ZERO903 يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 10:47 PM
ئۇلار كاپىر ئەمە ئاسىيى تائىپلار
بالام، ئىسلام تاررىخىنى ئوبدانراق ئوقۇپ ئاندىن ئۇ بۇ دىگىن ھە. نىمە ئۈچۈن ھەزرىتى ئەلى بىلەن ئائىشە رەزىيۇللا ئوتتۇرسىدا زىددىيەت بولدى، ئۇلار نىمىشقا ئىماملارنى ئىتىراپ قىلمىدى. چۈنكى ئىماملار پەيغەمبەرنىڭ نەۋرىسى، ئەلى ۋە پاتىمەنىڭ ئوغلى. بۇ يەردە ھوقۇق كۆرىشى، خەلىفىلىكنى ئەلىدىن كېيىن كىم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، پەيغەمبەرنىڭ نەۋرىسىمۇ ياكى ئەلىدىنكېيىنكى تەسىر كۈچى بار بىرسىمۇ ؟
شۇڭا سەن ئىسلام تارىخىنى ئوبدان ئوقۇساڭ جاۋاپقا ئىرىشىسەن، شئىئەلەر فارىسلار ( بىر قىسىم ئەرەپلەرمۇ بار )، سۇننىيلەر ئاساسەن ئەرەپلەر. كېيىنچە بۇ ئىككى خەلىق ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىپ مانا مۇشۇنداق ئىككى چوڭ مەزھەپ مەيدانغا كەلدى، فارىسلار ئىماملارنى ئىلاھلاشتۇرۇش دەرىجىسىگە قاراپ ماڭدى، فارىسلارنىڭ بۇرۇنقى دىنى ئەقىدىسى ئىسلامغا ئارىلىشىپ كەتتى، شۇڭا شىئەلەر بىلەن سۇننىلەر ئارىسىدا پەرىق چوڭايدى. ئەرەپ ئاكىلىرىنىڭ گېپى بويىچىلا ئۇلارنى « ئاسىلار » دىمە، ئاسىلار دىگەن « خاۋارىج» لار. خاۋارىجلارنىڭ كىملىكىنى قايسى ۋاقىتتا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلمەيسەنغۇ ھەقىچان.