مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Eldawa

[شۆھرەت مۇتەللىپ] دۇنيادا تۇنجى كىمېرا مايمۇنى ۋۇجۇدقا كەلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12441
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 3684 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 07:55:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىمىمىزنىڭ دۇنيا ئىلىم-پەن سەھنىسىنىڭ يۇقۇرى پەشتىقى بولغان ئامېرىكىدا مۇشۇنداق بىر تۈرگە يېتەكچى بولۇپ ئىشلەپ،ئىنسانلار تارىخىدىكى تۈنجى سىناقنى ئېلىپ بېرىپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىغى ئىنسانىيەتنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ شان-شەرىپى!
ئەمدى بۇ تەتقىقاتقا نىسبەتەن بىزدە تېخى يېتەرلىك چۈشەنچە بولمىغاچقا،دەماللىقا ھەرقايسىمىز ئۆزبىلگىنىمىز،قىياسىمىز بويىچە يېنىكلىك بىلەن ئىنكاس يوللاپ بىردەمدە ئىچكى نىزا تارىتىشقا ئورۇندۇق.مان بۇ بىزدىكى ئەڭ زور كەمچىلىك.بىزدىكى ئىزدەنمەسلىك،يەڭگىلتەكلىك،ھىسساياتنى ئەقىلنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالغانلىق خاھىسشىدۇر.ئاممىۋى سورۇندا پىكىر قىلغاندا ئورۇنسىز گەپنى ئاز قىلىش،ئاساسى بولمىسا چۈشەنچە بولمىسا سۈكۈت قىلىش گۇناھ ئەمەس. مۇشۇنداق بىر يېڭىلىق ئوتتۇرغا قويۇلغاندا،ئالدى بىلەن بىز ئۆزىمىزنى كۆرسىتىپ ئالا-جوقى سۆزلەشتىن باش تارتىپ،سوغۇققانلىق بىلەن،ئىلمى نۇقتىدىن  مۇشۇ يېڭى ئۇقۇم ئۈستىدە ئىزدىنىش،سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىز،ھىچ بولمىغاندا دەسلەپكى ساۋاتقا ئىگە بولىشىمىز كېرەكئىدى.ئەمما بىز ئۇنداق قىلالمايمىز،بىزدە شۇنچىلىك سەۋرچانلىق يوقكى مەيلى ئاغزىمىزدىن چىقىۋاتقىنى نىمە بولسۇن نۆۋىتى كەلگەندە گەپ قىلىۋالمىساق بولدى قىلمايمىز.
ئاددىسى كەشپىياتچى ئالىمجان توغرىسىدا توردا شۇنچە كۆپ پىتنە-پاسات،ئورۇنسىز تالاش-تارتىش بولدى،دەلىل-ئىسپاتلىق قىلىپ كىشىنى قايىل قىلالىغۇدەك ئىنكاسلار بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ئاز بولۇپ،ئاساسەن تولۇمدىن توقماق چىققاندەك چوڭ گەپ قىلىدىغان مەرت مەرغۇلاڭلارنىڭ تېتىقسىز لاۋزا ئىنكاسلىرى،پوققا ئولاشقان چىۋىندەك پۈتۈنبەتنى ئىگەللاپلا ئالغان.  
ئەمدى ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقات قانداقتۇ ئەخلاققا زىت كېلىدىغان تەتقىقات تۈرى بولماستىن،تىببى ساھەدە(داۋالاشتا) نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدىغان مۇھىم بىر تەتقىقات تۈرى.ئالىمنىڭ تەتقىقاتىنى بىزدىكى ئەنئەنىۋى باغۋەنچىلىكتىكى سورت ياخشىلاشقا ئوخشاتساق بىرقەدەر يېقىن كېلىدۇ.ئىنسانلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەلۇم كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشى ئىرسىيەت ئامىلىدىن ياكى گېن ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن بولىدۇ،مەسىلەن ئاتا-ئانىڭىزدا راك كېسەللىگى بولسا ئۇنىڭ بالىغا ئىرسىيەت قىېلىش ئېھتىمالى يۇقۇرى بولىدۇ،ئەگەر بۇ تېخنىكا بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى گېن قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىلسە مۇشۇنداق ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان بالا ۋە ياكى تۇغۇلۇپ بولغان بالىمۇ،ھەتتا چوڭ ياشتىكىلەرمۇ شۇ خىل كېسەللىكتىن قۇتۇلۇپ كېتىشى مۈمكىن.ئەلۋەتتە بۇ خىل تەتقىقات ئىنتايىن مۇرەككەپ،بىز ئاددى ھالدا مۇشۇنداق چۈشۈنۈپ تۇرساق بولىدۇ،تېخىمۇ ئىچكىرلەپ بىلىشنى خالايدىغانلار مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى كۆرۈپ ئىزدەنسە بولىدۇ.

كەڭ قورساق بولۇش مەدىنيەت جۈملىسىدىندۇر!

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7700
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 3206 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 08:08:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىمىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، ئۇتۇق ۋە غەلبە بىلەن ئىلگىرلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش