مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: karlik

زامان ئۇنۋېرسال تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى قۇرۇلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غۇرۇر ،ۋىجدانىڭنى يۇقاتما!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 431
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12422
تۆھپە نۇمۇرى: 427
توردا: 708 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 01:45:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karlik يوللىغان ۋاقتى  2012-1-28 11:32 PM
cip مەسىلىسى بىلەن ئەسلىدىكى ئىسىمنى ئىشلىتىش مۇمكىن بو ...

توربەت ئادرىسى نىمانداق ئۇزۇن

شۈكرى اللا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19676
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8286
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3577 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 03:31:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلاردا نېمە جىق؟ تور بەت جىق.
يىغىپ كەلسە ئۈنۈمى تاسلا قالىدۇ ھىچنىمىگە ئەرزىمىگىلى.تۈزۈك توربەتتىن ساناڭ دىسە ئون بارماقنىڭ نەچچىسى بىكارغا قالىدۇ.يوغان سانالغان تور بەتلەردە نىمە جىق؟ ساختىپەزلىك،يالغانچىلىق،ئالدامچىلىق جىق.
ئۇيغۇرلىرىمىزدا بىرلىشىش،ھەمكارلىشىش دەيدىغان ئاڭ تىخى شەكىللەنمىگەچكىمۇ قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ چوڭىدىن كىچىكىگىچە ئۈنۈم دەيدىغان نەرسە يوق.بولۇپمۇ مۇشۇ تور دۇنياسىنى مىسالغا ئالساق 500 كوي پۇل يانجۇقىغا چۈشكەن ئازراق توردىن خەۋىرى باردىن بىرسى تور بەت ئىچىۋالغان،ئاچقان تور بىتىنى جانلاندۇرالماي ئالتە كۈندە چۈشۈپ قالغان.دەسمىيسى غالتەككە چىقسا سىرىق ئىلان قويىۋالغان.تور بىتىگە ئادەم كىرمىسە چوڭ توربەتلەرگە ياكى توپلىرىغا كىرىپ ۋاي ئۇنداق ۋاي مۇنداق دەپ ئەزا توپلاۋاتقان.تورغا قاراپ باقساق ھەقىقىي ئەجىر قىلىدىغان ئەزالارنىڭ سانى بىرەر مىڭغىمۇ يەتمەيۋاتقان.
نېمە جىق؟ تور بەت جىق،نىمە جىق پىسپاس توربەتچىلەر جىق،ئادەمنى ھۆ قىستاۋاتقان.
قاراپ بىقىشە خەنلەرنىڭ ياكى چەتئەللىكلەرنىڭ تور بەتلىرىگە ، تەرەققىي قىلىپ نەگە كىتىپتۇ.
تور بەت دىگەننى پۇلۇڭ بولسا،باسالايدىغانغا قوڭ بولسا قىلىش.پۇلۇڭ بولمىسا بىرىپ پۇلى بار ئادەمگە ئىشلەپ ئۇيغۇر توربەتچىلىكى ئۈچۈن ھەقىقىي كۈچ قوشۇش.ئۇنىمۇ قىلالمىساڭ باشقا ئىش تىپىپ قىلىش.

ئون يىللارنىڭ ئالدىدىكى سەلكىن،شەبنەم لەر قۇرۇلغان ۋاقىتقا ئوخشىتىپ قۇرۇق خورجۇنلىرىڭنى ئارتىشىپ تور دۇنياسىغا چىقىشساڭ پۇل تىپىشالمايسەن،قۇرغان بىر نىمەڭنىمۇ تەرەققىي قىلدۈرالمايسەن.قىلالايدىغىنىڭ نېمە؟چوڭ توربەتلەرنىڭ ئۇۋۇلىنى كولاپ ئۇلارنىڭ رىقابەت ئېقتىدارىنى يوق قىلىسەن.تور تېخنىكىسىنى راۋرۇس بىلسەڭ مىسرانىم تورى بولامدۇ ياكى باشقا تور بەتلەر بولامدۇ بىرىپ ئىشلىسەڭ ئېقتىدارىڭغا قاراپ مۇئاش ئالالايسەن.ئاشۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۇيغۇر توربەتچىلىكىگە قوشقان تۆھپەڭ بولالايدۇ.قۇرۇۋالغان ئەخلەت توربەتلىرىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە چۈشكەن مىتە-قۇرت دىسە ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ بىلىشسەڭ.

قارىغاندا ماۋۇ زامانىم دەيدىغاننى قۇرغانلارمۇ تور بىتى پۈتمەي ئۆزىنىڭ تور بەت قۇرغانلىقىنى جاكارلاشقا بەك ئالدىراپ كەتكەنلەر ئوخشايدۇ.تىخى تور بىتى پۈتمەپتىمىش،تور بەتلەرگە چاپلىۋەتكەن ئىلانلىرىڭلاردىن ئۆرگىلەي.

كاللا ئىشلىسۇن تورداشلىرىم،ئۈگەنگەن بىلىملىرىڭلارنى جايىغا ئىشلىتىڭلار.بىلىم بولغان بىلەن يانجۇق قۇرۇق بولسا ھىچ ئىش ئاقمايدۇ جاھاندا؟ۋاقىت ئېسراپ قىلماڭلار.

ھۆپۆپۆپ چۈش

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 395
يازما سانى: 641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3144
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 706 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 03:46:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئىنسانلارغا بىرىلگەن سوۋغات ئەمەس بەلكى پارىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19676
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8286
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3577 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 03:50:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىزدىنىشتىن باشقىسى بىكار.مىسرانىمنىڭ ياكى ئەلكۈيىنىڭ يۈز مىڭلىغان ئەزاسىنى يىغىپ ئىزدىنىشنىڭ ئون مىڭ ئەزاسىغا سىلىشتۇرسا ساپا،بىلىم مانا مەن دەپلا چىقىدۇ.
ئىزدىنىشنى كۆرىۋاتقىنىمغا 8 يىلچە بوپتۇ،شۇ ۋاقىتتىن بىرى ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىك قىلغىنىنى،يالغاندىن يازما ئاشۇرۇپ قويغىنىنى،ساختا ئەزا كۆپەيتىۋالغىنىنى كۆرمىدىم ھەم بايقىمىدىم.ئەزالىرىمۇ شۇنداق خىل.نەدىن سورىسا شۇ يەردىن جاۋاپ بىرىدۇ.

ئويلاپ قالىمەن،ھازىرقى تور بەتلەرگە قاراپ باقسام چوڭ تور بەتچى ئاتىلىۋاتقانلارنىڭ بىر قىسىملىرى ساختىپەز،ھىلىگەر يالغانچى نىمىلەركەن.
قاراپ باقمامسىلەر مىسرانىمغا،مۇنبەر ئەزاسى يۈز مىڭدىن ئاشقان ئەمىلىي تىزىم ئەزا سانى ئەمدىلا 70 مىڭدا،كۈندىلىك يازما سانىغا قاراپ باقساڭلار تۆت مىڭنىڭ ئۈستىدە،لىكىن ھەقىقىي يازما سانى بولسا كۈنىگە ئاران 1300.بىر ئىنكاس يازساڭلار يازما ئۈچ بولۇپ ھىساپلىنىدىكەن.
ئەلكۈيىگە قاراپ باقساڭلارمۇ شۇنداق ئۇلارنىڭ مۇنبەر ئەزا سانى 80مىڭدا تۇرامدۇ خۇدايىم(مەنغۇ ئۇ تور بەتكە ئاي يىللاپ قەدەم بىسىپمۇ قالمايمەن)لىكىن ھەقىقىي ئەزا سانى 25 مىڭغىمۇ بارمىغان.مۇنبەر كۈندىلىك يازمىسىچۇ تىخى؟ھەركۈنى يازما نەچچە مىڭدا تۇرىدىكەن.باشلىنىش نۇقتىسى 7900 مۇ ياكى 6700 مۇ بىرقانداق؟ قاراپ باقسام ھەممىسى جىنىنى ئاران جان ئىتىپ كىتىۋاتقان چىراي.
قايسى بىر كۈنى مەلۇم تور بەتچىنىڭ چ چ سىنى قوشۇپ گەپكە سالسام يازمىسىنى ئاشۇنداق كۆپتۈرۈپ كۆرسەتسە ئىلان بىرىدىغانلارنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولارمىش،بىر دوستۇم ئىتى يوغان بىر تور بەتكە بىر مۇنچە پۇل تۆلەپ ئىلان بىرىپتىكەن ، نەچچە ئايغىچە بىرەر ئادەممۇ ئۇلارنى ئىزدەپ تىلفۇن قىلىپمۇ قويماپتىمىش،ئۇ دوستۇم ئاچچىقىدا ئۈنۈمسىزكەن دەپ ئىلان قويدۇرۇشنى توختىتىپتۇ.

ھەي نۇمۇسسىز تور بەتچىلەر؟سىلەر زادى كىمنى ئالدىماقچى ھە؟ مەقسىتىڭلار پۇلدا قۇرۇق شان-سۆھرەتتە بولسا باشقا ئىش قىلىشساڭلار بولمامدۇ؟مۇنبەرلىرىڭلارغا قارىسا ئىچكىرىدە ئىشلەنگە ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتلارنى ھارماي تىللايدىغانغا تېما يوللىشىپ سۆكىشىپ كىتىشىسىلەر؟ئەجىبا سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار ئۇيغۇرنى ئالدىغانلىق بولماي نېمە؟بۇنداق نۇمۇسسزلىق قىلىپ پۇل تاپىمەن ئىناۋەت تاپىمەن دىگۈچە بىرىپ خورجۇن ئاسساڭلار بولماسمىدى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19676
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8286
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3577 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 03:55:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى تور بەتلەرنىڭ ئىچىدە يىشى ئەڭ چوڭ،مويسىپت-مۆتىۋەر تور بەت ھىساپلىنىدىغان،ساپالىق ئىسىل ئەزالار توپلاشقان،ھەقىقىي مەنىۋىي مەنپەئەت بىرەلەيدىغان ئىزدىنش تورىغا ساپالىق،بىلىملىك تىرىشچان ئەزالارنى ئۆزۈم شەخسىي تەكلىپ قىلاي.ھىس قىلىشىمچە ئىزدىنىش تورى ئەخلەت چىراي،ھورۇن مىجەز،يۈزى قىلىن داپشاق ئەزالارنى قەتئىي قارشى ئالمايدۇ.
www.izdinix.com
ئىسىل ئەزالار ئىزدىنىش تورىغا مەرھەممەت.بىلگەنلىرىمىزنى شۇ يەرگە توپلايلى،بىلمىگەنلىرىمىزنىمۇ شۇ يەرگە توپلاپ جاۋاپ ئالايلى.

مىنىڭ ئىزدىنىش تورى ئادەتتىكى ئەزالىقتىن باشقا ھىچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق.ئارتۇق گۇمان قىلىشىپ جىدەل قىلىشماڭ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش