قارىغاندا تورداشلار ئارسىدا مىترونى چۈشەنمەيدىغانلارمۇ بار ئوخشايدۇ ، مەن ئازراق چۈشەندۈرۈش بىرەي :
مىترو (地铁)بولسا ئاساسلىق تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەردىكى قاتناش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىققان قاتناش ۋاستىسى ، مىترونىڭ ئاساسى كۆرنۈشى پويىزغا ئوخشىسىمۇ ئەمما پەرىق كۆپ ، يەنى مىترونىڭ قوزغىلىش ، توختاش سۈرىتى كۆپ ، سۈرئىتى تىز ، پۈتۈن لىنيە يەر ئاستىدا (ئالاھىدە يەر شەكلىدە يەر ئۈستىگە چىقىپ قالىدىغان بۆلەكلىرىمۇ بار ) بولغاچقا ، قاتناش توسۇلۇپ قېلىش مەسلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ . مەملىكتىمىزدە بېيجىڭ شەھرىنىڭ مىترو ئەسلىھەسى ئەڭ مۇكەممەل بولۇپ ، بىلەت باھاسى 2 يۇەن ،ئومۇمىي 16لىيەدىن تەشكىل تاپقان ، پۈتۈن لىنيەدە بىر بىلەت بىلەن ئالمىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئەگەر سىز خالىسىڭىز 2 يۇئەن بىلەۈ پۈتۈن بېيجىڭنى يەر ئاستىدىن ئايلىنىپ چىقالايسىز .
مەملىكىتىمىز بويچە بىرىنجى قېتىم مىترونى ئىشقا سالغان شەھەر تىيەنجىن شەھرى بولۇپ ، مەن بېيجىڭ ۋە تىيەنقىن شەھەرلىرىدە بۇ ئەرزان ، قۇلايلىق قاتناش ۋاستىسىغا ئولتۇرۇش مىنىڭ ئاساسلىق قاتناش تاللىشىم ھېسابلىن
ى
د
ۇ .
يۇقارقى سۈرەتتىكىسى بېيجىڭ شەھرىنىڭ ئاساسلىق مىترو قاتناش لىنيىسى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 52arslan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-12 10:30 AM