ilim-pen يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 02:45 PM
تېما ئىگىسى:
شۇنى بىلىڭكى فىزىكا سىستېمىلىق تەجىربە پى ...
مەن ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ نەزىرىيىسىگە قارىتا يازغان ئىنكاسلىرى ئوقۇدۇم. ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۇ نەزىرىيەلەرنى ئىنكار قىلماپتىغۇ، شۇنداقلا قوللاپمۇ كەتمەپتۇ. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ بۇ ساھەدە ئەمەسلىكىنى ۋە فىزىكىغا بولغان بەزى قاراشلىرىنى دەپتۇ خالاس.
بۇ بوشلۇق سىزنىڭ بولمىغاندىكىن، يازسا يېزىۋەرمەمدۇ!؟ خالىغانلار ئوقۇيدۇ، سىزدەك خالىمىغانلار ئۇيقۇسىنى ئۇخلىسا بولىۋېرىدۇ.
شۇنى سوراپ باقسام، سىزمۇ فىزىكا ئىلىمىدا بىرەر نوپۇزغا ئىگىمۇ؟ نىمە كەسىپ قىلىسىز؟ سىزدە بىرەر فىزىكا نەزىرىيىسىنى رەت قىلغۇدەك ئاشۇنچىلىك سەۋىيە بارمۇ؟ ئەگەر بولسا مەرھەممەت، قۇلىقىمىز سىزدە!
بىلسىڭىز، ئېينىشتىيىن نىسبىيلىك نەزىرىيىسى ئوتتۇرىغا قويغاندا، پەقەت پاتىنت ئىدارىسىنىڭ ئاددى ئىشچىسى ئىدى، ئۇنىڭ فىزىكىغا ئائىت ھېچقانداق بىر دىپلومىمۇ يوق ئىدى، ئۇ پەقەت بىر فىزىكىغا قىزىقققۇچى ئىدى. بىلسىڭىز ، قىزىقىشنىڭ ئۆزى تالانت. مەنچە قاسىم سىدىق ئەپەندىدە قىزىقىش بار ئىكەن، شۇڭا كېسىپ ئېيتىمەنكى ئۇ ئەپەندىدە چوقۇم شۇنىڭغا ئائىت تالانت بار.
لېكىن، سىزنىڭ نامىڭىز ئىلىم-پەن بولغان بىلەن، پەقەت باشقىلارنى چىشلەپ تارتىش، خاتا ئۇچۇر تارقىتىش ۋە سۆز- چۆچەك قىلىشتىن باشقىسى قولىڭىزدىن كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ قىزىقىشىڭىز مۇشۇ بولىدىغان بولسا، تالانتىڭىزمۇ شۇ بولۇشى مۇمكىن.