|
|
|
|
يۇرۇق يۇلتۇز
( ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى )
( 1 )
سەن ئۇنى ئىزدەپ - ئىزدەپ ئاخىرى تاپتىڭ ..............
سەن ئۇنى يىراق دېسەڭ يىراقتا ، يېقىن دېسەل يېقىنلا يەردە كۆرىنىدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان كىشى ئەمەسسەن !
ئۇ ئىزدىگەنلا ئادەمگە ( نىيىتى دۇرۇس بولسىلا ) ئۇچرىماي قالمايدۇ .
( 2)
سەن ئۇنى تاپتىڭ ، ئەمدى نىشانىڭ ئېنىق بولدى .
ئۇ سېنىڭ قەلبىڭنى ئۆزىگە تارتىشقا ، دىققىتىڭنى ئۆزىگە مايىل قىلىشقا كېپىللىك قىلالايدۇ . ئۇنىڭ ساڭا كۆرۈنگىنى ھەقىقەتنىڭ بىرلا تەرىپى . سەن بۇ دۇنيادىكى بەخىتلىك ئادەملەر جۇملىسىدىندۇرسەن . سەن ئۇنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ ئۆمۈرلۈك يولىنى تاللاپ بولدۇڭ . قەلبىڭ قاتتىق ھاياجانلاندى ، كۆز ياشلىرىڭ كەچ كۈز غازىڭىدەك قۇيۇلۇشقا باشلىدى......
يۇرۇق يۇلتۇزغا قارىدىڭ ، ئۇمۇ ساڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى .
( 3 )
ئۇ بەرگەن تۇنجى ئىنتىھان قەغىزى - ھايات بولدى .
سەن ھاياتنى باشتا ئاتا - ئاناڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن قولۇڭغا ئالغان . ئەتراپىڭدىكى ئۇرۇق - تۇغقان ، قېرىنداشلىرىڭ ، دوست - يارەن ، ئۇستازلىرىڭ ، ھەتتا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرمۇ قانداق ياشىشىڭغا كۆرسەتمە بېرىشكە ئۇرۇنغانىدى . ئۇلار سېنى بەزىدە ئالدىغا ، بەزىدە كەينىڭگە ماڭدۇرۇپ ئاۋارە قىلىشقانلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشتى .
سەن بۇ قەغەرنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك بوياپ بولدۇڭ . يازغانلىرىڭدىن زادى قانچىلىك توغرا ، قانچىلىك خاتا بۇ تەرىپى نامەلۇم .
( 4 )
يۇرۇق يۇلتۇز ساڭا ، ئىنسانلارغا ئەڭ يېقىن يەرگە كەلدى .
سەن سۆيگۈ ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى يىنە قاچانلارغىچە رەت قىلارسەن ؟ يەنە قاچانلارغىچە يېرىم ياستۇققا باش قويۇپ ، تەنھالىق دۆلىتىنىڭ خاقانىمەن دەپ كېرىلىپ ياشارسەن ؟!
.......................................................
كومپىيۇتېر ئالدىدا : شەرمىناز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Xarminaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-5 04:22 PM
|
|
|
|
|
|