hokumran يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 08:42 PM
تۇز ئەپەندى رىئاللىقتا ئەينەن يۈز بەرگەن ۋەقەلىكنى ...
ئۆتكەندە بىر جۈمە كۈنى ، نەۋرە ئىنىم ناماز تۈگەپ بىر ھازاغىچە چىقمىدى، ئۇنى ئۆيگە كەتكەن ئوخشاشدۇ دەپ ئۆيگە قايتىۋېرىپتىمىز، بىر ھازاغىچە ساقلىساق يوق؟ شۇنىڭ بىلەن مەسچىتكە يەنە بىر بېرىپ كېلەي دەپ ، يېرىم يولغا كەلسەم ئۇ كىلىۋېتىپتۇ، چىرايىدىن ئاچچىقى كەلگەندەك كۈرۈنەتتى، نەگە باردىڭ دىسەم، نامازدىن چىقىپ قارىسام ئايىقىم يوق دەيدۇ، ئاندىن كىيىن قانداق قىلدىڭ دىسەم، بىر ئاياقنى كىيىپلا ماڭايمۇ دەپ، توختا ، ساقلاي، ئەڭ ئاخىرىدا قالغىنى مىنىڭ ئايىقىم ھەقىچان دەپ ساقلاپ تۇرسام كىپىشتىنمۇ ناچار بىر ئاياق قاپتۇ، يالاڭئاياق ماڭغاندىن مۇشۇنى بولسىمۇ كىيىۋالاي دەپ سەل كىيىنرەك چىقسام سىلەر يوق دەيدۇ........
2 يىلنىڭ ئالدىدىغۇ دەيمەن، شەھەرگە كىرىپ مەلۇم بىر سودا بازىرىغا كېتىپ باراتتىم، ئاپتۇبۇستا ئادەم شۇنداق جىقتى،ئەلپازىدىن ھېلىلا ئادەمنى چانىۋېتىدىغاندەك كۈرۈنىدىغان 30 ياشلار چامىسىدىكى ئىككى بىرنىمە ماڭىلا قاراپ تۇراتتى، مەن ئاخىردىكى ئۇرۇندا ئولتۇراتتىم، مەنمۇ ئۇلارغا قاراپلا تۇرۇپتىمەن(خۇددى تۇنۇشتەك بىلىندىمۇ قانداق) بىر ھازا قارىشىۋەتكەندىن كىيىن ، ئۈزۈمدە خاتىرجەمسىزلىنىش بولغاندەك سىرتقا قارىدىم، شۇ ئەسنادا، قانداق قىلدى بىلمىدىم بىر خەنزونىڭ قولتۇقىغا ئېسىۋالغان چاپىنىنى كىيىپ ئۈزىنىڭكىنى ئۇنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپتۇ، ھېلىقى خەنزو مىنىڭ چاپىنىمنى ئېلىۋالدىڭغۇ دەپ بولغۇچە، ماۋۇ تېلىفون ، ۋە ماۋۇ پۇلمۇ سىنىڭمۇ دەپلا ئىككىسى تەڭلا دىۋىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر بېكەتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە چۈشۈپ قېلىشتى ، مەنمۇ خۇددى نىمە ئىش بولغانلىقىنى پەرىق ئېتەلمىدىم......
ئەنە شۇنداق يامان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار ھەم قىلغانلارمۇ يەنىلا بىز ئۇيغۇرلاردىن، بىز ئۇلاردىن تېنىپ كېتەلمەيمىز ھەم تانمايمىز، گەپ ئۇلارغا مۇمكىن بولسا ياخشى نەسىھەتلەرنى قىلىپ قويايلى بولمىسا ئىنسابىنى تىلەشنى ئۇنتۇپ قالمايلى! چۈنكى كونىلاردا‹‹ ياخشى گەپ تاشنى يارار ›› دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ! ياخشىلىق ھامان يەردە قالمايدۇ، گەپ ئۇنىڭغا قارىتا ياخشى ئۇسۇلنى قوللانغىنىمىزدا!
تېمىنى يازغان قېرىندىشىمىزمۇ، ئۈزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئىش قىلىپتۇ، بۇ ئەلۋەتتە ئۆگىنىشىمىزگە تىگىشلىككەن!