Naprat2009 يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 08:08 PM
ئەركىن مۇشتلىشىشمۇ ياكى ئۇنۋېرسال مۇشتلىشىشمۇ؟ نېمە پ ...
مەن خاتا ئاتىمىدىم ،
مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە سىزنىڭ قوش تىل جەھەتتىكى قابىلىيىتىڭىز خېلى يۇقرى . شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر مۇسابىقە ئاتالغۇلىرىنى 5 مىنۇت ۋاقىت سەرىپ قىلىپلا ماتىريال كۈرۈش ئارقىلىق تۇلۇق بىلەلەيسىز ،
شۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن يەنە بىر قېتىم مەزكۇر ئاتالغۇلار توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنجە بىرىپ ئۈتۈشنى خالايمەن ..
بۇ يەردە سىز دەۋاتقىنى ئىككى تۈرلۈك بوكىس تۈرىدىكى مۇسابىقىلەرنىڭ ئاتالغۇللىرى ...
UFC قىسقارتىلما ئاتىلىشى . ئۇيغۇرچە { ئاخېرقى ھەل قىلغۇچ بىرلەشمە چېلىشىش } دەپ ئاتىلىدۇ ، MMA قىسقارتىلما ئاتىلىشى . ئۇيغۇرچە { بىرلەشمە چېلىش . ياكى بىرلەشمە مۇداپىيەلىك چېلىش } دەپ ئاتىلىدۇ ، ياكى ھەرئىككى تۈر « بىرلەشمە مۇداپىيەلىك ھۇجۇم » دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، UFC مۇسابىقىسى بولسا . ھازېرقى زامان بوكىس ھەركىتى . ياپۇنچە چېلىش. sambo يەنى روسىيەنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە چېلىش ھەركىتى . تايلانىت گۇمپىسى . كۇڭشۇۋداۋ يەنى ياپۇنيەنىڭ قۇرۇق قول ئېلىشىش گۇمپىسى ، قاتارلىق بىر تۈلۈك ھەركەتلەرنى ئۈزىگە مۇجەسسەملىگەن بوكىس تۈرىدىكى مۇشتلىشىش ھەركىتى ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ خىل ھەركەتلەرنى ئۈزىگە مۇجەسسەملىگەن مەزكۇر مۇسابىقىنى بىز ئاددىي لاشتۇرۇپ ئۈۋېرسال ئېلىشىش دەپ ئاتايمىز ...
بۈگۈنكى دەۋىر ئېلىشىش ساھەسىدە مەزكۇر مۇسابىقە ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئىرىشكەن مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ بوكىس تۈرى ھازېر ئەڭ مودا بولغان تۈر ....
ئەمدى سىز دىگەن ئەركىن مۇشتلىشىش دىگەن ئاتالغۇغا كەلسەك بۇ خىل مۇسابىقە دۆلىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلۈپ كىلىۋاتىدۇ . يەنى 武林风 « ۋۇلىڭ فېڭ » مۇسابىقىسى مەزكۇر مۇسابىقە san da يەنى 散打 بۇلۇپ ئۇيغۇرچە ئەركىن بوكىس دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا 散打 مۇسابىقىسى ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىمۇ ئۆتكۈزىلىدۇ ، بۇ مۇسابىقىدە ئۇرۇش . تىزلاش. تىپىش . قاتارلىق ھۇجۇم ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىنىدۇ ، شۇڭا بۇ مۇسابىقىنى ئەركىن مۇشتلىشىش دەپ ئاتايمىز ......
بىراق بۇ مۇسابىقىنىڭ قائىدىسى بەك كۆپ . نۇرغۇن ھۇجۇملار چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ ....
بىراق چەكلىنىشكە ئۇچرىمايدىغان ئەركىن مۇشتلىشىش ھەركەتلىرى بولسا تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە قانۇنسىز ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ ، بۇنداق مۇسابىقىنى « يەرئاستى ئەركىن مۇشلاش مۇسابىقىسى » دەپمۇ ئاتايدۇ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا GLADIATOR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-5 09:56 PM