Janpolat يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 11:00 PM
ياۋ،تېما دېگەن ۋەھشى كۆچۈرۈپ قويسىزكەن جۇمۇ،پەش،چېكى ...
خاتىرجەم بولۇڭ .ئەگەر بۇ تېما سىزنىڭ بولمىسىلا مىنىڭكى . مىنىڭ باشقا مۇنبەردىكى نامىم مۆتىۋەر ياكى مۆتىۋەرلەر . ما مۇنبەردىكى ئەسلى تىزىملاتقان ئىسمىم لاتىنچە مەڭگۈتاش ئىدى. يەنە بىر قۇمۇللۇق يازغۇچى ئوسمانجان زاھىرمۇ مىنىڭ ئالدىمدا مەڭگۈتاش ( لاتىنچە يېزىلىشى مىنىڭكىدىن پەرىق قىلىدىكەن ، شۇڭا مىنىڭمۇ تىزىملىنىپتىكەن) دەپ تىزىملاتقان ئىكەن. بەزى دوسىتلار دا ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىپتىكەن ، كىم بىلسۇن بىر كىچىدە مەڭگۇ 77 گە ئۆزگىرەپ كىتىپتۇ. بۇ نىمە دىگەن قاملاشمىغان ئىسىم دەڭ. شۇنىڭ بىلەن باشقۇرچىلاردىن ئىسمىمنى مۆتىۋەرلەر دىگەن ئىسىمغا ئۆزگەرتىپ بېرىڭلار دىگەن بولساممۇ ئۆزگەرتىپ بەرمىدى،ئىسىم ئۆزگەرتىش بەك تەسكەن.شۇنىڭ بىلەن مەن بەك ئاتۇقچە ھەپىلىشىپ كەتمىدىم. قايسى كۈنى بىر تېمىغا ئىنكاس قالدۇرسام ئىنكاسلىرىمنى ئۈچۈرۈپ نەچچە كۈن سۆز قىلىش ھوقۇقۇمنى چەكلىۋېتىپتۇ. بولمىسا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى ،ئوكيان تورىدا ئەركىن تۇرىدىغان تېمىدىن مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىنى مەنبەسى بىلەن ئىسكەرتىپ كىسىپ چاپلىغان ئىدىم.سىياسىلىقى كۈچلۈك دىگەن باھانە بولسا كىرەك. نىمانداق سەزگۈر بولۇپ كەتكەندۇ بۇ مۇنبەر دەپ ئويلىدىم. شۇ ئاچچىقىمدا مۇشۇ مۇنبەرگە تېما يوللىماي دەپ ئويلاپ بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرگە يوللىغان ئىدىم. كىيىن ئاچچىقىمدىن يېنىپ بۇ مۇنبەرگە يوللىدىم. گەرچە مۇنبەردىكى نامىم ئوخشىمىسىمۇ لىكىن تەرجىمە ئىگىسى مەن.