木拉丁 يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 07:06 PM
مۇشۇ مارالبىشىنى نىمىشقا بارچۇق دەيدۇ ؟
ئىلگىركى نامى بارچۇق ئىدى، كېيىن مارالبېشىغا ئۆزگەرتىلگەن، بىراق خەنزۇچە يېزىلىشى ئىلگىركى بارچۇق نامى بويىنچە ساقلىنىپ قالغان. تەپسىلى بىلمەكچى بولسىڭىز، قەشقەر يەر جاي ناملىرى، ۋە ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى نىڭ مارالبېشى قىسمى دىگەن كىتابنى ئوقۇڭ .
تۈۋەندىكىسى يۈكسەل بىلوگىدىن ئېلىنغان.
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانادىيارىم بارچۇق ( ھازىرقى مارالبېشى ناھىيىسى ) 2500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمىي دىيار بولۇپ، بۇ قەدىمىي ماكاندا ناھايىتى ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئەمگەكچان، باتۇر، پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقى ئەۋلادلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ئۆلمەس ئىجادىي ئەمگەك مېۋىلىرىنى ۋە تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ گۈزەل جەۋھەرلىرىنى مىراس قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى ياراتقان ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىقى بىلەن تەكلىماكاننىڭ غەربىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بۇ تەبىئىي بوستانلىقنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ ، ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلگەن. شۇ بىھىساب تۆھپە دېڭىزىدىن تامچە دەل يۇرت جاي ناملىرىدۇر.
1. بارچۇق
بارچۇق ھازىرقى مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ قەدىمقى نامى بولۇپ، ھازىرقى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ خەنزۇچە ئىسمى 巴楚 دەل بارچۇق دېگەن قەدىمقى ئىسمىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن. تارىخىي ماتېرىياللارغا كۆرە، بارچۇق دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىش تارىخى ۋە مەنىسى ھەققىدە مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك قاراش مەۋجۇد:
(1) بارچۇق – پالچۇق ( سۇ يېيىپ كەتكەن لاي – لاتقا ) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراش
(2) بارچۇق – ئەسلىدە تۈرك سانغۇنىنىڭ نامى بولۇپ، ئەينى زاماندا ئۆز لەشكەرلىرىنى بۇ جايدا ئۇزاق مۇددەت تۇرغۇزغان، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ جاينىڭ نامىنى شۇ سانغۇننىڭ نامى بىلەن بارچۇق دەپ ئاتىۋېلىشقان.
(3) بارچۇق – تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى. بۇ تۈرك قەبىلىسىنىڭ ئولتۇراقلاشقان جايى شۇلارنىڭ نامى بويىچە بارچۇق دەپ ئاتالغان.
(4) بارچۇق – ھەممە نەرسە بار، بايلىقى مول ، باياشاد جاي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ ، دېگەن قاراش.
ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆلمەس ئەسىرى << دىۋانى لوغەتىت تۈرك >> تە بارچۇق ھەققىدە مۇنداق بايانلار بار: << بارچۇق – ئەفراسىياپ قۇرغان شەھەر. ئۇ يەردە بۇختۇناسسارنىڭ ئوغلى يەتزەن قامالغان >>. بۇ قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇردىن قارىغاندا، بارچۇق شەھرىنىڭ بۇندىن 2500 يىللار بۇرۇن بارلىققا كەلگەنلىكىنى، بەلكى بارچۇق دېگەن بۇ جاي نامىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
2. مارالبېشى ، پىچاقسۇندى، ئاقساقمارال دېگەن جاي ناملىرىنىڭ پەيدا بولۇشى
چوڭلارنىڭ ھېكايەت قىلىپ بېرىشىچە، بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەلۇم يېرىدە، بۈك ئورمانلىق ئىچىدە بىر ئوۋچى ئۆتكەن ئىكەن. بۇ ئوۋچى ئوۋغا چىققان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر مارالنى ئۇچرىتىپتۇ – دە، ئۆزىنى رۇسلاپ، ئوق بىلەن يانى راسلاپ، ئوقيادىنى ئوق ئۈزۈپتۇ. كىرىچتىن ئوق ئۈزۈلۈشى بىلەن تەڭ يا سۇنۇپ كېتىپتۇ. شۇندىن ئېتىبارەن بۇ جاينىڭ ئىسمى << ياسۇندى >> دەپ ئاتىلىپ قاپتۇ.
ئوۋچىنىڭ بايقى ئاتقان ئوقى مارالنىڭ بىر پۇتىغا تەگكەن ئىكەن، مارال ئاقساپ قېچىشقا باشلاپتۇ، ئوۋچىنى ئارقىدىن قوغلاپتۇ، بىر ئورمانلىققا بارغاندا ھالسىزلانغان مارالنى تۇتۇۋاپتۇ . شۇندىن كېيىن بۇ جاينىڭ نامى << ئاقساقمارال >> دەپ ئاتىلىپتۇ.
ئوۋچى ئولجىنى ئېلىپ قايتىپتۇ ۋە بىر جايغا كېلىپ مارالنى بوغۇزلاپ بېشىنى ئۈزۈپ تاشلاپتۇ. شۇنىڭدىن بېرى بۇ جاينىڭ نامى << مارالبېشى >> دەپ ئاتىلىپتۇ.
ئوۋچى ئوۋلىغان بۇغا – ماراللىرىنى ئېتىغا غانجۇغلاپ تېىڭپ، يولىغا راۋان بولۇپتۇ. مېڭىپتۇ – مېڭىپتۇ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. بىر جايغا كەلگەندە كاۋاب قىلىپ قورسىقىنى غەملىمەكچى بولۇپتۇ. گۈلخان يېقىپ، يۇلغۇن شېخىدىن زىخ تەييارلاپ، مارالنى سويۇشقا تۇتىنىپتۇ، سويىۋېتىپ پىچاق ئۇستخانغا تېگىپ سۇنۇپ كېتىپتۇ. ئاتام زامانىسىدىن بۇ يەر << پىچاقسۇندى >> دەپ ئاتىلىپ كەپتۇ.
(يۈكسەل بلوگىدىن ئېلىندى )
مارالبېشى غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سافارباي دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. ئۈچ پادىشاھلىق شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن دۆلىتىگە قارىغان. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى دۆلىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى سافارباي ئايمىقىغا قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) قەشقەر خان ئامىبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى (1883 - يىلى) بۇ يەردە مارالبېشى بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. گۇاڭشۈ 29 - يىلى ( 1903 - يىلى) بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت ئايماققا ئۆزگەرتىلىپ، يەكەن مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. ئايماقنىڭ ئورنى بارچۇق شەھىرىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، بارچۇق قىسقارتىلىپ باچۇ (مارالبېشى) دېيىلگەن. مىنگو 2 - يىلى ( 1913 - يىلى) مارالبېشى ئايمىقى مارالبېشى ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە، قەشقەر مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە، قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان.
(بىلقۇت تورىدىن ئېلىندى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-6 10:23 PM