hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 10:10 PM
بۇساقچىنىڭ گۋانتانامۇ ،ئەبۇغېرىپ تۈرمىلىرىدە ئەس ...
ئامىركا توختماي تەيۋەنگە قورال ياراق ستىپ بېرشى،ئاففانىستاننى باھانە قىلىپ دۆلتىمىزنىڭ غەرىب خوشنىسدا ئامىركا ھەربى بازىلىىرىنى تۇرغۇزۇشى،تىنچ ئوكياندىكى ئىتتپاقدىشى بولغان ،ياپۇن،كوريە،پىلىففىن بىلەن ئاپاق چاپاق بولشى،دۆلتىمىزنىڭ ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئەڭ يېقىن دوستى ئىراننىڭ بوسوغىسقا ئۈچ ئاۋياماتكىسنى توختۇتۇپ قويشى دەل سىز گە ئوخشاش مېنىڭمۇ ئوغامنى قاينىتىدۇ،يوقال ئامىركا دىگۈم كېلدۇ.
ئىراننىڭ ئىنسان قېلپىدىن چىققان ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىراندىكى تۈركى ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى قىرغىن قىلشى،تۇرمىلەردە خورلىشى ،ئۇلارنىڭ ئىنسانى ھوقۇقى ئەمەس تىلى،يېزىقى ھەتتە ياشاش شارائىتىدىنمۇ مەھرۇم قىلىشى،ھەدىسلا ئىسرائىليەنى ئۇنى قىلمەن بۇنى قىلمەن دەپ تۈپۈركىنى چاچىرتىپ توختماي ۋاقىرشى،لىكىن بىرتال ئوقمۇ ئاتماسلىقى.ئىسلام دىنىنىڭ تارىخى دۈشمىنى بولغان رۇسيە سېسىقلىرنىڭ پاچىقىغا ئېسىلىشى،بۇلارنى ئويلسام يوقال ئىران دىگۈم كېلدۇ.
ئىسرائىليەنىڭ توختماي پەلەستىن خەلقىنى قىرغىن قىلشى،ئەرەب دۆلەتلىرگە توختماي قورقاق سېلشى،باشقا دۆلەتلەرگە ھەربى قورال ياراق سېتىپ بېرىپ باشقىلارنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كرىشى،بۇنى ئويلىسام يوقال ئىسرائىليە دىگۈم كېلدۇ.
لىكىن مەن يوقال دىگەنگە ئامىركا يوقالمايدۇ،ئىرانمۇ يوقالمايدۇ،ئىسرائىليەمۇ شۇنداق.ئىسرائىليە بىلەن ئىران توختماي ئېغىز ئۇرشى قىلدۇ،ئامىركا ھومىيپ قويدۇ،ۋاقتى كەلگەندە ئوباما بىر ئاچىچىقلايدۇ،ئاللا كارامەت ئىران دەرھال تۈركيەنى ئاكام ،رۇسيەنى بوۋام دەپ دىمىگىنى قالمايدۇ،لىكىن ئىران ئىككىنچى يۇگۇسلاۋىيە بولدۇ.