kaitmas يوللىغان ۋاقتى 2012-1-21 08:50 PM
ھەي، ھازىر نۇرغۇن بالىلارنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە چىقمايۋاتى ...
سىز قارىغاندا مەكتەپلەردىن ئاغرىنغاندەك قىلىسىز .بالىنىڭ تېلىنىڭ ئۇيغۇرچە چىقماسلىغىنىڭ سەۋەبى دەل ئاشۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تېلى ئۇيغۇرچە بولمىغانلىغىدا. ئاتا-ئانىسى ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدىغان بىر نورمال ئۇيغۇر ئائىلىدە بالىنىڭ تېلى چوقۇم ئۇيغۇرچە چىقىدۇ ،مۇبادا بالىنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە چەقمىسا ئۇنداقتا بۇ گۇناھنى ئاشۇ ئاتا-ئانىغا ئارتىش كېرەك .چۈنكى بالىلار 3ياشتا يەسلىگە ،7ياشتە ماكتەپكە كىرىدۇ ،3ياشقىچە بالىسىغا ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ئۆگىتەلمىسە ،7ياشقىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سېڭدۇرەلمىسە بۇ گۇناھنى ئاشۇ -ئاتا ئانىغا ئارتماي كىمگە ئارتىمىز ؟بىزدە ئائىلە مائارىپى دەيدىغان ئۇقۇم تېخى تەلتۆكۈس شەكىللەنمىدى .ئائىلە مائارىپىنىڭ ۋەزىپىسى دەل بالىغا ئۆزىنىڭ كىملىگىنى بىلدۇرۇشتۇر .