بىر ئايال ياتاق ئۆيىنى سىرلىتىش ئۈچۈن ، سىرچى ياللاپتۇ، ھىلىقى سىرچى ئۆينى كەچ كىرگۈچە سىرلاپتۇ ، ئەمما سىرلاپ بولالماپتۇ.
كەچتە يولدىشى قايتىپ كىلىپ ، چىراقىنى ياندۇرماقچى بولۇپ قۇرۇمىغان تامىنى تۇتۇۋېلىپ ، بەش قولىنىڭ ئىزى تامغا چىقىپ قاپتۇ.
ئەتىسى ئەتىگەندە سىرچى يەنە ئىشلىگىلى كەپتۇ ، ھېلىقى ئايال سىرچىغا:
ياتاق ئۆيگە كىرىڭە ، مەن سىزگە ئاخشام يولدىشىم تۇتقان يەرنى كۆرسىتىپ قوياي ، دەپتۇ.
سىرچى ناھايتى ئوڭايسىزلانغان ھالدا :
-خانىم كەچۈرۈڭ ، مەن دىيانەتلىك ، پاك ئادەممەن ، ناشايەن ئىشلارنى قىلمايمەن -دەپتۇ
ھاۋا رايى
ئايالى : - ئەتە ھاۋا ئوچۇقمىدۇ ، بازارغا بېرىپ كىيىم ئالماقچى ئىدىم .
تېلېۋىزوردا ھاۋا رايىدىن مەلۇمات بەرگەندە نېمە دېدى ؟ - دەپ سوراپتۇ يولدىشىدىن .
ئېرى : - ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ ، بوران چىقىدۇ ، يەنە يەر تەۋرەشمۇ ئېھتىمالغا
يېقىن ، - دەپ ئۇقتۇردى
ئاڭلىماي قالدىمىكىن دەپ
ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ، مەكتەپ مۇدىرى پۈتۈن يىللىقلار ئىچىدە نەتىجىسى بىرىنچى بولغان ئوقۇغۇچىنى سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات بۇيۇمىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا چاقىرىپتۇ. لېكىن ئۇ ئوقۇغۇچى ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە قېتىم چاقىرغاندىلا ئاندىن سەھنىگە چىقىپتۇ . سىنىپ مەسئۇلى ئۇ ئوقۇغۇچىدىن؛
-نېمە بولدى سىزگە، بايا ئېنىق ئاڭلىيالماي قالدىڭىزمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
-مەنغۇ ئېنىق ئاڭلىدىم ، باشقا ساۋاقداشلېرىم ئاڭلىماي قالدىمىكىن دەپ..
ئەقىللىق بۇلاڭچى
بىر بۇلاڭچى يولۇچىدىن سوراپتۇ :
- ئەپەندىم ، يېقىن ئەتراپتا ساقچىلارنى ئۇچراتتىڭىزمۇ ؟
- ياق .
- ئۇنداقتا ياخشى ، دەرھال ھەميىنىڭىز بىلەن سائىتىڭىزىنى ، باشقا پۇلغا يارايدىغان نەرسىلېرىڭىزنى چىقىرىڭ .
خوتۇنىدىن كەلگەن تىلىفۇن
بىر ئەر توي قىلغاندىن كىيىنمۇ كونا ئادىتىنى تاشلىماي، پۇرسەت بولسىلا سىرىتتا كۆڭۈل خوش قىلىپ يۈرىدىكەن.
بىر كۈنى، ئۇ ئاغىنلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ ، مەسلىكتىن خۇدىنى يوقىتىپتۇ، ئاغىنلىرى ئۇنى ئۆيگە ئەكىلىپ خوتۇنىغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. ئەتىسى سەھەردە ئاغىنلىرى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ يانفۇنغا تېلىفون قىلىپتۇ.
ئۇ تېلىفوننىڭ جىرىڭلىشىدىن ئويغىنىپ تېلىفوننى ئاپتۇ- دە ، يىنىدا ياتقان خوتۇننى نۇقۇپ ئويغىتىپ پىچىرلاپتۇ :
- شۈ....ئاۋازىڭىنى چىقارما ، خوتۇنۇمدىن تېلىفون كىلىپ قالدى..
يۈز ئىرىم يوق
ئەزەلدىن شەھەرگە كىرىپ باقمىغان بىر يېزىلىق ئايال شەھەرگە كىرىپ ئېرىغا تېلفون ئۇرماقچى بولدى .
- ئا بىزنىڭ ئادەمنى تولىۋېتىڭە ، _ دىدى ئۇ تېلېفونىستقا . - دەيدىغان گىپىم باتتى .
- ئېرىڭىزنىڭ نۇمۇرى قانچە ؟ - دەپ سورىدى تېلېفونىست .
ئايال ئاچچىق بىلەن جاۋاپ بەردى:
- ۋۇيت خېنەم نۇمۇر سېلىپ قويىدىغان يۈز ئېرىم يوق مىنەڭ
زوڭتۇڭ بولغاندىن كىيىن
بىر نېگىر ئۆزىنىڭ ئامرىكا زۇڭتۇڭ سايلمغا قاتنشدىغانلغنى ئېيتپتۇ. ئاغىنسنىڭ كۈلگسى كەلسمۇ ئوزىنى تۇتۇۋېلىپ سوراپتۇ:
- سەن زۇڭتۇڭ بولغاندىن كىيىن بىرىنجى بولۇپ نىمە ئېش قىلماقچى؟
- ئاق ساراينى قارا سارايغا ئوزگەرتمەكچمەن
كوچىغا يالىڭاچ چىقىش
ئىككى موماي ھاياتىدا كۆپرەك ئەسلمە قالدۇرماقچى بولۇپ كوچىغا يالىڭاچ چىقماقچى بوپتۇ..
ئاندىن ئىككسى ياپ يالىڭاچ تۇغما ھالەتتە كېتىۋاتقاندا بىر ئادەم ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ.
- ماۋۇ خەقنى قاراڭلا ، كوچىغا چىققان ئادەم كىيىملېرگە دەزمال سېلىپراق چىقسا بولمامدۇ؟
سۇيگۈ خىتى
ئادىلە سۆيگۈ خېتى تاپشۇرۋاپتۇ خەتتە مۇنداق دىيىلىپتۇ: ياخشىمۇسىز؟ قاناق ئەھۋالىڭىز؟ مەندىن ئەھۋال سورىسىڭىز دەردىڭىزدە كۆيۈپ كۈل بولغىلى تاسلا قىلدىم، مەن سىزنى راسلا بەك ياخشى كۆرىمەن ئەگەر تەلىۋىمنى ماقۇل كۆرسىڭىز جاۋاپ خەت يېزىڭ، ماقۇل كۆرمىسىڭىز بۇخەتنى يېقىن دوستىڭىزغا بېرىپ قويۇڭ " دەپ ** دىن
ساراڭنىڭ خىتى
دوختۇر بىر ساراڭنىڭ خەت يېزىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ سوراپتۇ: - كىمگە خەت يېزىۋاتىسەن؟
-ئۆزۈمگە.
- خەتتە نېمە دىيلىپتۇ؟
- ھوي سىز ساراڭما؟ مەن تېخى خەتنى تاپشۇرۋالمىغان تۇرسام، نېمە دىيىلگىننى قانداق بىلىمەن.
كىتاپ يىزىش
قانداق، بۇ كىتابىم ياخشى چىقىپتىمۇ؟
-بەكلا ياخشى چىقىپتۇ، ئىخچام بىر ئېغىزمۇ بىكار گەپ يوق. لېكىن پىرسۇناژلار بەكلا كۆپ بولۇپ كىتىپتۇ.
دوختۇر - ھەي ئىككىڭ ئاۋۇ تىلېفون دەپتىرىنى قويۇش دەيمەن.
ئۇيقۇسىزلىق
تام ئاخشام يەنىلا ئۇخلىيالمىدىم.
-دوختۇرنىڭ دىگىنىدەك ساناق سانىمىدىڭىزمۇ؟
-سانىدىم ساناپ گە كەلگەندە قارىسام تاڭ ئېتىپ قاپتۇ
بىر ئايالنىڭ ئىككى ئىرى
بىر ئايال باركەندە .. ئۇ ئايال ئىككى ئىرى باركەن ئۇ ئايال بۇرۇنقى ئىردىن ئاجىرشىپ كىتىپمۇ يەنىلا بۇرۇنقى ئىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇناۋىسىۋەت ئۆتكۈزۈپ يۈردىكەن -دە بىر كۈنى يېڭى ئىرى سىرىتقا چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بۇرۇنقى ئىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەي دەپ تۇرسا - ئىرى كەپ قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال بۇرۇنىقى ئىرىنى تامغا ماي بوياق شەكىلدە بوياپ تامغا يېقىن چاپلاپ قۇيۇپتۇ .. يېڭى ئىرى ئۇ ئەرنى كۆرۈپ ... بىلىپ قاپتۇ .. ئايالى ئاشخانغا تاماق ئەتكىلى كىرىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئايالنىڭ بۇرۇنقى ئىرى تامدىكى رەسىمگە قاراپ ... بۇنداق تۇرۇش تەسمىكەن .... مەنمۇ كۈندە سىنىڭ ئۆيۈڭدە مۇشۇنداق تۇراتتىم ....دەپتۇ ....ھاھاھاھا
كەينىچە مىڭىش
ئوقۇغۇچى دەرسكە كېچىكىپ قاپتۇ، مۇئەللىم سەۋەبىنى سوراپتۇ: --- بۈگۈن يول بەك تېيىلغاق بولۇپ كېتىپتۇ. ئالدىمغا بىر قەدەم ماڭسام، كەينىمگە ئىككى قەدەم چېكىنىپ كەتتىم. --- ئەگەر دېگىنىڭدەك بولسا، مەكتەپتىن يىراقلاپ كەتكەن بولمامسەن؟ --- كېيىن ئامال تاپتىم، مەكتەپكە كەينىمچە مېڭىپ كەلدىم
گۈزەل تىلەك
دائىم خام خيالدىن باش كۆتۈرمەيدىغان بىر ئاغىنەم بۇلدىغان ، بىر كۈنى ئۇ ماڭا : " قارا ! ئاداش ، مەن ئىشتىن چۆشۈپ قايتىپ كېلىپ ئىشكنى ئېچىلاپ كىىرسەم ھە ،، ئاشۇ ئىشكنى ئېچپلام شۇنداق كىرسەم ۋاھ ... چىرايلىق بىر ساھپجامال مېنى ئېللىق كۈتۈۋالسا ئالدىمدا نازۇ نىمەتلەر تىزلغان شىرەلەر ئۆستىدە داڭلىق ھاراقلار .... دىگنە ئاداش مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بىرش مۈمكىنچىلگى بارمىدۇ ؟"
مەن ئويلانمايلام : " بار ئاداش "
ئاغىنەم بىلشكە ئالىدراپ " قايسى ۋاقتىدا موشۇنداق ئىشلار يۈز بىرەر ؟"
مەن دېدىم " قايسى ۋاقتىدا بۇلاتتى ، سەن ئاچقان ئاشۇ ئىشك خەقنىڭ ئىشكى بۇپ قالغاندا
بۇ قىتىم خەخنىڭ كۆزى ساڭا چۈشۈپتۇ
بىر چالا دوختۇر باركەن ، دائىم كسەل داۋالاسا بىر ئىككى بىمارنى داۋالاپ ساقايتسمۇ لىكىن ئېغىر كېسەللەر كەلگەندە خاتا دىئاگونىز قۇيۇپ خاتا داۋالاپ جېنىغا زامىن بۇلىدىكەن .
ئالدىنقى قېتىم بىر ئادەمنىڭ ئۇغلىنى خاتا داۋالاپ قۇيۇپ جېنىغا زامىن بۇلۇپتۇ ، ئەرىز قلىشتىن قۇرقۇپ ئۆزنىڭ ئۇغلىنى ئاشۇ خاتا داۋالاپ ئۆلتۈرۈپ قۇيغان بالنىڭ ئاتا ئانىسغا تۆلەم قىلىپ بىرۋېتىپتۇ .
بۇ قېتىم بىرسىنڭ قىزنى داۋالايمەن دەپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇپ ئاقۋەتتە يەنىلا قىزنى تۆلەم قىلىپ تۆلەش شەكلدە بىرۋېتىپتۇ .
بىر كۈنى ئاخشمى ئىشىكنى بىرسى قاتتق چىكپتۇ ، دۇختۇر نىمىش بۇلدىكەن دەپ ئشكنى ئاچسا " دۇختۇر ، ئايالىم قاتتىق ئاغىرىپ قالغانتى ، بۇلالماي قالدى ، خاپا بۇلماي بىېرىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بۇپتكەن " دەپ بىر ئەر چىرايى سۇلغان ھالدا دۇختۇر يالۋۇرۇپ تۇرغان . بۇ چاغدا دۇختۇرنىڭ ئايالىمۇ ئۇيغۇنۇپ كېتىپ سىرتقا چقىپتۇ ھەمدە ئېرىدىن : ھە نىمىش بۇلدى دەپ سۇراپتۇ ؟ دۇختۇر بۇ چاغدا قاپىقىنى تۈرۈپ ئايالىغا ھومىيىپ قاراپ تۇرۇپ : " نىمىش بۇلاتتى ، ئەمدى بۇ قېتىم باشقىلارنىڭ كۆزى ساڭغا چۆشۈپتۇ
مەنبە ؛ ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن ئىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-2 04:59 PM