ئۇلۇغئاتا سۇ قۇرۇلۇش تۈگۈنى ( سۇ ئامبىرى، ئېلىكتىر ئىستانسىسى) قاراقاش دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدىكى ئۇلۇغئاتا دىگەن جايدىكى قاراقۇرۇم تاغلىرى ئارىلىقىغا جايلاشقان. خوتەن شەھرىگە 71 كلومېتىر، قاراقاش ناھىيىسىگە 56 كم كىلىدۇ. 1995 - يىلى قۇرۇلۇش باشلىنىپ 2002- يىلى تاماملانغان. 2009- يىلى 9- ئايدا سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكى تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن.
سۇ ئامبار دامبىسىنىڭ ئىگىزلىكى 138 مېتىر، سۇ چوڭقۇرلۇقى110 مېتىر، سۇ سىغىمى 347 مىليون كوپمېتىر، ئېلىتىر ئىستانسىسى گېنىراتۇر سىغىمى 60 مىڭ كىلوۋات، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 187 مىليون كىلوۋات بولۇپ سۇغۇرۇش، توك تارقىتىش، ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، كەلكۈندىن مۇداپىيەلىنىش بىر گەۋدە قىلىنغان سۇ قۇرۇلۇشى بولۇپ قاراقۇرۇمدىكى كىچىك سەنشىيا دەپ ئاتالغان. دامبىسىنىڭ ئىگىزلىكى جەھەتتە ئۆز ۋاقتىدا مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئالدىدا، ئاسىيادا 2- ئورۇندا، دۇنيادا 4- ئورۇندا تۇرغان. بىر مىليارت 260 مىليون يۈۋەن مەبلەغ سېلىنغان. 2011- يىلى “百年百项杰出土木工程” يۈز يىللىق يۈز كاتتا قۇرۇلۇش نى باھالاش تۈرىگە ئاپتونۇم رايوندىن تاللانغان بىردىن بىر قۇرۇلۇش بولۇپ قالغان.
ھازىر يەنە گۈزەل، ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى بىلەن ساياھەت نوقتىسى بولۇپ قالدى.
[/img][/img][/img][/img][/img]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ozuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-1 01:44 AM