zulayha يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 06:39 PM
كەتمىگىن ، دىل خانەمنىڭ ئىشىكى مەڭگۈ سەن ئۈچۈن ئوچۇق . ...
مەن بارلىقىم دىگەن مۇھەببەت،
كەتتى يىراق مەندىن ۋاز كىچىپ،
خۇش دىيەلمەي ئۇتكەن كۇنلەرگە ،
قالدىم يالغۇز ئىغىر ئۇھ تارتىپ
........................................
قۇرۇق قالدىم ھەممدىن دىسەم،
قىيالماپتۇ ماڭا كۇز يىشىم .
بۇلبۇلىدىن كۆڭلى قالارمۇ ؟
قىزىلگۇلدەك ئىچىلار چىغىم.
......................................
تاماكاڭنى تاشلاتماي تۇرۇپ،
بۇگۇن ئۇزەم تاشلىنىپ قالدىم.
كەل قېشىمغا ،چەككىنە بىر تال.
شۇ ئىسلارنى سىغىنىپ قالدىم.
....................................
بىر ساڭلا يىغلاپ بەرگىم بار ،
كۇز ياشلىرىم مۇرەڭنى ئېزەر.
ساھىبخانمەن كۇتۇشكە ئەمدى،
سەن قەدرىمگە يەتكەنگە قەدەر.
ئاپتۇرى:سەنەۋر ئابدىراخمان