مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kanunblog

يۈ شياڭلىن (佘祥林)دىلوسىنىڭ باش – ئاخىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىزدەنگۈچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 8453 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 03:07:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىلىق ئەر تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن 22 ئاي ۋاقىتقا 22 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشتى


ئەلكۈيى تورى 30-يانۋار خەۋىرى: ئامېرىكىلىق بىر ئەر 2005-يىلى ھاراق ئېچىپ ماشىنا ھەيدىگەن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تۈرمىدە 22 ئاي ۋاقىت باشقىلار تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ قالغان، ئۇ ھېچقانداق ئەيىبلەشكە ئۇچرىمىغان ئەھۋال ئاستىدا تار كامىردا يالغۇزلۇق ئازابىغا چىداشقا مەجبۇر بولغان، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن 22 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەمگە ئېرىشتى.

بۇ ئەرنىڭ ئىسمى ستېفىن سلىۋېن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ يېڭى مىكسىكا شىتاتىدىن،ئۇ 2005 –يىلى ھاراق ئېچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىك ۋە ئوغۇرلانغان بۇيۇملارنى ساقلىغانلىق  سەۋەبى بىلەن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، باشقىلار تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ قىلىپ، ھېچقانداق ئەيىبلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن.
چۈنكى ستېفىننىڭ روھى كېسەل تارىخى بولۇپ، ئۇ بىر كىشىلىك يالغۇز كامىرغا قامالغان، باشقا ھېچقانداق كىشى بىلەن ئالاقىلاشمىغان، ئۇزۇن مۇددەتلىك يالغۇزلۇق ئۇنىڭ روھىي ھالىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۋەتكەن، ئۇ دائىم تەلۋىلەرچە قالايمىقان سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغان. باشقا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغاچقا، ستېفىننىڭ ساقال-بۇرۇت، تىرناقلىرى ئۆسۈپ تونۇغۇسىز ھالەتكە كېلىپ قالغان، ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ چىرىپ كەتكەن چىشلىرىنى ئۆزى يۇلىۋەتكەن.22 ئايدىن كېيىن ستېفىنگە قارىتا بېرىلگەن بارلىق ئەيىبلەشلەر ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ، ئۇ ئەركىنلىككە ئېرىشكەن.

ستېفن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنى قاماپ قويغان  Dona Ana ناھىيلىك تۈرمىنى سوتقا ئەرز قىلدى، ئۇ بۇ تۈرمىنى، مېنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى كىشىلىك ھوقوقۇمغا دەخلى تەرۇز قىلدى، تۈرمىگە سولاپ قويغاندىن كېيىن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى، زۈرۈز بولغان داۋالىنىش ياردىمى بىلەن تەمىنلىمىدى دەپ شىكايەت قىلدى. ئاخىرىدا ستېفىن 22 مىليون دوللار تۆلەمگە ئېرىشتى، لېكىن ئۇ يەنىلا يارلانغاندىن كېيىنكى بېسىم ۋە پىسخىكىلىق توسالغۇلارنىڭ قىينىشىغا بەرداشلىق بېرىۋاتىدۇ.

http://news.alkuyi.com/show.php?mid=12494

يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش