سەھرا ئوغلى يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 05:52 PM
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسىلامغا ۋە ئۇنىڭ ئائى ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم؛بۇتوغرىسدا مۇنداق بىر قىزىزىق ئىش يۈز بەرگەن ئكەن .
بىزنىڭ بۇ ھىكايىمىز،ئاللاھ توغرىسىدائىزدىنىپ ھەقىقەت كەينىدە يۈرگۈچى سالمان پارسى «رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھىكايسنى سۆزلەيمىز.
سالمان ئەسلى فارىسلىق يىگىت بولۇپ ، كىچىكدىن تارتىپ مەجۇسى«ئوتقا چوقۇندىغان»دىنغا ئتقات قىلغان،كيىن خىرىستىيان بولغان ئۇ ئەڭ ئاخىرقى خىرىستىيان ئۇستازى ئۈلۈپ كىتىش ئالدىدا ئۇنىڭغا:
سىز مىنىڭ ئشلىرىمنى بىلسىز ،مىنى كىمگە بۇيرۇيسىز؟ دىگەندە ئۇستازى ئۇنىڭغا: ئى ئوغلۇم !ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن يەر يۈزىدە بىرەرسىنىڭ بىزنىڭ دىنىمىزغا يېپىشىپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن... لىكىن ئەرەپلەر زىمىنىدا ئبراھىمنىڭ دىنى بىلەن ئەۋەتىلدىغان بىر پەيغەمبەرنىڭ كىلىشىگە ئاز قالدى، ئۇ ئۆز زىمىنىدىن تاشلىق ،خورمىلىق زىمىنغا ھىجرەت قىلدۇ. ئۇنىڭ ئاشكارا ئالامىتى بار. ئۇ ھەدىيە يەيدۇ،سەدىقە يىمەيدۇ،تاغاق سۆڭىكىنىڭ ئوتتۇرسىدا پەيغەمبەرلىك تامغىسى بار.ئەگەرسەن ئاشۇ يۇرتقا بارساڭ بارغىن دەپتۇ. كيىن ئۇ مەدىنىگە كىلىپ ،رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدغا كىلىپ يېنىدىكى خورملارنى قۇيۇپتۇ. لىكىن رەسۇلۇللاھ ئۆزى يىمەي يېنىدىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىپتۇ. ئۇرەسۇلۇللاھقا سىلىنىڭ سەدىقە يىمەيدىغانىقلىرىنى كۆردۇم، بۇسېلىنى ھۆرمەتلەپ بەرگەن سوغىتىم ئدى دەپتۇ. كىين رەسۇلۇللاھ خومىلارنى يەپتۇ .سالمان باشتا يمىگەندە 1- ئالامتى دەپ ئويلاپتۇ، كىيىن سوۋغا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ يىگەنلىكىنى 2- ئالامتى دەپ ئويلاپ ،رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇچىسىغا قاراشغا باشلاپتۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ ئۇچىسىدىكى رىداسىنى ئېچىپ كۆرسۈتۈپتۇ.ئۇ چاغدا سالمان ئۇنى تونۇپ ئۇنىڭغا تاشلاپ،سۆيۈپ ،يىغلاپ كەتكەن ئىكەن . رەسۇلۇللاھ بۇئشنى قانداق بىلگەنلىكنى سورغاندا: بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdulahad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-6 08:07 PM