تەغدىرىڭىز ئۆز قولىڭىزدا (دىلنازئاي)
بىر تىلەمچى سەدىقە سوراپ كەپتۇ. ئۇنىڭ ئوڭ قولى مۈرىسىدىنلا يوق بولۇپ، قۇرۇق يېڭى بوشلۇقتا لەيلەپ تۇراتتى.ئۇنىڭ بۇ بىچارە ھالىتىنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە سەدىقە قىلىۋېتىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. لېكىن بۇ ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى ھېچقانداق تارتىنماستىنلا: __بۇ خىشلارنى ئۆينىڭ كەينىگە يۆتكىشىپ بەرسىڭىز قانداق؟__دەپتۇ. __بىر قولۇم بىلەن خىش يۆتكىشىپ بېرىمەنما؟بەرگىڭىز كەلسە بېرىڭ،بولمىسا تولا ئەخمەق قىلماڭ،__دەپتۇ تىلەمچى ئاچچىقلىنىپ. ئەمما ئايال خاپا بولۇشتا يوق، ئەتەي بىر قولى بىلەن خىش يۆتكەشكە باشلاپتۇ ۋە دەپتۇ: __قاراڭ،ئىككىلا قول بولمىسا ئىش قىلغىلى بولمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ؟ مەن قىلالىغان يەردە سىز نىمە دەپ قىلالمىغۇدەكسىز؟ تىلەمچى ئايالنى ئەمدىلەتىن كۆرىۋاتقاندەك ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپتۇ ۋە بىر نەرسىلەرنى چۈشەنگەندەك بولۇپ، ئېڭىشىپ خىش يۆتكەپتۇ. بىر قېتىمدا ئىككى دانىدىن يۆتكىسىمۇ، ئىككى سائەت ئىچىدىلا خىشلارنى پاك-پاكىزە يۆتكەپ بوپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ چىلىق-چىلىق تەرلەپ،چىرايى قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن، ھېرىپ ھالىدىن كېتەيلا دەپ قالغانىدى. ئايال قاردەك ئاپئاق لۆڭگىدىن بىرنى ئۇزۇتۇپتۇ. تىلەمچى يۈزىنى سۈرتكەنىكەن، لۆڭگە قاپقارا بولۇپ كېتىپتۇ. ئايال ئۇنىڭغا 20 دوللار بېرىپتۇ. تىلەمچى ھەشقاللا- رەھمەت دىگىنىچە پۇلنى ئاپتۇ. __نىمىگە رەھمەت ئېيتىسىز؟__دەپتۇ ئايال__بۇ ئۆزىڭىز ئىشلەپ تاپقان پۇل. __مەن سىزنى ۋە قىلغان بۇ ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن،__دەپتۇ تىلەمچى ۋە لۆڭگىنى ئەستىلىك ئۈچۈن سورىۋېلىپ، چوڭقۇر ئېگىلىپ-پۈكۈلۈپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كېتىپ قاپتۇ.
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ يەنە بىر تىلەمچى كەپتۇ. ئايال خوجايىن ئۇنىڭغا ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى خىشلارنى ئۆينىڭ ئالدىغا يۆتكەپ بەرسە 20 دوللار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئىككى قولى ساپمۇ ساق بۇ تىلەمچى 20 دوللارنى ئاز كۆردىمۇ ياكى باشقا بىرەر سەۋەپ بارمۇ ئۆرۈلگىنىچە كېتىپ قاپتۇ. ئوغلى ئانىسىنىڭ قىلىۋاتقىنىغا ھەيران بولۇپ سوراپتۇ: __ بىرىگە ئالدىغا يۆتكە دەيسەن، بىرىگە كەينىگە يۆتكە دەيسەن، سەن زادى خىشنى قەيەرگە قويماقچى؟ ئانىسى: __ خشنى نەگە قويۇش مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى تىلەمچىلەرنىڭ خىشنى يۆتكەش- يۆتكىمەسلىكى،__دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىر نەچچە تىلەمچى كەپتۇ. خىشلارمۇ ئۆينىڭ ئالدى-كەينىگە بىر نەچچە قېتىم يۆتكىلىپتۇ.
ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتكەن بىر كۈنى، ھويلىدا ناھايىتى سالاپەتلىك بىر ئادەم پەيدا بوپتۇ. ئۇنىڭ كېيىنىشى سالاپەتلىك، گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرىشىدنلا ئۆزىگە ئىنتايىن ئىشىنىدىغان غالىپلارغا خاس تەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى. شۇغىنىسى ئوڭ قولى يوق، يېڭى بوش لەپىلدەپ تۇراتتى. كەلگۈچى ئېگىلىپ بىر قولى بىلەن قېرىلىق يەتكەن ئايال خوجايىننى يۆلىگەچ: ___ سىز بولمىغان بولسىڭىز، مەن ھازىرقى بىر شىركەتنىڭ مۇدىريەت باشلىقى ئەمەس، ھېلىھەم تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن بولاتتىم،__دەپتۇ. ئايال بۇ ئادەمنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. __ھەممىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگىكى،__دەپتۇ ئۇ. مۇدىريەت باشلىقى ئايالغا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ شەھەرگە ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. __ كەچۈرۈڭ، بۇلارنى قۇبۇل قىلالمايمىز،__دەپتۇ ئايال. __نىمىشقا؟ __ھەممىمىز بىجىرىم ئادەملەرمىز. __خانىم،__دەپتۇ مۇدىريەت باشلىقى قەتئىلىك بىلەن،__سىز ماڭا ئادەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى ئۆگەتتىڭىز. شەھەردىن سىزگە ئاتاپ ئۆي ئېلىپ قويدۇم. ئۇ ماڭا بەرگەن تەربىيىڭىزنىڭ ھەققى بولسۇن. ئايال ئاخىرى كۈلۈمسىرەپتۇ ۋە شۇنداق دەپتۇ: ___ئۇنداق بولسا ئۇ ئۆينى بىر قولىمۇ يوق ئادەملەرگە ھەدىيە قىلايلى.
بېل گېيتىس: كىشىلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ئۆز ئارزۇلىرىمىزدىن ئۈنۈپ چىققان بىخلارنىڭ مەلۇم مەزگىلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. تەغدىرنىڭ بەلگىلەيدىغىنى بولسا ھەر بىرىمىزنڭ قارارىدۇر. تەغدىر ئۆزىمىزنىڭ قولىدا. مەيلى كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن ھەر بىر تاللاش، قارار بىزنىڭ تەغدىرىمىزگە مۆلچەرلىگۈسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. كىچىك-كىچىك تاللاش قارارلار، يىغىلىپ كېلىپ بىزنى غەلبە ياكى مەغلۇبىيەتكە سۆرەيدۇ.
ئىنسان كىشىلىك ھاياتتا ئۇنداق ياكى مۇنداق بالا -قازا،بوران چاپقۇنلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. جاھاندا تۈپتۈز يول يوق. توققۇزى تەل بىر ئائىلىدە ئادەمنىڭ كېلەچىكى ئاللىقاچان باشقىلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز تەغدىرى توغرىسىدا باش قاتۇرۇپ ئىزدىنىشى،ھاياتنىڭ ئەقەللى يۈك-ئېھتىياجلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا ھاجەت قالمايدۇ.ۋەھالەنكى، ھەممە سەن ئۈچۈن تەل قىلىپ بېرىلگەن بۇ خىل ھاياتتا نە مەنە، نە لەززەت بولسۇن؟ ئىنسان پەقەت ئۆز كۈچى ئارقىلىق ئېرىشكەن غەلبە تەنتەنىسىدىنلا ھەقىقي بەخىتنى ھېس قىلالايدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ رەنجى-بەختىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ. شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ پاراغەت ئىچىدە غەپلەتتە قالغانلار تۇرمۇشقا،جەمىئەتكە مۇستەقىل يۈزلىنىپ، ھاياتنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى تەنھا ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۇ تىركىشىدۇ يۇ__ھالاك بولماي قالمايدۇ.
گېيتىس شۇنداق دەيدۇ: ھاياتتكى بەخىتسىزلىكتىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما ئۇ بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ۋاقىت ئاشۇ ئازابلىق ھېسلارنى ھامان ئۇنتۇلدۇرىدۇ. << بۇ ھېچنىمە ئەمەس>> دىگەننى ھەر دائىم تەكرارلاپ تۇرۇڭ. بەخىتسىزلىكنىڭ زەربىسى تۈپەيلى ئۆزىڭىزنى يوقۇتۇپ قويماڭ. بەلكى يەنە شۇنداق ھەرىج تارتماسلىقىڭىز ئۈچۈن، دەس تۇرۇڭ__دە، ئۆزىڭىز قىلىشقا تېگەىشلىك ئىشقا يەڭ تۈرۈڭ.
مەنبە:<< بايقىساڭ توپىمۇ __ئالتۇن>>
ئاخىرىدا دىلنازئاينىڭ سوۋغىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ:
|