elqvn يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 07:18 PM
نەقىل: « ھەقىقەتەن ئىشلار تىمىدا ئىيتىلغاندەك بولسا ...
ئېيتقانلىرىڭىز بەرھەقتۇر ! چۈنكى ھەر قانداق بىر خاتالىقنىڭ تىگىشلىك تۆلەيدىغان خۇنى بولىدۇ . خۇنى ئەنە شۇ خاتالىق ئۈستىدىكىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ .
ئۆز ۋاقتىدا يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۆز ئوغۇللىرىغا ئىشەنگەن ئىدى . ئۇنىڭ ئىشىنىشى سەۋەبسىز ئەمەس . مۇنۇ ئايەتلەرگە قارايلى !
ئۇلار ئېيتتى : ‹‹ ئى ئاتىمىز ! نېمىشقا يۈسۈف توغرىسىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن ؟ ھالبۇكى ، بىز ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياخشى نىيەتتىمىز ( 11 ) ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن ، يەپ - ئىچىپ ، ئويناپ - كۈلۈپ كىرسۇن ، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز ›› ( 12 ) يەئقۇب : ‹‹ ئۇنى ئېلىپ كەتسەڭلەر راستلا خاتىرجەم بولالمايمەن ، سىلەر غەپلەتتە قېلىپ ، ئۇنى بۆرە يەپ قۇيۇشىدىن ئەنسىرەيمەن ›› دېدى ( 13 ) ئۇلار : ‹‹ بىز ( كۈچلۈك ) بىر جامائە تۇرۇقلۇق ، ئۇنى بۆرىگە يىگۈزۈپ قويساق ، ئۇ چاغدا ، بىز ، ئەلۋەتتە ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز ›› دېدى ( 14 )
مۇنۇ ئايەتتىن ھۆكۈمكى ، يۈسۈفنىڭ يامانلىقلارغا قېلىشىدا دادىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى يوق . چۈنكى دادىسىنىڭ تىلىگىنى ۋە سۈپىتى ئەنە ! ئۇ تىگىشلىك رەۋىشتە ھامىيلىق ئۈستىدىكىلەرگە قويۇپ قويۇش بىلەن ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلدى . يۈسۈفتىكى يامانلىقتا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى سەۋەبلىك بولدى . چۈنكى ئۇلار ئۆز ئاتىسى بىلەن مۇنازىرلەشكۈدەك دەرىجىدە ۋە ئۆزلىرىنى چۈشەنگۈدەك ھالەتتە ئۆزىنى تۇنىغان كىشىلەر ئىدى .
ئامانەتنى تىگىشلىك ئەقىدە بۇيىچە ، تىگىشلىك كىشىلەرگە قويىمىز . سەككىز ياشلىق بالىنى ، تېخى مېھماننى تۆت ياشلىق بالىغا ھامىيلىقتا قۇيۇش بۇ بىر تۈركۈم ھاماقەتلەرنىڭ ئىشى خالاس ! ئەنە ھالى ، ھامىيمۇ بولالمىدى ھەتتە كېپىل بولۇپ ئۆزىنى ۋە شۇ كىچىكنى تىگىشلىك خوشنىلارنىڭكىگە ئېلىپ چىقالمىدى ، باشقىلاردىن ياردەممۇ تىلىيەلمىدى .
بۇ قىسمەتتە ئانىلارنىڭمۇ ئەمەس بەلكى ئاتىلارنىڭمۇ ھەسسىسى بار . چۈنكى شۇنىڭدەك ئېشەك چېغىدىمۇ ئۆز بالىسىنى ئۆزىدىن ئايرىمايدىغان تۇرسا ، شۇنچىلىك خۇسۇسىيەتتە دائىم بولالمىغان ، ئەنە بولالمايدىغان ئاياللارغا باللىرىنى قوشۇپ قويۇش قىلغانلىقتىن ! ئاتىسىدا ھەم بۇنچىلىك قىممەت بولمىسا ، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى بولغۇچىلاردا ھەم تىگىشلىك ھەسسىسى بولىدۇ . چۈنكى بالىنى بېقىپلا قاتارغا قېتىپ قۇيۇش ئەمەس ، ھەر بىر مۇشكۈلاتلىرىنى باشقۇرۇپ بىر تەرەپ قىلالىغۇدەك تەربىيلىيەلمىگەندىكىن . ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ئەنە شۇنىڭدەك ھاماقەت چوڭ قىلىپ قويۇپ كارى بولماسلىق ئۇلارنىڭ ھەم مەسئۇلىيەتچانلىقى يوقلىقى . سۆرەپ چىقساق نېمىدىگەن كۆپ گۇناھكارلار بۇ ؟ بىرنىڭ پۇقى مىڭغا دەپ !
مۇشۇ ئىنكاسىمنى بىر كوچىلاڭلە ، يەنىمۇ تىشەي !!!