلىۋىدۇق.ئۇ ماشىنا 2كىلومىتىر يىراقتىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختۇتۇلۇپ قويۇپتۇ.ماشىنىنىڭ ھېچقانداق رەسمىيىتى يوقكەن.
-ئاناڭنى!!!!ھەجەپ كولدۇرلاتتا،-دىدى لى ۋىنچاڭ چىچاڭشىپ.
-بولدى چىچاڭشىما بىزدە تېخى مانىڭ بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ بوي ئىگىزلىكى بار،-دەپ ئۆيدىن تېپىۋالغان شىم-كاستومنى كۆرسەتتىم ئۇنىڭغا.
-بۇنىڭ بىلەن قانداق ئىزدەيمىز؟
-ئىش ئېنىقلا.قاتىل بۇ ئۆيگە ‹‹موماي››نىڭ كىيىمى بىلەن ‹‹ھامىلدار ئايال››نىڭ كىيىمىنى دىلودىن ئاۋۋال قويۇپ قويغان.ئاۋۋال ئۇ كاستۇم كىيىپ بۇ ئۆيگە كىلىپ ،شىم كاستۇمنى ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ.موماي قىياپىتىدە ياسىنىپ چىقىپ دىلونى سادىر قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۆيگە قايتىپ ھامىلدار قىياپىتىدە ياسىنىپ ،چىقىپ كەتكەن،ئەمدى ئەتراپتىكى كامىرالاردىن مونۇ كاستۇمنى كىيگەن 1.75ئۆپچكۆرىسىدىكى ئادەمنى ئىزلەيمىز،-دىگەچ يەنە 3-بىناغا قاراپ ماڭدىم.ئۇنىڭ لىفىتتا ئۆيگە چىققان كۆرۈنىشىنى ھايال ئۆتمەيلا تاپتۇق.شۇلىقى ئېنىق ئىدى ،لىكىن يۈزى پۈتۈنلەي كۆيۈك ئىزى ئىدى.ئۇنى يەنە ئىز قوغلاپ تەكشۈردۇق .ئۇ كوچىنىڭ ئاغزىدىكى يولنىڭ بويىدا تاكسىدىن چۈشكەنىكەن .تاكسى نومۇرىمۇ ئېنىق.
تاكسى شوپۇرى بىلەن ھايال ئۆتمەيلا ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى دىۋىدۇق ئۇ بىزگە ئاكتىپلىق بىلەن بىزنى ئىزدەپ كەلدى.ئۇ ئورۇق ئاقپىشماق كەلگەن بويى 1.70ئەتراپىدىكى خەنزۇ شوپۇر ئىدى.قارا كاستۇم-بورولكا كىيىۋالغان يۈزلىرى كۆيۈپ كەتكەن خېرىدارى ئۇنىڭ ئېنىق ئىسىدە بار ئىكەن. ئۇ بىزنى ھايالشىمايلا ئۇ تاكسىغا چىققان ئامما كىنوخانىسى ئالدىغا ئەكىلىپ قويدى.ئىز قوغلاش يەنە باشلاندى .ئۇ ئەڭ بېشىدا ‹‹ئەلىيول-ئەلا››
گۈللىكىنىڭ ئىچىدن چىققانىدى. بىز بۇ مەھەللىدىكى بارلىق ئوتتۇرا بارمىقى ئۈزۈكلەرنى تەكشۈرۈشكە باشلىدۇق.تەلىيىمىزگە بۇنداق ئادەمدىن بىرىلا بار ئىدى.يەنە كىلىپ 34ياش.بويى 1.76.ئۇ 2-بىنادىكى 202-ئۆيدە ئولتۇرىدىكەن.كەسپى قاشتېشى سودىگىرى ئىسمى رىغبەت ئىكەن.
-يۈزى ساقكىنا بۇنىڭ؟،-دىدى لى ۋىنچاڭ ئۇنىڭ مەھەللە ئىش باشقارمىسىدىكى رەسىمگە قاراپ ئەجەپلىنىپ .
-موماي بىلەن ھامىلدارنى ئۇنچىلىك قاملاشتۇرغان يەردە بۇنى ئوڭشىماق تەس ئەمەس،يۈر ئۇنى يوقلاپ چىقايلى.لىكىن ئېھتىيات قىل ئۇنىڭدا قورال بار.
ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ ئىشىكنى چىكىپ قويۇپ ساقلاپ تۇرىۋىدۇق.ئىشىكنى دەل بىز ئىزدەۋاتقان رىغبەت ئاچتى.لى ۋىنچاڭ كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ
ئۇنىڭدىن سورايدىغان ئىش بارلىقىنى ئېيتتى.ئۇ ئىنتايىن تەبىئىي ھالدا بىزنى ئۆيگە باشلىدى.دەرۋەقە ئۇنىڭ سول قولىنىنڭ ئوتتۇرا بارمىقى يېرىملا ئىدى.ئۇبىزنى ئورۇندۇققا باشلاپ چاي قۇيغىلى مېڭىۋىدى مەن ئۇنى چاقىرىپ توختىتىۋېلىپ:
-بولدى چاي ئىچمەيلى.سىزمۇ ئولتۇرۇڭ رىغبەتكا سىزگە دەيدىغان گېپىمىز كۆپ-دىدىم قىزغىنلىق بىلەن.
-قېنى قۇلىقىم سىز دە،-دىدى ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچ.
مەن ئۇنىڭغا تاكسىغا چىقىپ ،3-نومۇرلۇق بىنادىكى1505-نومۇرلۇق ئۆيدە كىيم ئالماشتۇرۇپ ،ئادەم ئۆلتۈرۈپ ،قاشتېشىنى بۇلاپ چىقىپ،يەنە كىيىم ئالماشتۇرۇپ ھامىلدار قىياپىتىدە ياسىنىپ چىيا ماشىنىنى ھەيدەپ قېچىپ كەتكەنلىكىگىچە ھەممىنى سۆزلەپ بېرىپ ،ئەڭ ئاخىرىدا:
-ئاكا ئەڭ ياخشىسى قورال بىلەن تاشنى تاپشۇرۇڭ.بىز سىزنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ يوللاپ قويايلى،قانداق؟-دەپ گەپنى ئاخىرلاشتۇردۇم.
ئۇ قىلچە ھودۇقماستىن:
-سىلەرنىڭ مىنى قىلدى دەيدىغانغا ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق.ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن دەۋاتقان ئىشلار يۈز بەرگەندە،مەن ئۆيدە بېيجىڭلىق بىر خېرىدارىم بىلەن سودا قىلىۋاتقانىدىم.ئۇ ماڭا ئىسپات بولالايدۇ.سىلەر پقەت پەرىزىڭلارغا تايىنىپلا مىنى قاتىل دەۋالساڭلار بولامدۇ؟،-دىدى ئۇ غەزەپلىنىپ.
-ئۇ ھازىر نەدە؟
-ئايروپىلاندىمىكى ..ئۇچۇپلا يۈرىدۇ ئۇ.
-تېلىفۇن نومۇرى؟
-23899922999
-ئىسىم-فامىلىسى؟
-جاڭ يۈن.
-زىمىن سودىگىرى بولمىسۇن يەنە؟
-لوڭدا زىمىنچىلىقىنىڭ خوجايىنى جاڭ يۈن شۇ،-دىدى ئۇ ماڭا مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ.
بۇ جۇڭگودىكى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدىكى باينى تونۇمايدىغان ئادەم ئىنتايىن ئاز ھەقاچان...ئەگەر راسلا ئاشۇ گۇۋاھلىق بەرسە،بۇ دىلونى قايتىدىن ئويلانماي بولمايتتى.چۈنكى نەچچە يۈز مىلياردقا كۈچى يىتىدىغان ئۇنداق بايلار باشقىلار ئۈچۈن يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشنى پەقەتلا خالىمايدۇ.تېلىفۇن ناھايىتى تەستە ئۇلاندى.تىلىفۇننى لىۋىنچاڭ ئۇرغانىدى:
-مەن ئۈرۈمچى ج خ ئىدارىسىدىن لى ۋىنچاڭ بولىمەن،سىزدىن ئىگىلەيدىغان ئاھۋال بار ئىدى،-دىدى ئۇ تىلىفۇننى ئېلىپلا.
-تېزرەك بولۇڭ ،مەن بەك ئالدىراش ئىدىم،-دىدى جاڭ باش دېرىكتور سىپايىلىق بىلەن.
-سىز ھازىر نەدە؟
-لەنجۇدا.
-بۈگۈن سائەت 10دىن 10يېرىمغىچە سىز نەدە ئىدىڭىز؟
-ئۈرۈمچىدە ،بىر ئاز سانلىق مىللەت دوستۇمنىڭ ئۆيىدە قاشتېشى ئېلىۋاتقان ئىدىم.
-ئىسمى نىمە؟
-رىغبەت.
-سىلەر كۆرۈشكەن ئۆينىڭ نەدىلىكىنى ئېسىڭىزگە ئالالامسىز؟
-ئامما كىنوخانىسىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئولتۇراق رايونىدا.قايسى بىنالىقى ئېسىمدە يوق لىكىن 2-قەۋەت.
-رەھمەت ،سىز بىلەن يەنە ئالاقىلىشىشىمىز مۇمكىن.
-بولىدۇ ،ماقۇل ئەمىسە،-دەپ تېلىفوننى قويۇۋەتتى جاڭ يۈن.
يىپ ئۇچى يەنە ئۈزۈلۈپ قالدى.
-چايمۇ ئىچكىڭلار يوقكەن.ئۇنداق بولسا مەن ئارام ئالاي،سىلەرمۇ چىقىپ قاتىلنى تۇتۇڭلار-دىگەچ ئەسنەپ قويدى رىغبەت.
-ماقۇل ئاكا ئاۋارە قىلىپ قويدۇق،-دەپ ئىززىتىمنى ساقلاپ لى ۋىنچاڭنى باشلاپ تېشىغا ماڭدىم.بۇ بىر غەلىتە ئىش بولۇپ قالدى.چۈنكى بارلىق ئىسپاتلاردىن قارىغاندا قاتىلنىڭ رىغبەت بولۇشى ئېھتىماللغا ناھايىتى يېقىن ئىدى.لىكىن ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى بار....ئۇنىڭ ئۈستىگە تاكسى شوپۇرىمۇ
ئۇنىڭ ھەقىقى يۈزىنى كۆرمىگەن.ئىىكى ساقچىنى رىغبەتنى مەخپى نازارەت قىلىشقا قويۇپ قويۇپ يەنە 3-نومۇرلۇق بىناغا قاراپ ماڭدۇق.ۋە 1505-ئۆينىڭ ئىگىسىنى تېپىپ رىغبەتنىڭ رەسىمىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتۇق.ئۇ رەسىمگە سىنچىلاپ قارىغاندىن كىيىن:
-ئەمەسكەن.بۇ رەسىمدىكىسى كوسا ئادەمكەن ،ئىجارىگە ئالغىنى بىر بۇرۇتلۇق ئادەم ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئادەم بۇ رەسىمدىكىدىن قاراراق.
-يۈز شەكلىچۇ؟مەسىلەن قاڭشار،كالپۇك ،كۆز دىگەندەك،-دىدىم يەنە ئۈمىد ئۈزمەي.
-بۇنىڭغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن.
يىپ ئۇچى يەنە ئۈزۈلدى.قاتىلنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ھېچ قايسىسى ئېنىق جەزىملەشتۈرەلمەيۋاتاتتى.تاكسى شوپۇرىمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ،ماۋۇ ئۆي ئىگىسىمۇ شۇ......تۇيۇقسىز بىر ئىش ئىسىمگە كەلدى..ئەمەلىيەتتە ئۈمىدمۇ چوڭ ئەمەس ئىدى.شۇنداق بولسىمۇ بىر جەزىملەشتۈرىۋېتىش ئۈچۈن
رىغبەتنىڭ رەسىمىنى تېلىفۇندا جاڭ يۈنگە ئەۋەتىپ بېرىپ كەينىدىن لى ۋىنچاڭنى ئۇنىڭغا تېلىغۇن ئالغۇزدۇم.
-سىزنى يەنە ئاۋارە قىلدىم...رەڭلىك ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى لىۋىنچاڭ ئۇنىڭدىن.
-شۇنداق..لىكىن بۇ كىم؟
-بۇ سىز كۆرۈشكەن رىغبەت ئەمەسما؟،-سورىغاچ لى ۋىنچاڭنىڭ قاپاقلىرى ئېچىلىپ كەتتى.
-ياق ،-دىدى ئۇ كىسىپلا.
-جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟-دىدى لى ۋىنچاڭ پۇختىلاپ.
-شۇنداق ،بۇ رەسىمدىكىسى ئېنىق مەن كۆرۈشكەن رىغبەت ئەمەس.
-بولىدۇ ئەپەندىم ،رەھمەت سىزگە.سۆھبىتىمىزنى ئۈنگە ئېلىۋالدىم. ئىسپات قىلىپ قوللانساق قوشۇلارسىزمۇ؟
-بولىدۇ.ئامال بار مىنى ئاۋارە قىلماڭلار.
-تىرىشىمىز ئەپەندىم،-دەپ تىلىفوننى قويدى لى ۋىنچاڭ.ئەمدى مەسىلە ئايدىڭلاشقانىدى.چۈنكى رىغبەتنىڭ يالغان ئىسپات كۆرسىتىشى ئۇنىڭ قاتىل ئىكەنلىكىنى دەللەيتتى.ئۇ جاڭ يۈن ئەپەندىنىڭ ئىسپاتى بىلەن قۇتۇلىمەن دەپ ئەمدى ئۇنىڭ ئىسپاتى بىلەن تۇتۇلغانىدى.كىيىن ئۇ قۇتۇلالمىغانلىقىنى بىلىپ ھەممىنى ئىقرار قىلدى.ئەسلى ئۇ بۇرۇن ئوپېرا ئۆمەكتە ئارتىس بولۇپ ئىشلىگەنىكەن.تاشچىلىق قىلغىلى تېخى 5يىلچە بوپتۇ. شۇڭا ياسىنىشقا ماھىرلىقى بىكار ئەمەسكەن.جاڭ يۈننىڭ باشتىكى گۇۋاھلىقىغا كەلسەك رىغبەتنىڭ بىر دوستى ئۆزىنى رىغبەت دەپ ئاتاپ جاڭ يۈن بىلەن رىغبەتنىڭ ئۆيىدە كۆرۈشكەن.دەل شۇ ۋاقىتتا رىغبەت بېرىپ تاشنى بۇلىغانىكەن.ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ دوستى تاش بىلەن بىللە قولغا چۈشتى.تاپانچىغا كەلسەك رىغبەت ئۇنى يۈن نەندىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىدىن 20000يۈنگە سېتىۋالغانىكەن.
دىلو ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئىگىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ قىممەت باھالىق تاشنى قولۇومغا ئېلىپ قاراپ باقتىم.ئۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى.
مايماق ئىجادىيىتى
بۇ قىسىم بەكلا كىچىكتى......سەۋەبى قەلەم بۈگۈن ئەيۋەشكە كەلدى.
بۇ رازۋاتكا ھىكايىلىرىممۇ مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى....
مىنى مەدەتلەندۈرگەن بارلىق تورداشلارغا بولۇپمۇ زاكىر نىم -جاپا ،مەلىكەقاتارلىق مۇنبەرداشلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ھىكاينىڭ بىرىنچى قىسمى:
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=66271
ھىكايىنىڭ ئىككىنچى قىسمى:
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=66437
ھىكايىنىڭ ئۈچىنچى قىسمى:
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=66596
ھىكايىنىڭ تۆتىنچى قىسىمى:
https://uyghur-archive.com/misranim/viewthread.php?tid=66902