بۈگۈن ئۆتسە ئەتە كىلىدۇ،
< بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ>
ۋاقىت ھەرگىز ساقلاپ تۇرمايدۇ،
ئۆز يولىنى داۋام قىلىدۇ.
ۋاقىت گويا باغرى تاش جانان،
رەھىم قىلماس باي ،گادايغىمۇ.
مۇھەببىتى نەپرىتى ئوخشاش،
تەڭ قارايدۇ نامرات، بايغىمۇ.
سائەت قوغلاپ ماڭار مىنۇتنى،
دەقىقىنىڭ ۋەزنى بىر تىنىق.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بىر كۇن،
غايىپ بولار چىقارماي تىرىق.
ئايلار،يىللار ھەش-پەش دېگۈچە،
ئۇزاپ كىتەر، تۇيماي قالىمىز.
ئاي-چولپاننى ئويناپ كىلىدۇ،
تۈنۈگۈنكى بۇۋاق بالىمىز.
شۇڭا دەيمەن ، ۋاقىت رەھىمسىز،
كەلمەس ئەتە، ئەمما بۈگۈن سىز.
ۋاقتىڭنى بوش ئۆتكۈزمە دوستۇم،
بولماي دېسەڭ مەڭگۈ كۆڭۇلسىز!
مەنبە: مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-17 09:57 PM