مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: yawayi

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66213
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 09:12:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ay-turk يوللىغان ۋاقتى  2012-2-10 07:14 PM
ئۇلارنىڭ گەپلىرى ياقمىسىلا تىللامسىز  ، قارشى پىكرىڭ ...


مەن دەسلەپتىلا ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش خاتا دەپ ئوچۇق ئېيتقان.
قارىغاندا باشقىلارنى بەكلا ئەۋلىيا دەپ چاغلايدىغان ئوخشايسىز . ياكى بولمىسا كاللىڭىزدا ئازراق مەسىلە بار.

ئاۋال 41- قەۋەتكە يازغان ئىنكاسىمنى ئوبدان ئوقۇپ، ھەزىم قىلىپ بېقىپ ئاندىن جاۋاپ قايتۇرسىلا .

ھېلىمۇ قۇرۇق پەتىۋاچىلارنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىدۇق . قاچانغىچە شۇ خەقنىڭ ئاغزىغا قاراپ يۈرىمىز . ئۇلاردا با كاللا ھەممە ئادەمدە با . ھەممىدىن مۇھىمى ‹‹ قۇرئان كەرىم ››نىڭ بارلىق تىللاردىكى ئەسلى نۇسخىسىنى ۋە تەرجىمىسىنى ئازراقلا پۇل خەجلىسەك سېتىۋالالايمىز . شۇنى ئوقۇساق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى باشقىلارنىڭ ئېغىزغا قارىمايمۇ ئۆزىمىز تەپەككۇر قىلىپ بىلەلەيمىز .

ئاۋۋال كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ دۇنياغا بىر نەزەر سالسىلا: نوپۇسى نەچچە مىليۇنغا يەتمەيدىغان يەھۇدىيلار نىمىشقا شۇنچە كۈچلىنىپ كەتتى. نىمىشقا دۇنيادىكى نۇرغۇن كەشپىياتلارنى كۇپپارلار  تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىدۇ ؟ شۇنچىلىك ئاز ساندىكى يەھۇدىيلار ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان مۇسۇلمانلارنى بوزەك قىلىدۇ؟

مۇسۇلمانلار شۇنچىلىك دۆتمۇ؟
    ياق . مۇسۇلمانلار دۆت ئەمەس . پەقەت سىلىدەك باشقىلارنىڭ پەتىۋاسى بىلەنلا جان بېقىشنى ئەۋزەل بىلگەن مۇسۇلمانلار، شۇنداقلا  (ئۇنى قىلساڭ بولمايدۇ، بۇنى قىلساڭ بولمايدۇ، ) دەپ نۇرغۇن دىنغا مۇخالىپ كەلمەيدىغان ئىشلارنىمۇ  ھارامغا، گۇناھقا چىقىرىۋېتىدىغان قۇرۇق پەتىۋاچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن مۇسۇلمانلا گاڭگىراپ قېلىۋاتىدۇ . نۇرغۇن پەتىۋاچىلار ئىلىم - پەن بىلەن شوغۇللىنىشنى چەتكە قاققانلىقتىن مۇسۇلمانلا نۇرغۇن كەشپىياتلارنى ئىجاد قىلىشتىن ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشتىن مەھرۇم قالدى . بولمىسا مۇسۇلمانلارنىڭ تەپەككۇرى، بىلىمى ھەرگىزمۇ يەھۇدىي ياكى كۇپپارلاردىن كام ئەمەس . ئۇلار ئازراقلا ئىزدەنسىلا ئاشۇ يەھۇدىيلار ياراتقان كەشپىياتلاردىن نەچچە ھەسسە يوقۇرى بولغان ئالەمشۇمۇل كەشپىياتلارنى ياراتقان بولاتتى .

  مۇشۇ پەن تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن شوغۇللىنىش توغرىسىدىمۇ، خېلى كۆپ ھەدىسلەر بار . لېكىن ئۇ ھەدىسنى سىزگە كۆرسىتىش مەجبۇريىتىم يوق . سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ماددىيىتىگە سەرىپ قىلىدىغان ئىقتىسادىڭىزدىن ئازراقلا ۋاز كېچىپ ‹‹ قۇرئان كەرىم›› ۋە دىنغا ئائىت كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئوقۇسىڭىزلا، ۋە شۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى چۈشەنگۈدەك تېرىقچىلىق ئەقىل سىزدە بولسىلا نۇرغۇن پەتىۋالارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قانچىلىك زور بەدەل تۆلەتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ يېتىسىز . گەپنى مۇشۇنچىلىكلا قىلاي، بولمىسا يەنە ھەزىم قىلالماي مېنى تىللىدى دەپ قالمىسىلا.

  شۇڭا كىمگە چوقۇنسىڭىز ، كىمنىڭ دىگىنى بويىچە ماڭسىڭىز ئىختىيارىڭىز . ئەمما ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان دەپ قارىسىڭىز خەقنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىپ ئاندىن سۆزلەڭ!

‹‹ناھەق تىل-ھاقارەتلىرىڭىز ئۈچۈن ئاللانىڭ ئالدىدا ھىساپ بىرىدىغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ›› دىگەن گەپنى قىلغۇدەك ئەقىل سىزدە بولغانىكەن، ئاشۇ قۇرۇق پەتىۋا پىچقۇچىلارنىڭ گەپلىرىنىڭ توغرا - خاتالىقىنىمۇ ئايرىغۇدەك ئەقىل سىزدە بولسۇن .
راست . <<قۇرئان كەرىم>> قولغا ئېلىشتىن ئىلگىرى تاھارەت ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sirlik+ot تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-10 09:22 PM  


باشقىلارنى تىللىما!

ئىزدەنگۈچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3787
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 8456 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 11:14:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ 43 - قەۋەتتىكى سۇئالىمغا جاۋاپ بىرىدىغان بىرەر ئۆلىما چىقمىدىما ؟
قارىغاندا پەتىۋا بىلىدىغانلار كۆپ ، قۇرئاننى بىلىدىغانلار ئاز ئوخشىمامدۇ ؟:qiray11  
  بولاپتۇ  ئۆزەم بىر قۇرئاننى ئاختۇرۇپ كۆرەي .

يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66385
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 155
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 460 سائەت
تىزىم: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 01:41:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى كوچىلاردا گۈل ساتىدىغانلار يىلدىن يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ، بولسا ھەممە كىشى ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، بۇنداق ئىشلاردىن توسساق ياخشى بولاتتى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74916
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-2-6
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 04:14:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ بايرامنى دەپ نۇرغۇن قىز-ئوغوللار ئايرىلىپ كىتىدۇ .مۇشۇمۇ ئىشمۇ .بۇ يا بىزنىڭ  ئۇيغۇرلارنىڭ بايرىمى بولمىسا ،بۇ ناچار قالاق ئىددىنى ئۆزگەرتەيلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75164
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 10:59:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dil~azar يوللىغان ۋاقتى  2012-2-9 02:31 AM
دىمىسىمۇ بۇ بىزنىڭ بىز ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ بايرىمىمى ...

نۇركامال ئەپەندىم گىپىمنى تازا چۈشەنمەي قالدىڭىزمۇ قانداق، مەن يامان گەپ قىلمىدىم،مەن ئۇ بايرامنى ئۆتكۈزىمەن دىمىدىمغۇ، گىپىمنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىز!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش