koznak يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 05:26 PM
يەنە بىر قىتىم ئىيتاي، مىنىڭ باشتىكى سۇئاللىرىمدىن ئۆ ...
63- 65 قەۋەتتىكى ئىنكاسلىرىمدىكى سۇئالىمنىڭ كۆپىنچىسىگە تىخى جاۋاپ بەرمىدىڭىز، شۇنىڭغىمۇ جاۋاپ يىزىۋىتىڭ.
‹‹ بۇ سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز . سىز مەن كۆزنەكنى ئاغدۇرىمەن دەپ چىققان ئىكەنسىز ، چوقۇم تولۇق تەييارلىقىڭىزبار . سىز مەن ھەمزە بىلەن ئويچانغا قانداق ھاقارەتلىك ناملار بىلەن ئاتىغان سۆزلىرىمنى چاپلاپ بېرىڭ . مېنىڭ ئەزەلدىن گاراڭسا لار بىلەن گەپ تالىشىدىغان سۈپىتىم يوق . ئەگەر مېنى شۇنداق دەپ ئاتىيالىغان ئىكەنسىز ، چوقۇم يىتەرلىك دەلىلىڭىز بار دېگەن گەپ . شۇ خىل باياننى بېرىڭ . بۇنى كۈتىمەن . ››
‹‹ مەن ئۆزەمنى ھېچقاچان سىز ئويلىغاندەك ئالىم چاغلىغىنىم يوق . سىلەر ئالىم دەپ قانداق كىشىلەرنى دەيسىلەر ؟ ››
‹‹ قېنى شۇ يەرنى چاپلاپ كېلىپ ئاندىن مېنى رەسۋا قىلمامسىز ؟ مەن ھېچقاچان ھېچ بىر ئىنكاسىمدا بۇنىڭدەك سۆزنى قىلغان ئەمەس . تاكى مۇشۇ بىر يىل ۋە ئىلگىركى ئىككى يىل توردىكى ئۆمرۈمدە . مەن مەيلى ئەمەلىي ھاياتىمدا بولسۇن ياكى مەۋھۇم ھالەتتە بولسۇن ، بىرەر سۆزنى قىلغان ئىكەنمەن ، ھەممە ئىسسىقلا يادىمدا . بۇرۇن خېلى سالامەت كىشىلەردىن تۆھمەتنى ئاڭلايتىم ئ ەمدى سىزگە نۆۋەت كەلگەندەك قىلىدۇ . بۇنىڭغىمۇ كۆنەكقۇ بىز . ››
ئادەمدە خىجىللىق ھۈجەيرىسى بولۇشى كىرەكقۇ؟سىز ھەمزىنى ناھايتى سەت گەپ بىلەن ھاقارەتلىدىڭىز، بۇ يەردە تىنىۋالغىنىڭىز بىلەن ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ بىلىپ تۇرىدۇ، يەنە سىز ئۆزىڭىزنىڭ «ئالىم» ئىكەنلىكىڭىزنى پەش قىلغان گەپلەرنى گەپلەرنى مۇنبەردە ئىنكاستا دىمىدىڭىز، لىكىن باشقا ئالاقە ۋاستىسىدا دىدىڭىز، مەن ئەڭ ياش «ئالىم» دەپ، تىنىۋالسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ، مەن ئۇنى بۇ يەرگە چاپلىمايمەن، دىمىگەنلىكىڭىزگە ئىشەنسىڭىز مەن ئۇنداق گەپلەرنى دىمىدىم دەپ قەسەم قىلىڭ، ئاندىن مەن سىزدىن ھەم بارلىق تورداشلاردىن كەچۈرۈم سوراپ گۇناھىمغا تەۋبە قىلىمەن، ھەم مۇنازىرىدىن چىكىنىمەن، چۈنكى مەن كۆزۈمگە ئەمەس ئاللاھقا ئىشىنىمەن.
مىنىڭ 90-قەۋەتتىكى ئىنكاسىمنىڭ ئاخىرىدىكى سۇئال يەنە جاۋاپسىز قاپتۇ، ئەسلىدە ئەڭ مۇھىم سۇئال ئىدى ئۇ، شۇنىڭغا جاۋاپ بىرىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ باشقىچە يولدا مىڭىۋاتقانلىقىڭىز توغۇرلۇق جار سىلىۋاتقانلىقىڭىز ھەم باشقىلارنى شۇ يولغا چاقىرىۋاتقانلىقىڭىز ئۈچۈن، ئاشۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ يولىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى بىزگە كۆرسىتىپ قويۇڭ.
يەنە بىر سۇئال قوشۇپ قوياي، سىزنىڭ تەلىماتىڭىزدا قايسى ئىشلارنى قىلىشىمىز كىرەك، قانداق ئىشلاردىن چەكلىنىشىمىز كىرەك.