wahxi يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 11:15 PM
كوچىلاردا مېڭىپ يۈرۈپ كۆرگەندىكى كۆرۈنۈشى:
ۋاشنگىتون ...
لوندون شەھەر ئىچىدىكى تار كوچىلىق مەھەللىلەر. قارىغاندا بۇلار ئانتېننا ئارقىلىق تېلېۋىزور كۆرىدىغان ئوخشايدۇ.
ماۋۇ كوچا دوقمۇشىدىكى ساتىراشخانا ئوخشايدۇ.
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاستىدىكى ئۆتۈشمە يول. يول ئېغىزلىرىغا تېلېكامېرا ئورنىتىش ھەممە دۆلەتتە بارمۇ نىمە؟
كوچىلاردا ئادەم ئاز، ماشىنا كۆپ
تامغا ياماشقان گۈللىرى ئەجەپ چىرايلىق ئېچىلىپتۇيا...
ئۈچ دېرىزىگە ئۈچ خىل پەردە، ھويلىسىدىكى چوڭ تەشتەكلىك گۈللەر، قارىغاندا باينىڭ قوروسى ئىكەن بۇ
بۇ ساياھەت ئاپتۇبۇسى ئوخشايدۇ
مەكتەپكە ۋەلىسىپىتلىك كىلىپ ئوقۇيدىغانلارمۇ خېلى باركەن.
بۇ ئەنگىلىيەدە قاتناش ۋاستىلىرى يولنىڭ سول تەرىپى بىلەن يول يۈرىدىغان ئوخشايدۇ
ئەمدى رىمنى ئازراق كۆرۈپ باقايلى. بۇ رىمدىكى گلادىئاتور مەيدانىنىڭ ئۈستىدىن كۆرۈنۈشى
خەرىتىنى داۋاملىق يېقىنلىتىپ ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەندە مۇنداق كۆرۈنۈش ھالىتىگە ئۆتىدۇ
قارىغاندا ياۋروپادا چوڭ شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىدا يايما ئېچىپ سودا قىلىشقا يول قويىدىغان ئوخشايدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدە شۇنداقكەن.
مائوسنى غالتىكىنى ئالدى كەينىدىگە ئايلاندۇرساڭلار، كوچىلاردا ئالدى كەينىگە ماڭالايسىلەر. رەسىمگە دىققەت قىلساڭلار، ئاۋۇ ماشىنىلارنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سۇس توم ئاق سىزىق تۇرامدۇ،بۇ ئەمەلىيەتتە مۇشۇ يۇمشاق دېتال كۆرسىتىۋاتقان مەۋھۈم سىزىق، شۇنداق سىزىق بەلگە قىلىنغان يوللارغىلا كىرگىلى بولىدۇ. ئاساسلىق يوللارنى سېرىق رەڭلىك توم مەۋھۈم سىزىق بىلەن ، كىچىك يوللارنى ئاق سىزىق ئارقىلىق ئىپادىلەپتۇ. رىمنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى كىچىك كوچىلارغا كىرىپ، تاركوچىلىرىنى ئايلىنىپ بېقىڭلار، بەك گۈزەلكەن.