Qabiljan يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 02:50 PM
قىزخۇمار 0998 ناملىق تورداشقا،ئەكبەر قەھرىمان بىلەن ئاب ...
ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا دىگەن گەپ بار .
كاللىڭىزنىڭ ۋېنتىسىنى سەل چىڭىتىۋېتىپ باشقىلارغا سۆز ئاتسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز . باشقىلارغا رەددىيە بېرىشتىن ئىلگىرى شۇ پىكىر توغرىمۇ خاتامۇ ئويلىنىپ ئىنكاس يېزىڭ . بىراۋلارنى ياقتۇرۇش ياكى ياقتۇرماسلىق ھەركىمنىڭ ئىشى .
ئابدىغېنى ئابلىكىمنىڭ ئاۋازىنىڭ ياخشىلىقى، مۇزىكىسىنىڭ يېنىكلىگىنى خېلى كۆپ ئادەم بىلىدۇ . ئەمما ئۇنى خەلق ياقتۇرغان دىيىشكە تېخى بالدۇر . ئۇنى ياقتۇرىدىغانلارنى ھازىرچە پەقەت ياشلار دىسەكلا كۇپايە .
يەنە قىز خۇمار ئېيتقان ئىنكاستىكى ناخشىلارنى ئۆزىڭىزدىن چوڭ ئاكا دېمەتلىكلەردىن سوراپ بېقىڭ . ئۇ ناخشىلارنى ئەكبەر قەخرىمان 90 - يىللارنىڭ بېشىدا قاپاق گىتتار بىلەن ئورۇنلاپ لېنتا چىقارغان . جەمىيەتكە كەڭ تارقالغان . ھەممىدە ئۈزۈمنىڭكىنى راس قىلىمەن دىيىش بەكمۇ نادانلىق . باشقىلارغا ئورۇنسىز گەپ قىلماڭ . ئۇلار پاكىتنى كۆزىڭىزگە تىقىپ قويغان چاغدا رەسۋا بولۇپ نەگە قېچىشنىمۇ بىلەلمەي قالىسىز . غ + ت نى ئاۋال ئۆزىڭىز ئۈگۈنۈپ كېلىپ باشقىلارغا گەپ قىلىڭ!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sirlik+ot تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-2 05:05 PM