ritim يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 12:30 PM
ئاڭلىشىمچە ئۆزبەك لەر ئۇيغۇرلارغا بەك ئۆچ مىش
شۇنداق مىشمىش گەپلەرگە ئادەم يامان ئۆچ بولدى دېسە، دوستۇم ئۇلارنىڭ خەلقى سىزگە ئۆچ ئەمەس، ئۇ سىياسى مەسىلە، ئۆچلۈك بار دېيىلگەندە بىر بىرىمىزنىڭ ئارقىسىدىن مۇشۇنداق مىش مىش گەپ قىلىپ پەيدا بولغان كۆزگە ئىلماسلىقلاردىن كېلىپ چىققان. قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇلارغا دوستانە مۇئامىلىدە بولساق،ئۇلارمۇ بىزنى چەتكە قاقمايدۇ، بىز ۋە ئۆزبەكلار دۇنيادىكى تىل جەھەتتىن ئەڭ يىقىن بولغان لېكىن ئىككى خىل نامى بولغان مىللەتلەر. مەنچە بىرلىك مۇھىم. ئۇلارغۇ تەرەققىياتى ئۇنچىلىك يۇقىرى ھەۋەس قىلغۇدەك دۆلەت ئەمەس، لېكىن ئۇلاردىنمۇ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك يەرلەر بار. مەسىلەن مەدەنىيەت، ئەنئەنە جەھەتلەردە سىزگە ئۇ ئۈلگە بولالايدۇ. تەرەققىيات دېسە تۈركىي مىللەتلەر ياۋرۇپادىن ئەمەس، ئامېرىكىدىن ئەمەس تۈركىيەدىن ئۆگەنسە بولىدۇ. قېرىنداش مىللەتلەر ئىناق ئۆتكىنى، بىر-بېرىنى تولۇقلىغىنى ياخشى.