نــۆل يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 10:42 PM
ئىنكاسىمدا مۇئاش ئالىدىغانغا لايىق ئەمەس دېگەن مەنە ...
ئۇنداقتا نىمە دىسەك بولا ئەمدى بۇ ئادەملەرنى،ھىچنىمىگە ئوخشاتقىلى تىخى بولمىسا،ماختاشقا تىخى بولمىسا!
سىزنىڭ گىپىڭىز ناھايتى ياخشى،نىگىزلىك ،كىتاۋى تىلدىنمۇ ئۆتە قىممىتى بار ئۇلۇغ گەپ بوپتۇ....
ئوقۇتقۇچىدا گۇناھنى قويماي تۇرالمايمىز،چۇنكى ئۇ بىر توپ دوت كىشىلەر،قاچنلا قارسا بۇرۇنقىلار بىلەن سىلىشتۇرىمىز،چۇنكى بۇرۇنقى كىشلىمىز بەك ئەقىللىق ئىدى.
نىمە ئۇچۇن باشقۇرۇش تۇزۇلمىسى بىلەن بەزى........ئويلاشمايمىز؟توۋا دىمىسە جۇمۇ مۇشۇ ئادەملەرگە،ھىلىمۇ تەمىناتى تۆۋەنبولۇپ قاپتىكەن،بولمىسا گەپ بىلەن ئۆلتۇرۇپ قويدۇ جۇمۇ مۇشۇ دۆت كىشلەرنى بىرقىسىم ئەقىللىق چىچى بار يىشۇ لار!
ناھاقچىلىقلارنى ئاڭلىسا،ئەرىز قىلىڭلار دەپ خۇددى پىشۋالاردەك سوزلەيدۇ،كىمگە قانداق ئەرىز قىلدىغىنى بىلمەيدۇ؟باشلىقلار خۇددى بىزنىڭ دادىمىزدەك!
نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىدىم،ھەل بولغاننى كىم كۆرگەن....
مەكتەپلەرگە تەكشۇرۇشكە چىقساق،ھەممىسى يالغانچىلىق،لىكىن شۇلارغا نىمە ئامال،ئوقۇتقۇچىلارغا بۇيرۇق شۇنداق تۇرسا...........ئۇلارمۇ بىزار بۇنداق يالغانچىلىقلاردىن،ھەممىسىنىڭ ئەمەلىي ئىش قىلغۇسى بار،لىكىن چۇشەپ قويۇقلۇق تۇرسا........ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋىجدان قۇرۇپ كەتكىنى يوق!
ئاشۇ ئويناپ يۇرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى سورىسا ئوقۇتقۇچى دەيدۇ،لىكىن باشقا خىزمەت قىلدىغانلار،ئوزىنى يوشۇردىغانلار،كەسپىنى يوشۇردىغانلار......
ئوقۇتقۇچىمۇ ئادەم ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،ئارام ئىلىش ۋاقتىدا كۆڭۇل ئىچىشقىمۇ بولمىسا،بىر ئىش قىلىپ بولغۇچە ئوقۇتقۇچى قىلسا بولمايدۇ دەپ جار سالىسىلە......
ھەجەپ ئاشۇ دىننىي زات موللام ھاجىم قىلسا يارشىدۇ؟شۇلارمۇ بىلىم بىردىغۇ؟ئاشۇ جان بىلەن ئوينىشىدىغان دوختۇرلارغا نىم دەيمىز؟
ئەڭ ياخشىسى تۇتۇننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ دەپتىكەن،قالايمىقان سۆكمەيلى!
سىزدىن سورغۇم كىلىۋاتىدۇ،گەپلىرىڭىز ناھايتى ئۇلۇق،ئالىي جاناب،ۋەتەنپەررۋەلىك،مىللەت پەرۋەرلىك تۇسىنى ئاپتۇ،ئەمىسە نىمە دەپ تەرىپلىسەك بولا؟بەك بىلگۇم بار!
سىزمۇ1ھەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇڭ ياخسى،سىزنىڭ قانداق بولدىغىنىڭىزنى بىر كۆرەي!