مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: XERHAN

ئاچچىق ھايات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14181
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5657 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 06:59:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز شېرخان ،خېلى بوپتىكەن مۇنبەردە سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى ئۇقىمىغىلى ،بېشى بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ بولسا ئاخىرىنىمۇ تىزرەك يوللارسىز بىزنى تەققازا قىلماي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 972
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 349
تۆھپە نۇمۇرى: 270
توردا: 495 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 08:36:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىنى تالانىتلىق يۇرتداش داۋامىنى تىزرەك يوللاسىز

جاسارىتى بارنىڭ پاراسىتى يوق،پاراسەتلىكنىڭ جاسارىتى يوق،مانا بۇ ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسى.
قۇرالنىڭ ئەڭ كۇچلۇكى دۇشمىنىڭ كۆرەممەيدىغان بىلەممەيدىغان قۇرال.

مەن بۇرۇنقى بۇلبۇلناز شۇ .

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72983
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 163
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 04:09:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز .........................

بىز تىرىك مېڭىپ يۈرگەن مۇردىلارمىز .

ئانا تىل مېنىڭ پەخرىم ، ئىملاغا دىققەت قىلىڭ !

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2057
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 23366
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4310 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 12:43:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامـــــــــــــــــى : ...

رەھمەتلىك ئانام ئۈچۈن تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىمنى ، دادامغا بولغان ئۆچمەنلىكىمنى ۋە شۇ چاغدىكى تۇرمۇشقا بولغان ئاچچىق ئۆكۈنۈشلىرىمنى ئېلىپ ماشىنا بىكىتىدىن چىقتىم .

بۇرۇنلاردا پات - پات دادام ئاناملار بىلەن كىلىپ تۇرىدىغان بۇ ناھىيە بازىرى ماڭا بەك يات بىلىنمىسىمۇ ئەمما ئۇ چاغدىكى ھالىتىمگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن ئېغىر كىلەتتى ، كوچا - كويلاردا ، ماگزىن ، سودا - سارايلاردا مەن دىمەتلىك بالىلار نۇرغۇن بولسىمۇ ئەمما ھەممىسىنىڭ ئىللىق ئۆيى ، مىھرىبان ئاتا ئانىسى باردەك ماڭا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىزغىن ، خۇشال كەيپىياتتا كىتىشىپ باراتتى ، ئەمما مەن ئۇلارغا قىلچىمۇ ھەۋەس قىلمايىتتىم ھەۋەس قىلغىنىمنىڭمۇ ھىچ پايدىسى يوق ئىدى .

بىكەتتىن چىقىپ چوڭ يولنى بويلاپ ماڭماڭتىمەن ... شۇ تاپتىكى كاللامدا ھىچبىر ئېنىق ئوي يوق ، نەگە بېرىپ نەدە تۇرىشىمنى ئەسلا بىلمەيمەن پەقەتلا كاللامغا كىرىۋالغىنى دادامنىڭ نىمە ئۈچۈن بىزگە ئۆچلۈك قىلىدىغىنى يەنە كىلىپ ئانام ئۆلۈپ كىتىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇنلا شۇنداق باغرى تاش بولۇپ كەتكەن ئىدى .

ئىلگىرى ئىككىسى ئانچە - مۇنچە سوقىشىپ قالسىمۇ بىراق تىزلا يارىشۋالاتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بار يەردە قاتتىقراقمۇ سوقۇشمايتتى پەقەت مەن بىر قانچە قېتىم ئۆينىڭ سىرتىدا تۇرۇپ گەپ تالىشىپ قالغانلىقىنى ئاڭلايىتتىم ئۆيگە كىرگىنىمدە ھەر ئىككىلىسى پەسىيىپلا قالاتتى .

كاللامغا كىرىۋالغان بارلىق ئازاپ ، ئۆچمەنلىك تۇيغۇلىرىنى بېشىمنى بىر سىلكىپلا چىقىرۋەتكىم كەلدىيۇ ئەمما ئۇنداق قىلىشقا ئاجىزلىق قىلاتتىم ، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ خىلى ھىسىياتلىرىمنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ كەچتە نەدە يېتىشنى قورساقنى نىمە بىلەن توقلاشنى ئويلىدىم .

ئانامنىڭ ناھىيە بازىرىدا يىقىن ئۆتىدىغان ئۇرۇق - تۇققانلىرى يوق ئىدى ، دادامنىڭ بىر سىڭلىسى يەنە بىر قانچە نەۋرە تۇققانلىرى بار بولۇپ بەزىلىرى خىزمەت قىلاتتى يەنە بەزىلىرى تىجارەت قىلاتتى ، مىنىڭ ئۇلارنىڭكىگە بارغىم كەلمىدى شۇ چاغدا < دادا > دىگەن گەپنى ئاڭلىساممۇ ۋۇجۇدۇمنى تىترەك باساتتى . ئېغىر قەدەملىرىمنى بېسىپ ئۇلارنىڭكىگە بېرىشتىنمۇ ۋاز كەچتىم ، ماڭا - ماڭا كۈنمۇ پېتىشقا باشلىدى ھىچكىم ماڭا پەرۋاسىز ۋاقىتمۇ ھەم شۇنداق ...

ئۇسساپ دىماقلىرىم قۇرۇپ كەتكەن ئىدى ، بىرەر بوتۇلكا سۇ ئالغۇدەكمۇ پۇل بولمىغاچقا ئاخىرى بىر مەسچىتكە كىرىپ ئىچىدىكى تۇربىدىن بىر تويغىچە سۇ ئىچىۋاپتىمەن قايتىپ چىققاندىن كىيىن يىراقراقتىكى تۆت كوچا ئېغىزىغا جايلاشقان بىر دوغاپچىنىڭكىگە كىلىپ ئولتۇردۇم ئازراق ھېرىپمۇ قالغان ئىدىم قورسىقىممۇ ئاچ ، ئەتراپتا دوغنى چايقاپ تۇرۇپ لەززەت بىلەن ئىچىۋاتقانلارغا قارايىتتىميۇ يەنە تىزلا ئۇدۇل تەرەپتە قويۇلۋاتقان تېلىۋىزۇرغا نەزىرىمنى تاشلايىتتىم .

شۇ تەرىقىدە  خىلى ئۇزاققىچە ئولتۇردۇم ئەتراپىمدىكىلەر كىلىپ كىتىپ تۇراتتى . توساتتىن بىرسىنىڭ چاقىرغان ئاۋازى قۇلۇقۇمغا ئۇرۇلدى يان تەرەپكە قارىسام دادام ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان بىزنىڭ مەھەللىنىڭ مەھەللە باشلىقى بىلەن بىر قانچە ناتونۇش كىشىلەر ئولتۇراتتى ئۇلارنى كۆرۈپ سەل چۆچىگەن بولساممۇ بىراق قايتا چاقىرىشى بىلەن كۆڭلۈم جايىغا چۈشۈپ ئاستا يېنىغا باردىم  بېرىشىمغا مىنىڭ كىم بىلەن ناھىيە بازىرىغا كەلگىنىمىنى نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى سوراپلا  تۇرىۋالدى ، مەن بولسام جاۋاپ بىرىشنى لايىق كۆرمەي ئۈنسىزلا تۇردۇم ، ئۇلار مەندىن يىتەرلىك جاۋاپ ئالالمىغاندىن كىيىن قولۇمغا بەش يۈەن پۇل بىلەن ئۆزلىرى يەپ بولالمىغان نانغا ئورالغان كاۋاپنى تۇتقۇزۇپ قويۇشتى .

مەن بولسا يا رەھمەت ئېيتىشىمنى يا رەت قىلىشنى بىلمىگەندەك بىر خىللا كەيپىيات ئىچىدە قالدىم ئۇلار ماڭا پۇل بىلەن سۇلياۋ خالتىنى تۇتقۇزۇپ كىتىپ قېلىشتى .

گەرچە ئۇلارنىڭ بەرگىنىنى ئالغىم بولمىسىمۇ ئەمما ئۇلار كەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ بەرگىنى ھامان ماڭا تەۋە بولاتتى ئۇ يىمەكلىك بىلەن بەش يۈەن پۇل مەن ئۈچۈن شۇ كۈنلۈك جاننى قۇتقۇزىدىغان بىردىنبىر ئامالدەك بىلىنگەن ئىدى .

ئۇلار بەرگەن نان بىلەن كاۋاپنى شۇ يەردىلا يەپ تۈگەتتىم كىيىنكى مەسىلە يەنىلا كىچە تاڭنى نەدە ئاتقۇزۇش بولۇپ قالدى ، نىمىشقىكىن شۇ كۈنى قەتئىي باشقىلارغا گەپ قىلغۇم كەلمىدى ، دوغچىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىۋەردىم خۇددى بىرسى مىنى شۇ يەرگە بەنىد قىپ قويغاندەك ئىزىمدىلا ئولتۇرىۋىرىپتىمەن بىر چاغلاردا كەچ بولغىننىمۇ سەزمەي قاپتىمەن .

تاكى دوغچى دۇكىنىنى يىغىپ تاقايدىغىننى دىگەنگە قەدەر شۇ يەردە كۈننى كەچ قىلىۋىتىپتىمەن ، ئۇ يەردىن ئايرىلدىم ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى تەبىئەتنىڭ مىھىرلىك تەپتىنى باغاشلاپ ياتقان بولسام ئۇ كۈن ئاخشىمى كىچە كۈندۈز تىنجىمايدىغان بۇ يول ، مەھەللەر مىنى باغرىغا باسمايدىغاندەك قىلاتتى .

سىرىتلاردا يېتىشتىن ئەنسىرەيىتتىم ، زادى قەيەردە يېتىپ تاڭ ئاتقۇزۇش كىرەكلىكىنى تېخىمۇ بىلمەيىتتىم . شۇ ئەسنادا يەنە بىرەر ئىككى سائەتچە كوچا ئايلىنىپتىمەن ، كوچىدىكى ئادەملەر بارا - بارا سۇسلاشقا باشلىدى . ناماز خۇپتەنگە ئەزان چىقىشى بىلەن تەڭ نەزىرىم يەنە مەسچىتكە چۈشتى .

شۈنچە خىجالەتچىلىك ئىچىدە مەسچىت بوسۇغىسىدىن پۇتۇمنى ئېلىپ تاكى ناماز ئاخىرلىشىپ مەسچىت ئىچىدە جامائەت قالماي ئىشىك تاقالغانغا قەدەر يان تەرەپتىكى ئۈزۈم بارىڭىنىڭ كەينىدە ساقلاپ تۇردۇم ئىشىك تاقىلىپ ئىخلاسمەنلەر ئۈچۈن خالىسانە خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ مەسچىتمۇ تىنجىپ قالدى مەن دۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇرغان يۈرىكىمگە بىر ئاز تەسەللى بىرىپ مەسچىت تاشقى ھويلىسىنىڭ بۇلىڭىغىراق بېرىپ بىر چاغلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەپتىمەن .

تاتلىق ئۇيقۇ مىنى شۇنداق چىرمىۋالغاندەك ھىچ نىمىنى تۇيماي ئۇخلاپلا قالغان ئىكەنمەن ، ھەتتا  ئەتىسى سەھەر بامداتقا توۋلانغان ئەزاندىنمۇ ئويغانماي قاپتىمەن ، بىر چاغلاردا بىرقانچە جامائەتنىڭ گەپ سۆزلىرى قۇلۇقىمغا ئۇرۇلغاندەك بولۇپ كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام راستىنلا ئەتراپىمدا بىر قانچەيلەن مىنىڭ قاچانلاردا بۇ يەردە يېتىپ قالغىنىمىنى ئۆيۈم بار يوقلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشقىلى تۇرۇپتۇ ، ئۇيقۇم تولۇق يىشىلىپ كەتكەندىن كىيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ، ئۇلار مەندىن گەپ سوراشقىنىدا بولسام نىمە دىيىشنىمۇ بىلمەي سۇپا لىۋىگە سەپ قويغان ئايىغىمنى چالا - پۇچۇق سېپىپلا تىزلىكتە سىرىتقا قاراپ يۈگرەپ چىقىپ كەتتىم .

ئۇنداق قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم لىكىن مىنىڭ ئۇ چاغدا باشقىلارغا ئۆزۈمنى چۈشەندۈرگىدەك ، ئۆزۈمنى ئاقلىغىدەك پۇرسەت ھەم ئەقىلىم بولمىغاچقا ئۆزۈمنى قاچۇرۇشنى ئەڭ ياخشى چارە دەپ قارايىتتىم .

داۋامى بار ...

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47969
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 592 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 04:05:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوھوي....داۋامىنى تېزراق يوللارسىز......

يۇقىرغا قاراپ پى

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 313
تۆھپە نۇمۇرى: 220
توردا: 5959 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 05:13:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،تىزراق بولارسىز،بىزنى بەك ساقلىتۋەتمەي.بۇ ئەسەرنىڭ باشلىمىغا قارىغاندا «كەچۈرۈڭ،مەن دىگەن ھاراملىق»قا ئوخشاش يەنە بىر نوچى ئەسەر كۆردىغان بولدۇم.لىكىنزە مۇشۇ مەسجىددە تۈنەپ تۇرۇپ نامازغا قاتناشمىغىنڭىز ياخشى بولماپتۇ،

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71880
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 751
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 06:32:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىنىڭ دىلىغا ئازار بىرىش روھىغا ھاقارەت قىلىش يۈزىگە ئۇرۇش ئۇلۇغ كەئبىنى قولىغا پالتا ئىلىپ چاققاندىنمۇ ئىغىر چوڭ گۇناھ
چۈنكى كەئبە ھەر قانچە ئۇلۇغ بولسىمۇ روھسىز ماددا، ئىنساننىڭ روھى ئىززەت ھۆرمىتى پەرىشتىدىنمۇ ئۇلۇغ شەيتان پەرىشتىدىنمۇ ئۇلۇغ تۇرۇپ ھۆرمەت سەجدىسى قىلماي مەلئۇن بولغان
ئەمدى كىشىلىك ئىززەت ھۆرمەتنى دەپسەندە قىلغۇچىلار شەيتاندىنمۇ ئېشىپ كىتەر ھە!:qiray12
ھەر قانچە ئىغىر جىنايەتچىگىمۇ تۆۋە قىلسا تەن جازاسى بىرىلىدۇ روھى زەربە بىرىلمەيدۇ

بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى بولىدۇ

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14181
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5657 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 07:28:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەپ دەيمەن شېرخان ،ئادەمنى نىمانداق تەققازا قىلىدىغانسىز دەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1880
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 1987 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 06:31:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي ئۇكاموي  جىق جىق بى يېزىڭا كىچىك بالىنى ئالداپ 5مۇ تۇتقۇزۇپ قويغاندەك قىلىق قىلماي.

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74050
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 92
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-1-27
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 02:35:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
哦~~~~

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش