ئوت يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 11:31 PM
ماۋۇ قانداق يېزىق ؟
ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىغى دىگەن گەپنى ئاڭلاپ يۈرىمىزغۇ دەيمەن، بۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قازاق يېزىغى. سىز تونىيالماي قالغۇدەك يېزىق ئەمەس. لاتىنچىنى غەرىپ ئەللىرى ئازىراق پەرىقلەر بىلەن ئورتاق ئىشلەتكەندەك مۇسۇلمان تۈركى خەلقلەرمۇ كالامۇللانىڭ يېزىغىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز، گەرچە كېيىنكى تەلەيسىزلىكلەردە بىر قىسىملىرىنى سىلاۋىيانچە يېزىق ئارىلاپ كەتكەن بولسىمۇ.
تولى ناھىيەسى چۆچەك ۋىلايىتىنىڭ بىر ناھىيەسى بولۇپ ۋىلايەت مەركىزى چۆچەكتىن شەرقى جەنۇپقا130كېلومېتىر كېلىدۇ. ئاساسلىق ئاھالىسى قازاق مىللىتى، ئۇيغۇرلاردىنمۇ تەخمىنەن بىر-ئىككى مىڭ ئائىلىلىك بار.