مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mars-adimi

پۇتبول مەيدانىدىكى دىنىي كەمسىتىش ۋەقەلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48243
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1836
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 2907 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 02:14:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sarsan1117 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-4 01:52 PM
1-  ماتىرازىنىڭ زىدانىنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىپ ھاقارەتلىگ ...

دىنى ئېېتىقادىنى تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىش زورۇرمۇ؟ سىزنىڭچە، تاراتقۇلاردا ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغانلىغىنى ئېلان قىلغانلار مۇسۇلمان، ئۆيىدە جىممىدە ئوتۇرۇپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانلار كاپىرمۇ؟؟؟

ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمالمايمەن، قۇرئانسىز بىر نىشان كۆزلىيەلمەيمەن. پولاتتەك پاكىتلار تۇرسا ئالدىمدا، بوۋامنى مايمۇن دەپ سۆزلىيەلمەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70446
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2011-12-15
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 02:15:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى كىپتۇ :qiray18

بىلىمسىزلىك، نا

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30984
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1493
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 697 سائەت
تىزىم: 2011-2-19
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 02:35:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردىشىم سەرسان 1117 ، يۇقارقى ئىنكاسلىرىڭىز تولىمۇ ياخشى بوپتۇ. پىكىرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمەن. مەنمۇ ئىنكاسلىرىڭىزغا ئازراق ئىزاھات بېرىپ ئۆتەي.
1. زىدانىنىڭ ماتىراسسىغا كاللا قۇيۇشىدا، ماتىراسسىنىڭ زىدانىنى ئۈچ قېتىم ھاقارەتلىگىنى راست. 1-قېتىمدا «سەن دېگەن ئىتالىيە بېقىپ چوڭ قىلغان ئىت» دەپ تىللىغان. چۈنكى زىدانى خانلىق مادرىد كۇلۇبىغا يۆتكىلىشتىن بۇرۇن، ئىتالىيەنىڭ يۇۋېنتۇس كۇلۇبىدا توپ ئوينىغان. زىدانېنىڭ يۇۋېنتۇستىكى ۋاقتى ئۇنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ماتىراسسى ئۇنى شۇنداق دەپ تىللىغان. 2-قېتىمدا بولسا زىدانېنىڭ ھەدىسىنى ھاقارەتلىگەن. لېكىن نېمە ئۈچۈنلىكى ئېنىق ئەمەس. 3-قېتىمدا بولسا زىدانىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ھاقارەتلىگىنى راست. مۇسابىقىدىن كېيىن ھەر قايسى تاراتقۇلار بۇنى ئېنىق خەۋەر قىلغان.
يەنە بىرسى، زىدانىنىڭ ئۆزىنى مۇسۇلمان دېمىگىنى ھەم دىنىي ئېتىقادى توغۇرلۇق سۆزلەپ باقمىغىنى، ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىر ئادەم باشقىلارغا ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئېيتمىغان بولسا، باشقىلار ئۇنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە قاراپ ئۇنىڭ قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.  
زىدانىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىلا ئەمەس، خەنزۇچە ۋە باشقا تور بېكەتلەردىمۇ تېلغا ئېلىنغان.

2. ئۇزىل بىلەن ۋىللا ئوتتۇرىسىدىكى ماجرادا، سىز «ۋىللا ئاۋال ئۇزىلنى بىر شاپىلاق ئۇرغان» دەپ يېزىپسىز.
ئاۋال قول سېلىپ، باشقىلارنى شاپىلاق بىلەن ئۇرۇپ جېدەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولغىنى ۋىللا بولسا، چۇقۇم ۋىللاغا قىزىل كارتا بېرىلىشى كېرەك ئىدى.
ئۇنداقتا، ۋىللاغا قىزىل كارتا بېرىلمەي، ئۇزىلغا نېمە ئۈچۈن قىزىل كارتا بېرىلىدۇ؟  بۇ ۋىللانىڭ ئېنىقلا ئۇزىلنى ھاقارەتلىگەنلىكىنى، ئاندىن ئۇزىلنىڭ سەكرەپ چىقىپ جېدەل چىقارغانلىقىنى بىلدۈرمەمدۇ؟
شۇ قېتىمقى جېدەلنىڭ سىنئالغۇ كۈرۈنىشىدىمۇ ۋىللانىڭ ئۇزىلنى ئۇرغان كۈرۈنۈشى يوق. ۋىللا بىلەن ئۇزىل ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇشنىڭ نېمە سەۋەپتىن بولغانلىقى، شۇ ۋاقىتتا مۇشۇ مۇنبەرگەن مەخسۇس تېما قىلىپ يوللانغان.

3. فابرىگاس بىلەن كانۇتنىڭ ماجراسىغا كەلسەك، مەن بۇنى پۇتبول تورىدىن كۆرگەن. ئېنىق تەپسىلاتىدىن خەۋەرسىز. لېكىن فابرىگاس كانۇتنى ئاۋال «ئىپلاس مۇرلار» دەپ تىللىغاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە بىر نەچچە ئېغىز تىللاشقانىكەن. بەلكىم شۇ ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ھاقارەتلىگەن ئىشلار بۇلۇشى مۇمكىن.
ئاشۇ كۆپتۈرۈپ خەۋەر قىلغان مادرىدپەرەسلەرمۇ بۇنى ئۆز ئىچىدىن تۇقۇۋالمىغان، بەلكى باشقا تىلدىكى تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلغان.

يۇقارقىسى مېنىڭ شەخسى پىكىرىم، مېنىڭمۇ پىكىرىمگە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن !

ئىملاغا ۋە سۆزنىڭ توغرىلىقىغا دىققەت قىلىڭ. «مادىرىت» ئەمەس، «مادرىد» دەپ ئېلىڭ. رەھمەت ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mars-adimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-4 02:37 PM  


ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەش-ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى ! ______________________________________ ئىملاغا دىققەت قىلىڭ، تىنىش بەلگىلەرنى توغرا قويۇڭ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73549
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-1-20
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 03:12:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74330
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 229
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 03:35:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ بىرنىمىلە زادى تاياققا لايىق:qiray143

تاشپاقا مۇنبىرى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8592
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6620
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 2677 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 03:38:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mars-adimi  غا

ماتىرازىنى ئاقلىماقچى ئەمەسمەن ، شۇ كاللا ۋەقەسىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ماتىرازىنىڭ دىنى ئىتىقادىنى ھاقارەتلىگەن دېگەن گەپنى سىزنىڭ تېمىڭىزدا كۆردۈم، باشقا تاراتقۇلاردا زىدانى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ھاقارەتلىگەن دەپ كۆرگەن ، ئەلۋەتتە مۇسۇلمان بولغان ئادەم چوقۇم تاراتقۇلاردا خەۋەر بېرىشى كېرەك ئەمەس ، بىز كۆرگەن ئۇيغۇرچە،خەنچە توردىكى ئۇنىڭ ئىتىقادىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر پەقەت ئۇنىڭ ئالجىرىيە قان سېستىمىسىغا بولغانلىقى ئۈچۈنلا پەرەز قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ، ئوخشاش فىرانسىيە كوماندىسىدا توپ تېپىدىغان رىبېرىنىمۇ ئالجىرىيە قان سېستىمىسىدا بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمان دېيىشىۋالغان ، بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا 18كە كىرمىگەن قىز بىلەن بولغان سەتچىلىكى ئاشكارلانغاندىن كېيىن تاراتقۇلارنىڭ ئاغزى بېسىققان . زىدانىنىڭ ھېچبىر يەردە ئۆزىنىڭ ئىتىقادى توغرىلىق سۆز ئاچمىغىنى ،يۈرۈش تۇرۇش-پائالىيەتلەردە بىلدۈرمىگىنى ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمىسە ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەلەمدۇ ؟
ئەلۋەتتە بىرەر داڭلىق شەخسنىڭ مۇسۇلمان بولىشىنى مەنمۇ ئۈمىد قىلىمەن ، ئەمما ھېسياتقا بېرىلىپلا پەرەز قىلىپ تاپقان گەپلەرگە ئىشەنمەسلىك لازىم. ئەگەر چىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرىراق تورلاردىن مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى قويالىسىڭىز دەرھاللا كۆز قارشىمنى ئۆزگەرتىمەن.

ۋېللا ئۆزىل ۋەقەسىدىكى سىننى قايتا بىر كۆرۈپ باقسىڭىز ۋېللانىڭ ئۆزىلنى ئۇرغۇنىنى كۆرەلەيسىز، جىم تۇرغان ئۆزىل شۇنىڭدىن كېيىن سەكرىگەن ، ۋېللاغا قىزىل بېرىلمەسلىكتىكى سەۋەب جېدەلگە توپلاشقان ئادەم كۆپ ،ھەممە ئادەم يەردە ياتقان فابرىگاسنىڭ ئورنىغا يىغىلغان ، ۋېللا بىلەن ئۆزىلنىڭ توقۇنۇشۇپ قالغىنىنى رېپىر كۆرمەي قالغان .بۇ دېگىنىم ۋېللا ئۆزىلنى ھاقارەتلەيدىغان گەپ قىلمىدى دېگىنىم ئەمەس، ۋېللا ئەينى ۋاقىتتا نېمە دېدى ؟ كىم بىلىدۇ ؟ ئەينى ۋاقىتتا ۋېللانىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئۆزىلمۇ ياكى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ۋېللا ئىسلامغا ھاقارەت قىلدى دەپ گېزىتىنىڭ سېتىلىش نىسبىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەن تاراتقۇلارمۇ ؟  ئۆزىل بۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن ، ئۇنىڭ كۇلۇبدىشى ھەم دۆلەتدىشى قەدىرا بۇنداق ئىشنىڭ يوقلىقىنى دېگەن ، چوقۇم تاراتقۇلارغا ئىشىنىشىمىز كېرەكمۇ ياكى شۇ ئۆزىل بىلەن بىللە مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ جەڭ قىلىۋاتقان سەپدىشى قەدىراغىمۇ ؟

فابرىگاسنىڭ ئىپلاس مۇرلار دەپ تىللىغىنىنى بىلىمەن ، ئەمما بۇنى ئىسلامغا ھاقارەت قىلدى دېگىلى بولامدۇ ؟ بۇنداق نازۇك مەسىلىدە بولۇشى مۇمكىن دېگەن گەپنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى سىزمۇ بىلىسىز!~~!

ھەممە تەرەپنىڭ بۇنداق سايراشلىرىنىڭ سەۋەبى شۇكى بارسىلونا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك ئەڭ شانلىق دەۋرىنى كۈتىۋالماقتا ، ئۇدا نەچچە يىل ئۇتالمىغان خانلىق جەمەتىنىڭ كۈچ ئېلىشالماي شۇنداق پەسكەش خەۋەرلەرنى تارقاتقىنىنى كىم چەتكە قاقالايدۇ ، بارسىلونا ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئاپنونۇم رايونىغا جايلاشقان ، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلاشقىلى نەچچە يۈز يىللار بولدى ، ھېلىمۇ ھەم يەرشارىدىكى ھەقىقى ئاپتونوم ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كاتالونىيەلىكلەر بولدى قىلماي ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىدىن مۇستەقىللىق تالىشىدۇ. تارىختا ئۇلار ئۇچرىغان ئېزىلىش ئاز ئەمەس. كانوتېنىڭ مىللىتى بولغان مۇرلارمۇ نەچچە يۈز يىل بېسىۋالغان. ئېچىنىشلىق تارىخنى بىز ئاسان ئۇنتۇغان بىلەن كاتالونلۇقلار ئۇنچە ئاسان ئۇنۇتمايدىغان چىراي ، شۇڭا كاتالونلۇقلار بىلەن مۇرلارنىڭ دائىم توقۇنۇشۇپ تۇرىشى ئۇنچە ھەيران قالىدىغان ئىش ئەمەس !~~!

سىز دېگەن باشقا تىلدىكى توربەتلەر خەنچە توردىن باشقىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز بىزگىمۇ پايدىسى تېگىپ قېلىشى مۇمكىن ئ

ئۆزۈم ئۈچۈن ياشا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70494
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1065
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2011-12-16
ئاخىرقى: 2012-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 04:04:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇتبۇلغا قىزىقمىغاچ باشقا چولپانلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن،بىران زېندانىنىڭ كاللا قويۇش ۋەقەسىنىڭ داغدۇغىسى بىلەن بۇ چولپان ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلغان ئىدىم ،لېكىن خەۋەرلەردىن ۋەقەدىن كېيىن ئۇ بۇ ئىش ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان ،ئاخبارات ۋاستىىلىرى خىلمۇ خىل پەرەزلەرنى قىلغان بولىسىمۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى تېپىپ چىقالمىغان ،بىراق ئۇنىڭ دىنغا چېتىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكى ھەققىدە بۈگۈن ئاڭلاپتىمەن.....
شەخسىي قارىشمنى ئوتتۇرىغا قويسام نۆۋەتتە دىنىي توقۇنۇش بىر قەدەر بازارلىق تېمىلارنىڭ بىرى ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇشۇ بازارلىق ھادەسنىڭ ئىگىلىرىنى يەنە بىر بازارلىق ئوبىكىت پۇتبول چولپانلىرىغا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق خەۋەر قىزغىنلىقى قوزغىماقچى بولۇشنى مەقسەت قىلىمىغان دېگىلىمۇ بولمايدۇ ....
دۇنيادا كىشى زىتىغا ئەڭ تېگىدىغان ھاقارەت  ئۆزىگە قارىتىلغان ھاقارەت  ئەمەس،ئەڭ يېقىن كىشىسىگە ، مىللىتىگە ،دىنىغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر...

...؟...!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48243
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1836
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 2907 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 04:08:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىمە يوللىغان ۋاقتى  2012-2-4 12:38 PM
ئەمىلىيەتتە جىم تۇرغۇمىز كەلمەيىتتى، مىللىتىمىز ئىچى ...

دىگىنىڭىز توغرا....... ھەممە ئادەم «ئوشۇقچە قۇربانلىق بېرىش» بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ...نىمە دىگۇلۇك ئەمدى بۇ جاھانغا.........

ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمالمايمەن، قۇرئانسىز بىر نىشان كۆزلىيەلمەيمەن. پولاتتەك پاكىتلار تۇرسا ئالدىمدا، بوۋامنى مايمۇن دەپ سۆزلىيەلمەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9458
تۆھپە نۇمۇرى: 1844
توردا: 594 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 04:16:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىدانىنىڭ  كاللا قويىشى ھەق

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72367
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 04:41:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىدانىنىڭ  كاللا قويىشى ھەق

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش