مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: MILYONIR

ۋىجدان قۇربانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5869
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8012
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2012-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 12:46:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغىچىلارغا  بۇ تېمىنى نادىرلەپ قويسىڭىزلارچۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4556
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1879 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 06:35:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يىزىلىپتۇ،تەرتىپلىك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4556
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1879 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 06:35:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يىزىلىپتۇ،تەرتىپلىك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-8 06:31:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۈگۈن  ئاغىنەم  ئابدۇسالامنىڭ تويى  بولغاچقا  بامداتتىن يېنىپلا   ئۇنىڭ  ئۆيىگە قاراپ يول ئالدىم  جامەئەتمۇ كەينىمدىن كېلۋاتاتتى . ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يېقىنلاپ قالغاندا  ناغرا ، سۇناي ساداسى مەھەلىنى بىر ئالدى  .
   جامەئەت  كىرىپ داستىخاندا ئولتۇرۇپ مەۋلۈد ئاي بولغاھقا مەۋلۇد ئوقۇدى ئاندىن قىز تەرەپكە نىكاھقا ماڭدۇق باشقا يۇرتلادىمۇ شۇنداقمۇ ياكى بىزنىڭ تۇرپاندىلا شۇنداقمۇ بىلمىدىم نىكاھنى ۋەكىلگە ئوقۇدى ئاغىنەم ئابدۇ سالامغا  مەھەلىمىزنىڭ مەزىنى ۋەكىل بولدى ئاغىنەم كەلىمە شاھادەتنى  ئوقۇپ مەھەلىمىزنىڭ مەزىنى ۋەكىل تۇتتى . قىزغىمۇ  بىر  چالا قارىي تاغىسى ۋەكىل بوپتۇ  نىكاھ شۇنداق ۋەكىل گە ئوقۇلۇپ بولدى ۋەكىللەر يىگىت بىلەنقىزغا ۋاكالاتەن  ئالدىم ،تەگدىم  دېيىشىپ بولغاندىن كېيىن ئىمام دۇئاغا قول كۆتۈردى  .

  بىر چىرايلىق ئىسلامىي باشلانغان توي مەرىكىسى  چۈش بولا بولمايلا ھاراق كەشلەرنىڭ سورىنىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى .  مەن ئانمۇنچە شئېر ھېكايىلەرنى  يېزىپ  تۇرغاچقىمۇ ياكى شۇنداق كىينىپ  يۈرۈشكە خۇمارىم بارمۇ ياكى كاستۇيۇم  بۇرۇلكىغا مەن بەكلا ئامراقمۇ دائىم  دېگۈدەك شۇنداق قار كۆك كاستۇيۇم بۇرۇلكا ئاق كۆڭلەك قىزىل ياكى كۆك رەڭلىك گالاستۇك تاقاپ يۈرەتتىم شۇڭلاشقىمۇ  مەھەلىدە مېنى ئاغىنىلىرىم مىليونىر دەپ مازاق قىلىشاتتى  ، ئابدۇسالام باشلانغۇچتىن  تارتىپ بىللە  ئوقۇغان ساۋاقدىشىم ھەم  مەھەلدىشىم بولغاچقا  بۇ تويدا يىگىت بېشىلىق ۋەزىپىسى مېنىڭ يەلكەمگە چۈشۈپ قالغان ئىدى . ئەتتىگەندىلا ئىچىپ خېلى تەڭشىلىپ قالغان  ئاغىنەم مۇنار
- خەي مىليونىر ئىچمىسەڭمۇ  ما يەدە  ئولتاغىنە سورۇننى قىزىتىپ ،-دېگىنىچە  مېنى  تارتىپلا سۇرۇن بولۋاتقان ئۆيگە ئەكىردى مېنى بۇ يەرگە  باشلاپ كىرگەن مۇنار دېگەن ئاغىنەمنىڭ  ئىسمى سۇلايمان ، ھەم مۇنار ماركىلىق بەك ئامراق بولغاچقا سۇلايمان مۇنار دەپ لەقەم سىڭىپ قالغان ئىدى سورۇنغا بىر كۆز يۈگرۈتتۈم  سورۇندا باشلانغۇچتىكى  ، تولۇقسىزدىكى ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان ئىدى . باشلانغۇچتا بىر پارتىدا ئولتاغان ساۋاقدشىم ئادىل كەپتەر مېنى كۆرۈپلا گەپ باشلىدى
- ھە  مىليونىر بامۇ سەن   يوقاپلا كەتىڭغۇ يەنە شئېر يېزىپ ئالدىرشمۇ يە ،- دېدى بىر رومكا ھاراقنى ماڭا تەڭلەپ
- مانى ئىچۋەت ھە بولمىسا تاڭسىغا تارتىمەن سېنى ،-دېدى ئۇ ئىچمەيمەن دەپ ئىشارەت قىلسام زورلاپ
- مەن ئىچمەي زورلىمىغىنا،- دېدىم  ئۇنىڭغا ،- بېكار ھاراق سوق كېتىپ ئەتىلا باچكاڭدىن ئىككىنى شورپا قىلىپ ئىچىدىغان ئىش بولىدۇ ،- گېپىمدىن ئۆينى كۆتۈرۋەتكىدەك كۈلكە كۆتۈرۈلدى  ئادىل كەپتەرمۇ بوشكەلمىدە
- مانى ئىچۋىتىپ سوق كەلسە مېنىڭ شورپامنى  ئىچۋەتسەڭمۇ  مەيلى ،- دېدى ئۆيدىن يەنە كۈلكە كۆتۈرۈلدى
- ئىچمەيمەن دېگەنكى زورلىمىغىنا .- دېدى كامران چاي خالتىسى ئۇنىڭ چىرايى تۇرمىدىن قېچىش فىلىمىدىكى بەگۋىل بەك ئوخشىغاشقا ھەم ئۇنىڭ قىزلارغا ئامراق مىجەزى بۇلەقەمنى ئۇنىڭغا سىڭدۇرۇپلا قويغان ئىدى
- شۇ ئەمەسمۇ ئىچمەيمەن دېگەن ئادەمگە زورلاۋىرەمسەن ئەكىلە مەن ئىچۋىتەي ئاغزىم قۇرۇپ كەتتى  ،-دېدى ئۆمەر سىمىگو ھاراققا قولىنى ئۇزۇتۇپ ،
- بولدىلا  ئۆزۈملا ئىچۋىتەي سەن سىمىگو بېرىپ تاماكاڭنى  چەك .- ئادىل  كەپتەر شۇنداق دېگىنىچە گۈپلا  قىلىپ  ئىچۋەتتى ئۆمەرنىڭ سىموگو دېگەن لەقىمى ھۆكۈمران ئۈزۈك فىلىمى قويۇلغاندىن باشلاپ ئۇنىڭغا تارتۇق قىلىنغان ئىدى ئۆمەر نەششە چەكەچكە بەك ئورۇق بولۇپ تېرىسى بولمىسا ئۇستخىنى تۆكۈلۈپ كېتەتتى  شۇڭا بۇ لەقەم  ئۇنىڭغا بەك ماس كەلگەن ئىدى
-ھاراقنىغۇ ئىچمىدىڭ مىليونىر بۇنى ئىچمىگەندىن كېيىن سورۇننى بىرەر شئېر ئوقۇپ قىزىتىپ بەرمەمسەن ،-
دېدى ئالىم قانخور  ئالىم نەگىلا بارسا ئۇرۇشۇپلا يۈرگەچكە بۇلەقەم ئۇنىڭغا كىچىكىدىن باشلاپلا  سىڭىپ قالغان  
ئىدى ،- ھە شۇنداق قىلە  ئوقە بىرنى،- ئۆيدىن چۇۋقان كۆتىرىلدى  ھەممىسى مېنىڭ شئېر ئوقۇشۇمنى تەلەپ قىلىپ  تۇرۋالدى
- ھاراق زورلىمايدىغانلا  ئىشىڭلا بولسا ئوننى ئوقۇپ بەرسەممۇ بېرەي  ،- دېدىمدە ئالامەت  دېگەن شئېرىممنى ئوقۇشقاباشلىدىم- مەھەلەمدىكى بىر ‹‹گۈزەلگە››

بېشىڭدىكى رومالىڭ قالغان ئىدى ئاناڭدىن ،
شۇڭا ئالساڭ بېشىڭغا يارىشاتتى ئالامەت .
قاپاق تۇتۇپ سەھەردە سۇغا چىقساڭ بۇلاققا  ،
سېنى كۆرسە يىگىتلەر قارىشاتتى ئالامەت .

زىبالارنىڭ مىراسى ئەدەپ -ئەخلاق يار ساڭا ،
سېنىڭ ھۆسىن جامالىڭ گۈزەل ئىدى ئالامەت .
ھىلال ئايدۇر قاشلىرىڭ چولپان ئىدى كۆزلىرىڭ ،
قۇندۇز كەبىي چاشلىرىڭ ئۇزۇن ئىدى ئالامەت .

كەسپ ئۆگىنەي شەھەردە دەپ يىراققا كەتكەندە ،
ساڭا ئاشىق يىگىتكە ھىجران كەلدى ئالامەت .
بولمىساڭمۇ ئۆيۈڭدە مەھەلەڭدىن كەتمەيدۇ  ،
سېنىڭ كېتىپ قالغىنىڭ ئەلەم بولدى ئالامەت .

بىرەر يىلدەك تۇردۇڭغۇ كەسىپ ئۆگىنىپ شەھەردە ،
قايتىپ كېلىپ شەھەردىن ئۆزگىرىپسەن ئالامەت .
ئالدىممىزدىن ئۆتتۈڭسەن بەللىرىڭنى ئوينۇتۇپ ،
تۈكۈرۈشتۇق كەينىڭدىن نەپرەت بىلەن ئالامەت .

سېنىڭ ئۇزۇن چاشلىرىڭ چۈشمەس بوپتۇ بېلىڭگە ،
تولۇن ئايدەك يۈزۈڭنى بويىۋاپسەن ئالامەت .
تىزدىن ئۈستۈن تۇرۇپتۇ ، كىيىۋالغان كۆڭلىكىڭ ،
كۆڭلەك بىلەن چېچىڭنى قىسقارتىپسەن ئالامەت .

مەھەلىگە ئاڭلىنار ئۆيۈڭدىكى مۇزىكا ،
ئۈنئالغۇغا ئەگىشىپ توۋلاپ كەتتىڭ ئالامەت .
بەللىرىڭنى تولغايسەن مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ ،
دېسكو دېگەن ئۇسۇلغا توۋلاپ كەتتىڭ ئالامەت .

ھۆسىن تۈزەپ چاچ ياساپ بەزمىلەردە ئويناشنى ،
قىسغىغىنە  بىر  يىلدا ئۆگىنىپسەن ئالامەت .
ھازىر زامان شۇنداقكەن قۇلاق سالسام سۆزۈڭگە ،
سەن زامانغا  بەكمۇ تېز يۈزلىنىپسەن ئالامەت .

چىقماس مەڭگۈ ئېسىممدىن سېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىڭ ،
ياشلىق دېگەن بەك قىسقا ئوينىۋاللاي ئالامەت .
ھەممە سەندەك بولسا گەر مىللىتىمىز ياشلىرى ،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق نىمە بولار بۇ مىللەت .

ساڭا قىلاي نەسىھەت ئاڭلاپ قويغىن سۆزۈمنى ،
ئۇيغۇر قىزى بويىما بويالمىغان يۈزۈڭنى ،
ئەمدى تاشلاپ ئويۇننى ئوڭشىمىساڭ ئۆزۈڭنى ،
پۇشايماننى يار قىلىپ ياش تۆكىسەن ئالامەت . ،-شئېرنى ئوقۇپ بولۇشۇمغىلا ئۆيىدىن چاۋاك ئاۋازى كۆتۈرلدى .
  - ئابلىكىم كەلكۈندەك قوشاقچى بولۇپ قاپسەنغۇ مىليونىر دېدى ،- دېدى ئادىل كەپتەر
- قانداق قىلىسەن ئەمدى سەن كەپتەرخانىدا  يۈرگەن بىلەن  بىز كىتاپخانىدا  يۈرگەنكى  ئانچە مۇنچە يېزىپ قويىمەن شۇ ،- دېدىم دە مۇختەر بۇلبۇلغا قارىدىم  ،- سەنمۇ بىرەر ناخشا ئېيتىپ بېرەر،دېدىم ئۇنىڭغا  -
- شۇنداق  قىلە شۇنداق قىلە  ،- سورۇندا مۇختەر بۇلبۇلغا  ناخشا ئېيتتۇردىغانغا  قىقاس كۆتۈرۈلدى مەن شئېر ئوقۇۋاتقاندا كىرگەچكىمۇ جىممىدە ئولتۇرغان مۇختەر  
- بولىدۇ مەن ساۋاقداشلارغا ساۋاقدىشىمىز  ئابدۇسالامنىڭ تويىنى تەبىرىكلەپ  تويلار مۇبارەك دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ  بېرەي،-  دېدىدە  قولىغا گېتتارنى ئالدى
-ۋو ۋو،- ئۆيدىن قىقاس ۋە چاۋاك كۆتىرىلدى ناخشا باشلىنىشى بىلەنلا  قىقاسلارمۇ جىمىقتى  .ناخشا ئېيتىلىپ تۈگىشىگىلا  
- قوپۇڭلار  باللار ھەي  قىزنىڭ ئۆيىگە توي  تارتىپ  ماڭىمىز  . تېخىچە ئىچىپ ئولتاغىننى بۇلارنى ،-دەپ لار يىگىت قولداش  سادىق چاشقان كىرىپ كەلدى .  يىگىت قىزىقچىلىقتا  ھاراق ئىچۋلمىسۇن دەپ بۇ ئۆيگە يىگىت بىلەن قولداشنى كىرگۈزمىگەن  ئىدۇق .  
  بالىلار ئورۇنلىرىدىن  تۇرۇشتى  ھەممەيلەن  سىرتقا چىقتۇق  . يىگىرمىدەك ماشىنا تىزىلىپ  كەتكەن ئىدى قىز بىلەن  يىگىتنىڭ ماشىنسى ئالاھىدە بىزەلگەن ئىدى   يىگىت بىلەن قولداش خاس ماشىنىسىغا چىقتى قالغانلا ھەممەيلەن  ناغرا سۇناي ماشىنىسىغا چىقتۇق بۇر ئۇچ توننىلىق يۈك ماشىنىسى ئىدى . ناغرا سۇناي ساداسى بىلەن  تەڭلا ماشىنا يول قىزنىڭ ئۆيىگە يول ئالدى  بىز قىزنىڭ ئۆيىگە بارغىچە يولدا قىز- چوكانلا ئۇچۇرسىلا ۋاقىراپ ماڭدۇق  توت كوچىلاردا ۋاقىراپ مەھەلىنى بىر ئالدۇق . ماشىننا قىزنىڭ ئۆيىگە كېلەي دېگەندە  توي توسۇغىچىلا چىقتى
   ئوتتۇز ئوغۇل  ماشىنىدىن چۈشتۇق دە چىرايلىق سالاملاشتۇق  قىز تەرەپتىن تەلىپى 200 يۈەن پۇل ۋە بىر مەيدان ناغرا ئۇسۇلى ئىدى  
- ۋاي ئاداش ھەي 200 يۈەنمۇ بىرما بولامدۇ 100 يۈەن بېرەيلى  ئېچۋىتىڭە،-  دېدىم  قىز تەرەپتىكى ساھىپغانلارغا
- بولمايدۇ  200 يۈەن ،- دېدى  ئۇلار
- مىليونىر بولغاندىكى بېرۋىتە سەن   ،-   دېدى سۇلايمان مۇنار
- سەن بەرگىنە مۇناردىن بەشنى ئىچمىسەڭلا بولىدۇ .- دېدىم مۇنارغا تالىشا تالىشا 150 يۈەنگە توختىدە يولنى ئېچۋەتتى بىزمۇ 150 يۈەنى بەردۇق . قىزتەرەپنىڭ ساھىپخانلىرى  يىگىتلەرنى ئۆيگە باشلىدى  . د

ئاپتورى  مىليونىر   

داۋامى   ئىنكاس شەكلىدە يوللۇندۇ













ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش