uygurbilig يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 03:41 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەندە2كىلۇ ئالتۇن 50كىلۇ كۈمۈش باتت ...
مەن پەقەت سىزگە بىلگىنىمنى دەيمەن ، قارار قىلىش يەنىلا ئۆزىڭىزدە ...
سىزگە مۇنداق يول كۆرسىتىپ قوياي : بۇ مەيداندىكى ئالتۇن كۈمۈشنىڭ چۇشۇش ئۆرلەش ئەھۋالى ھەرقانداق بىر ئىنسان زاتىغا مەۋھۇمدۇر .شۇڭا بۇنىڭغا بىركىشىنىڭ گىپى بويىچىلا ئىش كۆرىمەن دىسىڭىز ، تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس .
1.ئىتىقادىڭىز توغۇرلىنىشى كىرەك .ئاللاھقا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلالايدىغان ، مەيلى پايدا بولسۇن ياكى زىيان بولسۇن ، ئۆزىڭىزنى تۇتىۋالالايدىغان سەۋىر بولىشى كىرەك .
2.خەلقارا ۋەزىيەتكە ئوبدان دىققەت قىلىڭ . يۇقاردا دىگىنىمدەك بۇ بۇ خەلقارا ۋەزىيەتتىكى ئىشلار بىلەن زىچ مۇناۋسىۋەتلىك .خۇسۇسەن بىنلادىن ئىتىۋىتىلگەن ۋاقىتتا ، ئالتۇن كۈمۈشنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن .
3.زىيادە كۆپ پايدىنى قوغلاشماڭ . چۇنكى «پۇل قانچىكى كۆپ بولسا ، پايدىمۇ شۇنچىكى كۆپ» دىگەندەك كۆز قاراشتا بولسىڭىز ، مىنىڭچە ئىنىقلا زىيان تارتىسىز ، چۇنكى بۇ سودىنىڭ ئارقىسىنى سىز ۋە بىز ۋە ياكى ھەرقانداق بىر ئادەم ھەرگىز مۆرچەرلەپ يىتەلمەيدۇ . تۇيۇسىزلا 5مو ياكى بىرەر كويدەك چۇشۇپ كىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۇلگەن . مۇشۇ يىلى رامىزاندا ، كۈمۈش 8كويدىن ئاشقانىدى ، كىيىن 9كويغىمۇ يىقىنلاشقان .ئەمما تۇيۇقسىزلا چۇشۇپ كەتتى . بۇ ئەھۋالدا نۇرغۇن كىشىلەر زىيان تارتتى .چوقۇم قولىڭىزدا ئايلانما مەبلەغنى ساقلاپ قىلىشىڭىز كىرەك . مەسىلەن ، كۈمۈشنى باشتا 1 كىلو ئالغان بولسىڭىز ، يەنە بىر سائەت كۆزىتىپ باقىسىز ، بەلكىم يەنە چۇشۇپ قىلىشى مۇمكىن . ئەگەر بۇگۇنى چۇشمىسە ، ئەتىسى چوقۇم چۇشىدۇ ، شۇۋاقىتتا قالغان قىسمىنى ئالىسىز دىگەن گەپ .
4.مەبلەغنى زىيادە كۆپ سالماڭ ، بۇنداق قىلسىڭىز سىزگە زىيادە كۆپ بىسىم پەيدا بولۇپ، باشقا ئىشلىرىڭىز قىلىپ قالىدۇ . پايدا بولسىغۇ ھەممىمىز خۇش بولىمىز ، ئەمما زىيان بولۇپ قالسا ، روھى كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىمىكىڭىز بەسىمۇشكۇل .
5.ئاز پايدا بولسىمۇ ، ئۇدۇللۇق سىتىپ تۇۇڭ . يەنە ئۆرلەپ قالامىكى دەپلا ئولتۇرۇپ قالسىڭىز ، بەلكىم بىز ئارزۇ قىلغاندەك ئىش بولماسلىقى مۇمكىن .
مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي ، يەنە بىلمىگەن يەرلىرىڭىز بولسا ، سورىسىڭىز بىلگىنىمچە جاۋاپ بىرىمەن .