tax1 يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 02:47 PM
قارا ئەترىگۈل
شامال بولۇپ ئۇچۇپ بارسام يا ...
ھۆرمەتىلىك تاش ئاكا بەرگەن تەلىمىڭىزگە كۆپ رەھمەت... بۇ ناخشىنىڭ تىكىستى ۋە مۇزىكىنى ئۆزىمىز ئىشلىگەن ، ناخشا تىكىستىمىزدىكى بۇ كەمچىللكىنى ئۆزىمىزمۇ ھىس قىلغان (بىز ئەلۋەتتە شىئىرنى پەقەتلا چۈشەنمەيدىغان كىشلەردىنمۇ ئەمەس، ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شىئىرغا نىسپەتەن بەلگىلىك چۈشەنچە بار ) ، لىكىن ئاھاڭغا ماسلاشتۇرۇش مەقسىتىدە قاپ يۈرەكلىك بىلەن مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ‹ئۆلچەمسىز › شىئىرنى يىزىپ چىقتۇق . يەنە بىر سەۋەپ بىزنىڭ روك مۇزىكىسى بىلەن بەكرەك شۇغۇللۇنۇپ كىتىشىمىز تۈپەيلى شۇ خىل ئۇسلۇپ تەسىرىگە ئۇچرىغاندۇ ،قانداقلا بولشىدىن قەتئىي نەزەر سىزنىڭ ئۈمۈدىمىز بويىچە بۇ تەنقىدى پىكىرىڭىزنى ئىغىر كىتىشىگە قارىماستىن ئۇدۇللا بەرگىنىڭىزدىن بىز تولىمۇ مىننەتتار بولدۇق . بۇ ئارقىلىق شۇنى بىلدۇقكى ، بىزنىڭ ئىجادىيتىمىز ئۆزىمىز ئىيتقاندەك بۇزغۇنچىلىق جۈملىسىدىن بوپتۇ .
تاش ئاكا ، بىزدەك سەنئەت ساھەسىنى قالايمىقان قىلدىغان ‹توپىلاڭچىلار›نى بالا ۋاقتىدىلا تۇنجۇقتۇرۇش ئۈچۈن بەرگەن ساۋاقلىرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئىيتىمىز ، ئەمما بىزدىكى ئتقاد شۇكى ، بىز تۈزتىمىز خەلىق رايىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تىرشىمىز ، لىكىن چىكىنمەيمىز . ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ بىر تەكلىپ بىرەي
، سەنئەتنىڭ تەرەققياتىغا مۇناسىۋەتىلىك ماتىرياللاردىن كۆرۈپ بىقىشىڭىزنى ۋە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بەزى توسالغۇدىن ھالقىغان ئاساستا بۇ مەسىلىە ھەققىدە ئويلۇنۇپ باققايسىز .
ئۈگۈنۈش مەڭگۈ كىچىكمەيدۇ . __گوركى