مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: TaRKiN

سىز قانداق قارايسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياشا ھەم يەشاشقا يول قوي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29728
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2011-2-9
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 10:10:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  ئاڭلىغان تىخى يىقىندىلا بىر قىز تويلىقى ئۇچۇن بىر رومال بىر جەينەماز  يەنە بىر قۇرئان  بىرىشنى ئيتقان
قىزنىڭ ئاتا ئانسى ھەيران بولۇپ سورغاندا ماڭا ئككى دۇنيالىقتا ئەس قاتىدىغىننى  ئومرۇمدىكى خۇشاللىق كۇندە ئشلىتىشكە تاللىدىم دىگەن قىزنىڭ ئاتا ئانسى بىلەن قۇدا بولغۇچلا قىزنىڭ دىيانتىدىن تەسىرلىنىپ ئادەتتە قىزلارغا بىرلىدىغان تويلۇقتىن بىر ھەسسە قوشۇپ
ئەكلىپ قىز ئالغىلى ئۇنمىسا  ئۆز رازلىقمىز بىلەن مھرى ھەققى ئۇچۇن ئاتىدۇق قوبۇل قىلىڭ دەپ قىزغا بەرگەن

بوۋامنىڭ ديشچە شۇڭقار دەپ بىر قۇش بارئمىش   شۇڭقار دائىم كۇچلۇك بوراندا باللىرنى ئۇچۇردىكەن شۇڭا شۇڭقارنىڭ بالىرى چوڭ بولسا ھەرقانداق شارائتتا ئۇچالايدىكەن
ھەم ھىچقانداق ئۇچار قۇش چىقالمايدىغان ئىگىزلىكتە ياشايدىكەن
بۇنداق  دىيانەتنىڭ ئنسان قەلبىگە سىڭمىكى يەنى كىلىپ تۇرمۇش مىزانى دەپ ئددىيسدە
نىشان قىلىپ بىكىتمىكى خۇددى شۇڭقارنىڭ مەڭگۇ ئگىزلىكتە ياشاش ئۇچۇن كۇچلۇك  بوراندا
ئۇچۇشنى تاللىغانغا ئوخشاش بىر ھاياتى سناق
ئەمما بۇ سىناقتىن ئوتىدىغانلا بەك ئاز

ئادەم ياشاش ئۇچۇن ئۆلۇشى كىرەكمۇ؟ياكى ئۆلۇش ئۇچۇنلا ياششى كىرەكمۇ؟
ئبادەت ئەسلى خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش مەسچىت جەينامازدا ئەمەستۇر بۇ ئىش

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4011
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 10:31:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ دىلىغا ئىنساپ بەرسۇن !

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

مېنىڭ بارلىقىم ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 640
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9306
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 11:07:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەندە بىر شەھەرنىڭ بىر ئەزاسى بىلەن مۇشۇ ھەشەمچىلىك توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدىم . ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتىنىڭ بەزى يامان تەرەپلىرىنى ئېيتتى ۋە ئۆزىنىڭ سەۋەبسىزلا تارتقان زىيانلىرى توغرىسىدا ئېيتىپ ئۆتتى . ئۇنىڭغا ئېيتتىم : - سىلەرنىڭ شەھەردە ئادەم سانى باشقا يەردىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر كۆپ . تېرىلغۇ ئاز بولغاچقا كۆپىنچە كىشىلەر يەنە باشقا تىجارەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ . ئەمما سىلەرنىڭ شەھەرنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۇنچىلىك ئەسكى بولۇپمۇ كەتمەيتتى ، لېكىن شۇ ، شۇ شەھەرنىڭ بايلىرىنىڭ كۆپىنىڭ ئەسكىلىكىدىن تۆۋەندىكىلەر تېخىمۇ ئەسكىرەشكە مەجبۇر بولىدۇ . بايلار تولىمۇ ھەشەمەتخور بولۇپ كەتكەنلىكتىن ئازراقلىكى ھەسىتى بار كىشى شۇ خىل كىشىلەرگە ھەۋەس قىلىدۇ . شۇ ۋەجىدىن شۇ قىممەتنى ساقلاپ قالماققا ۋە شۇ قىممەتكە يەتمەككە جان كېچىپ تۇرۇپ پۇل تېپىشقا ئۆزى ئىخىتىيار قىلىشىدۇ . ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ھەتتە ئېتىقادىغا ‹‹ سامان ئارلاشمىسا لاي بولماس ، ھارام ئارلاشمىسا باي بولماس ›› دىگەن ياغلىما گەپ ئۇدۇم بولۇپ كەتكەن ۋە ئۆزىنى شۇ سۆزلىرى بىلەن كەڭ جامائەتچىلىككە سازايە قىلىپ تېخى ئۆزىدىن چىن رازى بولىشىدۇ . چۈنكى ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان كاتتىلار شۇنداق بولغاندىكىن ۋە جەمىيەتتىكى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ تۇتقا قىلغان يول شۇ بولغاندىكىن . ئۇلار ئەنە شۇ خۇسۇسىيىتى ، خارەكتېرى بىلەن قايسىلا بىر شەھەرگە بارمىسۇن ھەر ئىشىدا باشقىلارغا قان چاچىراتماي قالمايدۇ .

قايسى بىر شەھەردە بۇزۇقچىلىق كۆپ بولسا شۇ شەھەرنىڭ بايلىرى ، ئالىم ، ھۆكۈمالىرى ، ئەمەلدارلىرى سەۋەبلىك بولىدۇ . ئەنە شۇ خىل كىشىلەر چىرىكلەشسە تۆۋەندىكىلەر سېسىيدىغان گەپ ! چۈنكى يۇرتنىڭ كاتتىلىرى ھەممىدە ئۈلگە بولىدۇ . يۇرت تۈزەلسە ھەم شۇلارنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن ، بۇزۇلسا ھەم باشلامچىلىق بىلەن .

ئەمما جەمىيەت شۇ ھالەتكە يەتكەندە بىر گوروھ ھەقنى ئۆز ئەمەلى ھەركىتى بىلەن جەمىيەتنى ئىسلاھ قىلغۇچىلار چىقمىغى لازىم بولىدۇ . كاتتىلارنىڭ ھەممىسىلا بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ . ساقلىرى سىلجىپ چىقمىغى ۋە ھەقنى بايان قىلمىقى ، تۆۋەندىن ھەم ئەمەلىي ھەركەتتە ئاۋانگارت قۇشۇنى چىقمىغى زۆرۈردۇر . ئەنە شۇلار نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر . شۇنىڭدەك بىر جەمىيەت كۆپىنچە كاتتىلار ئۆز مەيدانى ، قارارى بولمىغانلىق ۋە جەمىيەتكە قارىتا توغرا تۇنۇشتا بولۇش قىممىتى بولمىغانلىق شزۇنىڭدەك ناچارلىققا ئۆزلىرى تۇيماي سىڭىشىپ كېتىدۇ . چۈنكى ئۇلار سېپى ئۆزىدىن كاتتا ئەمەس بەلكى ئەگەشكۈچىلىك ھالىتىدىن شۇ خىل ئورۇنغا چىقىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تۇنالماي قالغانلاردۇر . ئۇلار كاتتىلارنىڭ ئېشەكلىرىدۇركى ، ئانچە - مۇنچە تاياق - قامچىلار تىگىپ تۇرمىسا ھۇشىنى تاپماس . چۈنكى ئۇلار ئىلگىركى خىزمىتىنى ، ئەمەللىرىنى كۆشەپ كىيىنكى ھاياتىدا شەھۋەتكە چۆكۈپ ياتقۇچىلار ئەمەس ، بەلكى شۇ شانۇ - شۆھرىتى بولغان ئىكەن ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە ھەر ۋاقىت جەمىيەتنى كۈزىتىشى ۋە توغرا تەدبىر قىلىشى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئىلىم تەھسىل قىلىشى لازىم بولىدۇ . بۇ خىل قىممەتكە ئۆتمەي كونىلىقنى كۆشەش بىلەن بىرلىكتە بۈگۈنكى پىتنە بىلەن ھېچ كارى بولماي ئۆتىمەن دەيدىكەن ، ئۇ چوقۇمكى ئۆزىنى بىر ۋاقىت تاغ - تۇراغا ئېلىپ چىقىپ پىنھان تۇتىشى كېرەك بولىدۇ . بولمىسا ياشلارنىڭ سېسىق گەپلىرىنىڭ تىگىپ كىتىشىنى كۆڭلىگە ئالمىسىمۇ بولىدۇ .
ئۆزىنى ھەقىقەت ئۈستىدە دەپ تۇنۇپ قېلىۋاتقانلار ھەر ۋاقىت ھەقنىڭ قانداقلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشى ۋە پىكىر يۈرگۈزىشى كېرەك بولىدۇ .

بىر مۇنبەرگە مۇشۇ توغرىسىدا ئازراق بىر نەرسە يازغان ئىدىم . ئۇنى مۇشۇ يەرگە گخەرچە سەل ئاچچىق بولسىمۇ چاپلاي .

مۇشۇ  30 ياشتىن 60 ياشقىچە ئارقىلىقتا بولغان كىشىلەر ياشىغان زاماننى ئالماي بولمايدۇ بۇ يەردە . بۈگەن سەل خوروجى بولۇپ قاپتىمەنكەن . ئاچچىغاراق يېزىپ باقاي ئىنكاس دېگەننى . يە باشقۇرغۇچىلار ئۆچىرىۋاتار !

مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار جەمىيىتى كومىناغا دۇچ كەلگەن ۋاقىت . بۇ كومۇنا شۇنداق كومۇناكىن ، داش قازانغا قارىتىپ قويىدىغان . باي - گاداينىڭ پەرقى يوق پەقەت ئامبال - ئابداللارلا باي ، قورسىقى توق ئۆتىدىغان بىر ۋاقىت بولغاچقا ، كۆپىنچە كىشىلەر ئاچ قالغان . ئۇلار مانا مۇشۇ كۈن ئۈچۈن سىنالغان ئىدى . ئۇلارنىڭ ئاقىۋېتىدە مانا مۇشۇ كۈن بار ئىدى . ئەمدى ئۇلار ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بالىلىرى تەڭ بۇ كۈنگە مۇلاقات بولۇشتى .
ئىلگىرى گەپتىن گەپ چىقىپ بىر كومىست بىر پاراڭنى قىلىپ قالدى . - ھازىر بەزى قېرىلار يولدا كۈرۈشۈپ قالسا ھىجىيىشىپ ، كۈلىشىپ ، بىر قىسما قىلىشىپ كېتەمدۇ ؟ ھە ، شۇ ۋاقىتتا شۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇنىڭدەك داش قازان ۋاقىتتا ، قايسى گەپتان بولسا شۇنىڭغا قىز - يىگىتلەر كۈيىدىغان بولغاچقا ، تۇتىشاي دېسە كەڭ سەينا - قوناقلىق تەييار تۇرغاچقا نادانلىقى ، ھاماقەتلىكى ، ئاچارچىلىقى ، ھاياسىزلىقى تۈپەيلى ۋە شۇ كۈنگە قارشى تۇرۇپ شۇ ئېغىرچىلىقلاردىن پاك چىقىپ كىتىشنى ئۈمىد قىلمىغان ، تىلىمىگەنلىكلىرى تۈپەيلى ، مىللىتىمىزگە بىر مۇنچە ھارامدىن بولغانلار ، نىكاھسىز تېپىلغانلار كۆپلەپ كىرىپ كەتكەن .
ھەدىستە ، ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلىگە تاپشۇرۇلمىغاندا قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ - دېگەن . بىر ئائىلىدە بولسۇن ، جەمىيەتتە بولسۇن شۇنىڭدەك باش بولۇش ، جەمەتنى ، خەلقنى ھىمايە قىلىش ، يىتەكلەش يولىدا شۇنىڭدەك ئەھلى ئىش ئىگىلرى بولماي ، شۇنىڭدەك بىر تۈركۈم ئىسلامسىز تۇغۇلغان كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن ، بۇ خىل كىشىلەر پەقەت ئەگەشكۈچى قىلىنىپلا يارىتىلغانلىقتىن  ، قايسى بىر ناكەس ئەگەشتۈرگۈچى بولۇش يولىغا كىرىۋېلىپ ھوقوقنى قولىغا ئالىدىكەن ، ئائىلە ، جەمەت ، ۋەزىيەت ، مىللەت ۋەيران بولماي قالمايدۇ . چۈنكى بۇلار قەيەرگىلا بارسا ئۆدەكتۇركى ، ئۆردەكنىڭ خۇسۇسىيىتى شۇكى : ‹‹ مۇشۇ قۇڭاملا بولىدىكەن ، بارغانلىكى كۆلنى سېسىتماي قالمايمەن ››. شۇنداق ئىكەن ، ئۇلار ئەھلى ئىسلامغىمۇ كىرىپ قالدى . ئەگىشىپ يۈرۈپ ئۆلىما ھەم ئاتىلىپ كەتتى ( ئۇلارنىڭ تاماشاسىنى تېخى ئالدىمىزدا كۆرىمىز ) . ئۇلار قايسى بىر ساھەگە بارمىسۇن ، شۇ يەرنى سېسىتماي قالمايدۇ . چۈنكى ئۇلار دۇنيادا بەخىتلىك . ئۇنىڭدەك كىشىلەر ئىبادەتلىرىدە ھېچ ئاللاھقا يۈزلىنەلمەيدۇ . ئىشلىگەن ساۋابلىق ئەمەللىرىنى مۇشۇ دۇنيادىلا خەجلەپ تۈگىتىۋېتىدۇ . چۈنكى ، بۇنىڭدەك ئەمەللەرنىڭ پەقەت دۇنيالىقىلا بولىدۇ ، ھېچ ئاخىرەتلىكتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ . بۇ خىل ئىچى كىبىر بىلەن ، ھەسەت بىلەن قوتۇرلۇشۇپ كەتكەن ، سېسىپ كەتكەن كىشىلەر قەيەردىلا پەيدا بولمىسۇن ، شۇ يەردە پىتنە - پاسات تېرىلغۇسىدۇر !
بۇلار شۇنىڭدەك ، بىرەر ئىشقا تەيىنلىنىپ قالسا ، بۇلار پەقەت ياۋۇزلۇق بىلەن ئورۇن تالىشىدۇ . ھېچ توغرا ۋاستە تاللىمايدۇ . ئەمما بۇلارغا ھېچ پىكىر قىلمايدىغان ، ھەق - ناھەقنى بىلمەيدىغان نادان - ھاماقەتلەر خۇددى ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلغاندەك ئۇلارغا قەتئى ئەگىشىدۇ . ئۇلار نېمە قىلسا شۇنى قىلىدۇ ھەتتە ئاشۇرۇپ قىلىشىدۇ . تېخى ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى سېسىق ئورنىغا مەسلىگى كېلىپ ئۇلارنى رازى قىلماقنى تىلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئاز كۆپىيىدۇ . يامان ئادەت كۈچىيىدۇ ، ياخشى ئادەتلەر بارا - بارا سۇسلىشىدۇ ، ئۇلار تەرپىدىن تەرك ئېتىلىدۇ .
بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈن ھېچ بىر ۋەز - نەسىھەتلەرنى ئاڭلىمايدۇ . ھەتتە ئۇلارغا يالۋۇرۇپ قان - ياش تۆككەننىڭ پايدىسى يوق . ئەگەر قانۇن مېنىڭ قولۇمدا بولسا ، ئاۋال مۇشىنىڭدەك ئىشلارغا قارىتا كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بېرەتتىم . ئەگەر قايسى بىر بۈۋى بولسۇن ياكى باشقا ساھەلەردىكى بىرەرى بولسۇن بۇ قانۇننى بۇزىمەن دەيدىكەن ، ئاشكارا ھاللاردا خەلق مەيدانىدا ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا چوڭ بىلىشىدىغان دۇڭفۇڭ ماشىنىدىن ئىككىسىگە ئىككى پۇتىنى باغلاپ يىرىپلا بىر قانچىنى ئىبرەت قىلمىغۇچە بۇ ئىشلار بېسىقمايدۇ . چۈنكى ھايۋان گەپ ئاڭلىمايدۇ ، تاياقتىن قورقىدۇ . ئافرىقا يايلىقىدىكى ئېچىرقاپ كەتكەن ياۋايى ھايۋانلار تاياقنى تۇنىمايدۇ ، پەقەت شۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پاجىئەنى كۆرمىگىچە نىيىتىدىن يانمايدۇ . 
ھالال تۇرۇپ ، ھارامدىن بولغانلارغا ئەگەشكەنلەردىنمۇ ھاماقەت ، ئۆزىنى ئۆزى نابۇت قىلىدىغان ئاخماقلار بارمۇ ؟
ھارامدىن بولغانلارنى پەس كۆرۈشكە بولمايدۇ . ئەمما ئۇلارغا شۇنىڭدەك ھوقوق بېرىلگەندە جاھان قالايمىقانلىشىدۇ . چۈنكى ئۇلاردا تەپەككۇر بولمايدۇ . ئەمەللىرىدە ئىخلاس بولمايدۇ . رەببىگە بويسۇنمايدۇ . نەوسى نېمىنى خۇش كۆرسە شۇنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ . نەپسى دېگەن شەيتاننىڭ قولىدا !  

ئارىسىدا سەل كاشاللىق يەرلىرى بولسا نۇقۇپ قۇيۇڭلار ھە !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

تەركىن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10206
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 11:27:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
拉依里0 يوللىغان ۋاقتى  2012-2-8 07:20 PM
سىز تىخى  توي  قىلمىدىڭىزما...............


بۇ سۇئالنى سورىشىڭىزدىكى سەۋەپنى دەپ باقامسىز؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TaRKiN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-9 11:29 AM  


ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74481
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3972
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 04:01:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم دىگەن شۇنداق نەرسە مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان.مېنىڭ دەيدىغىنىم  قايناقسۇ ئىچ كۆڭلۇڭ تىنىچ ...ئۆزىمىزدە بار بولغان بەخىتنى قەدىرلەيلې ...

مېنىڭ بارلىقىم ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 640
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9306
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 06:54:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىدىكى پادىشاھنى ئەسلى بىر باي دەپ ئالساق بولۇپتىكەن . چۈنكى ئادەتتە پادىشاھلار خوتۇن تالاق قىلسا ئوردىدىن چىقارمايدۇ ۋە بالىنى ئۆزى ئېلىۋالىدۇ . پەقەت پەسلىكنى ئىختىيار قىلغان بايلارلا مۇشىنىڭدەك قىسمەتنى تاللايدۇ .
رۇسۇللاھدىن - قىيامەت قاچان بولىدۇ ؟ - دەپ سورىغۇچىلارغا بىر بۆلۈك جاۋاب بەرگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئارىسىدا مۇنۇ بايان قىلىنغان ئىدى . يەنى : - پادىچى ئىگىز ئىمارەتلەرنى سېلىش بىلەن پەخىرلەنگەن ۋاقىتتا قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ  - .
قىيامەتنىڭمۇ كىچىكىمۇ بولىدۇ ، چوڭىمۇ بولىدۇ . كىچىكى بولسا ئەنە شۇنىڭدەك بىر ئائىلىدە ، جەمەتتە بولىدۇ . شۇنىڭدەك بىر ئائىلىدە ھەم ئۆز ئانا ئۆزىنىڭ خوجايىنىنى تۇغقان ۋاقىتتا ھەم شۇ خىل قىيامەتنى كۈتسە بولىدۇ . يەنى ، ئۆز ئوغۇللار ئۆزىنىڭ ئانىسىنى ھېچ ئۆزرىسىز مالايلىققا سېلىپ تاپىنى ئارتقاندا شۇنىڭدەك بىر يامان قىسمەتلەرنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى كۈتسىڭىز بولىدۇ .
تېمىدىكى موماي بولسا بايلىقنىڭ ۋە نامراتلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېچ چۈشەنمەيدىغان بىر خوتۇن بولغاچ ، ئۆزىچە شۇ قېرىغىنىدا شۇ خىل ئۆزىنىڭ ئويىدىكى بايلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن قىزىنى كوزۇر قىلىۋېلىش بىلەن مەقسىدىگە يەتمەكنى تىلىدى ۋە ئاخىرى مۇرادىغىمۇ يەتتى . ئەمما دەسلەپتىكى نىيەت ، ئانىنىڭ مەقسىدى باتىل بولغاچ ، ئاخىرىدا قىزىنىڭ بەختىنى نابۇت قىلدى . شۇڭا تەڭرى ئۇ خوتۇننى تۇغماس قىلىپتىكەن . تۇغقان بولسا تېخىمۇ چوڭ گۇناھقا پاتار ئىكەنتۇق . چۈنكى ئۇ تۇغقان بولسا قىزىنى بايلارغا بىرىش كويىدا بايغا خېلى بۇرۇنلا قىران ۋاقتىدا بىرىپ بايلىق زىلزىلىسى قاپلىغان قەلبىدە نى يامانلىقلارنى قىلار بولغىيتى . شۇ ئەسنادا تېخى شۇ ئىجتىقادى تۆۋەن ئېرىنى سەت كۆرۈپ ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلار ئىدى ياكى نۇرغۇن تاپا - تەنىلەرنى قىلار بولغىيتى . تەقدىر مەسىلىسى مۇشىنىڭدەك بەر ئىچكىرى قاتلاملىق بولۇپ ، بىر ھېكمەتنىڭ ئىچىگە كىرسە ئۇنى قېزىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ۋاقىتلار ۋە كۈچلۈك نۇر قۇۋۋەتلەر لازىم بولىدۇ . بۇ يەردە بۇ توغرىسىدا بەك ئىچكىرى توختالماي تۇرايلى .
گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دىگەندە ، كىشىگە ئۆزىنىڭ كۈچى ، شۈكرى - قانائەتچانلىقلىرىغا قاراپ مال - مۈلۈك دۇنياسىمۇ بىر بايلىقتۇر . نامراتلىقمۇ ھەم كۆپىنچە كىشىلەر ئېتىراپ قىلمايدىغان يۇشۇرۇن بايلىقتۇر . ئەڭ كاتتا بايلىق ئىلىم - ھېكمەتكە ۋە شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە يەتمەكتۇر ! ئۇنىڭدىن قالسا بەخىتلىك ئائىلىدۇر . مال - مۈلۈكنى بايلىق دەپ ھېسابلايدىغان ۋە شۇنىڭ بىلەن رازى بولىدىغانلارنىڭ نەپسى يامان ۋە نەپسىگە قۇل بولغانلار . ئۇنىڭدەك كىشىلەردە ئىبادەتلەردە چىنلىق بولمايدۇ . چۈنكى ئاللاھ ھېچ كىشىنىڭ يۈرىكىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوقتۇر . كىشىنىڭ يۈرىكىنى شۇنىڭدەك نەپسىگە بولغان زىلزىلە قاپلىۋالسا ئۇ قانداقمۇ ئىبادەتلەردە ئۆز رەببىگە يۈزلىنىش قىلالىسۇن ؟ ئەمەلىيەتتە ئىبارەت ئىنساننى ئىسلاھ قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى . كىشىنىڭ ئىبادىتىگە باھا بەرمەكچى بولسا ، ئۇنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىغا ، ئىنسانىي خارەكتىرىگە قارىسىلا بولىدۇ . چۈنكى كىشى ئۆزىنى شۇ خىل ئېھسانلىقىنى تاپالمىدى دىگەنلىك ، ئىبادەتكە ھەقىقىي رەۋىشتە سىڭىشالمىدى دىگەن گەپ .
زامان ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش . زاماندىن قاخشىغانلىق شۇ كىشىنىڭ شۇ خىل ئىشىنىشتە بولالمىغانلىقنىڭ نەتىجىسى . تەقدىر ئاللاھنىڭ شۇ بەندىلىرىنىڭ ھالىغا بېقىپ پۈتۈپ بېرىلىدىغان رەھمەت . شۇ خىل قىممەتكە ئىشەنمىگەنلىك ۋە ئۆز تەقدىرىدىن قاقشاشبولسا ،  ئۇنىڭ نېمەتكە ئۇچرىسا شۈكرىسىز ۋە قانائەتسىز ئىكەنلىكىنى ، نادان - ھاماقەت ئىكەنلىكنى ، ئىماننىڭ ۋە دىننىڭ قىممىتىنى تۇنىمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
بۇندىن 30 يىلنىڭ ائلدىدا ئىلىم ئەھلىلىرى كۆپىنچە كىشىلەرنى شەيئىلەر ئۈستىدە خۇددى ھېلىقى ‹‹ ياغزاغزاق ›› تىلى كەمتۈك كىشىدەك بولۇشنى ، نېمىلا بولسا ئاللاھ دەپلا باشقىسىنى ئويلىماسلىقنى تەربىە قىلىپ كەلگەن ئىدى . چۈنكى شۇ ۋاقىت كىشىلىرىگە شۇ خىل قىممەت لايىق ئىدى . ھېلى ھەممۇ كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزلىرىگە پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولغان ئىشلارغا ئارلىشىۋېلىپ شۇ ‹‹ ياغزاغزاق ›› چىلىك دىنىي قىممەتتە بولالماي تۇرغۇن ھالەتتە ئۆتىۋاتىدۇ . ھەممە ئۆزىنىڭ ئەمەلىنى ياخشى دەيدۇ .
شۇ خىل قان كېچىپ تۇرۇپ پۇل تېپىۋاتقانلار بولسا پۇلنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغانلار . شەھۋەتكە ئۆزىنى ئۇرغانلار ھەم شۇنى ، نېمىلا بولمىسۇن كىم نېمىلەرگە ئۆزىنى ئۇرغان بولسا شۇ خىل قىممەتنى تۇنىغان ۋە تېتىغان بولغاچقا شۇ خىل قىممەتنى قوغلاشقۇسىدۇر ! دىنمۇ ھەم شۇنداق . ئەمما دىندا ھەر تۈرلۈك كىشىلەر مەۋجۇتتۇر . دىنمۇ بىر بىر باشقا ساھەلەرگە ئوخشاشلا بىر ساھە . بۇنىڭمۇ ھەم شان - شەرەپنى ، دۇنيالىقنى ، مال - بىساتنى ۋە شۇ قىممەتنىڭ ئەسلى ۋەسلىنى چۈشىنىش ۋە قۇبۇللاشقا يېتىشكە قارىتا يول تەيىن قىلغان كىشىلەر ھەم بار . ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا شۇ ساھەنىڭ ئىگىلىرى بولمىغىنىدەك ، دىننىڭمۇ ھەم ھەممىسى دىننىڭ ئىگىلىرى بولمايدۇ . ھەر ساھەدە پەقەت شۇ ساھەدىكى ئىلىمگە چۆككۈچى ۋە شۇنى ياقىلىغۇچى كىشىلەرلا شۇ ساھەنىڭ ئىگىلىرىدۇر ! باشقىلىرى بولسا ئارىسىدىكى جان باققۇچىلىرى ، ۋوي - ۋوي كۆتىرىشىپ بەرگۈچىلىرى ، سەنئەتكار - ئەرتىسلىرىدۇر !
ھاياتلىقتا ئىككى خىل كىشىلەرگە ھەسەت قىلىشقا بولىدۇ ۋە شۇ خىل قىممەتنى توغرا تاپمىغان كىشىلەردىن قاچماق ئاگاھلاندۇرىلىدۇ . بىرى : ئىلىم بىرىلگەن ۋە ئۇنى كېچەيۇ كۈندۈز تارقىتىپ تۇرغان ، تەقۋالىق ئۈستىدىكى ئىلىمدارلارغا ئەگەر - شۇ خىل ئىلىم ۋە شۇ خىل سۈپەت تەقۋالىق ماڭا بىرىلگەن بولسا مەنمۇ شۇنىڭدەك بولسام ئىدىم - دىگەندەك ھەسەتنى قىلىش . يەنە بىرى : مال - مۆلۈكتىن ئىبارەت بايلىق بىرىلگەن ۋە تەقۋالىق ئۈستىدە تۇرۇپ شۇ خىل بايلىقنى ھەر ۋاقىت ئۆز جايىدا ئىشلىتىپ تۇرۇپغان كىشىگە - ئەگەر شۇ كىشىدىكى سۈپەت ۋە بايلىق مەندە بولغان بولسا ، مەنمۇ شۇنىڭدەك ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋالسام ئىدىم - نى ئارزۇ قىلىش ۋە ئۈمىد قىلىش . مانا بۇ خىل ھەسەت تەكىتلەنگەن ھەسەت .
ئەمما بۇلاردىن قاچىدىغان ھەم يامان سۈپەتدارلىرى ھەم باردۇر .  شۇ خىل نېمەتلەرنى رىيا بىلەن ، مەنمەنچىلىك قىلىش بىلەن ، شان - شەرەپ قوغلاشقان ئاساستا قىلىۋاتقان ، شۇ خىل يولىدا دۇنيالىققا ئالدانغان كىشىلەردىن قېچىش . چۈنكى ئاللاھ بىر كىمگە نېمەت بەرمەكچى بولسا ، ئەلۋەتتە ھېكمەت بىلەن قىلىدۇ . ھېكمەتكە ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىنى مۇلاقات قىلىدۇ . ئەنە شۇ خىل ياخشى خىسلەتنىڭ ئىگىلىرىگە ئىرادە قىلىش بىلەن نېمەت ئاتا قىلىدۇ ، پەزلىنى يايىدۇ . شەيتانلارنى شەيتانلارغا دوست قىلىدۇ ۋە مۇسەللەت قىلىدۇ .
ئەمما بەندە ئەجىر قىلىشى كېرەك . سەيئى قىلىش بىلەن ئىزدىنىشى كېرەك . ھېچ قۇسۇرسىز ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ توغرا بىكىتكەن بىر قورغانغا كىرىۋېلىپ تۇرۇپ ئاندىن خۇددى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىغا كەلگەندەك بىر ئىش كەلگەندە ئاندىن ھېچ قورقۇمسىز ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ ئولتۇرغىلى بولىدۇ . ھېچ ئىلىمگە ئىگە بولماي تۇرۇپ تەقدىردىن ئاغرىنىشتا بولساق ، ئاللاھقا ئاشكارا خۇسۇمەت قىلغۇچىلاردىن بولىمىز . ( خۇسۇمەت دىگەن ، ھەقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمستىن ھەق ئۈستىدە كايىپ ئاللاھقا ئىسيانلار بولۇشتۇر )
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزگە ئەڭ ئاۋال ئەڭ قىممەتلىك بولغان ئىلىم شۇكى ، ئۆزىمىزنى چۈشىنىش ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى چۈشىنىش . دىندىكى بىكىتىلگەن قورغانىنى چۈشىنىش . ئاللاھنىڭ سۈپىتىنى چۈشىنىش قىلغاندا ئاندىن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ كالامىغا ئىشەنگىلى بولىدۇ . شۇ خىل قىممەتتە بولماي تۇرۇپ ، شۇ خىل قىممەتكە داخىل بولماي تۇرۇپ مەن ئاللاھقا ئىشىنىمەن ، كىتابلىرىغا ، دىنىغا ئىشىنىمەن دىيىش ئۆزىنى ئۆزىن ئالداشتىن ئىبارەتتۇر .
چۈشەنگەنلەرگە ۋە سەۋىر قىلىشنى ئىختىيار قىلالايدىغانلارغا نامراتلىقمۇ دۇنيادىكى ھەم بىر بايلىقتۇر ! چۈنكى نەپسىنى باشقۇرالمايدىغان كىشىلەر بايلىققا بىرىلسە ئۇ شۇ خىل بايلىق بىلەن ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيانداىن باشقىنى تىلەشنى بىلمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ دە ، ئاقىۋەتتە دوزاخقا مۇشۇ دۇنيادىلا مۇشتىرى بولۇپ كېتىدۇ ، ئەنگە ئېلىنىپ كېتىدۇ . ئاللاھ بىر كىمنى نامرات قىلىپ ياراتقان ۋە  شۇ كىشى قانچە كۈچىسىمۇ نېمەت بىرىلمىگەن بولسا شۇ كىشى ئۆزىنى ئىزدىشى زۆرۈردۇر . چۈنكى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئەڭ نادىرلىرى ۋە كۆپىنچىسى تۆۋەن تەبىقە ئىچىدىن چىقىدۇ . ئۇلار ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كىتىپ ۋە ئۆلمىسىمۇ تىرىكلا يىتىممۇ قالىدۇ ، غېرىپمۇ قالىدۇ ، كۆپلىگەن سىناقلارغا سېلىنىدۇ . شۇ سىناقلاردا كىشى تاۋلىنىدۇ ۋە ئەقىدە - ئېتىقادى مۇستەھكەملىنىدۇ ، پاكلىنىدۇ . چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى چۈشىنىدۇ ۋە ھەر بىر قىسمەتنى ئىختىيارلىق بىلەن قۇبۇل قىلىدۇ . ئۇلار ئادەتتە نىمىشقىدۇر ، بىر غەيىبىي كۈچكە ئۆزلىكىدىن سېغىنىش قىلىدۇ . چۈنكى ئۇلار ئاجايىبات - غارايىباتلارنىڭ ئىچىگە ھەر خىل رەۋىشتە يوللاردا  ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھاللاردا كىرىشىپ كېتىدۇ . ئەگەر بىر ئائىلىدە شۇنىڭدەك بىر ئىنسان دۇنياغا كەلسە ۋە شۇ ئائىلە كىشىلىرى شۇ كىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشسا بۇ ئالەمچە ساۋابلىقتۇر ! شۇنىڭ ئۈچۈن نامراتلار غېرىپ بولمىسۇن ، ئۆزىنىڭ ئەتىراپىنى ، ئۆز ئائىلىسىدىن بەزى كۈچلەرنىڭ بار - يوقلىقىنى ئىزدىنىش قىلسۇن !
نامراتلىقنىڭ نۇرغۇنلىغان ياخشىلىق تەرىپى بولۇپ ، كىشى مەيلى قايسى بىر تەبىقىدە بولمىسۇن ، چوقۇمكى شۇ خىل قىممەت توغرىسىدا پىكىر قىلسۇن ۋە ئىلىملەرگە ئىگە بولۇشنى تىلىسۇن ! ئەگەر تېمىدىكى مومايمۇ شۇ خىل قىممەتنى تۇنىغان بىولسا ئىدى ، ئەلۋەتتە قىزىنى ئۆزى چۈشىندىىغان ۋە ئۆز تەبىقىسى ئارىسىدىكى پادىچىغا بەرگەن بولاتتى . چۈنكى يېزا قىزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللىقىدا ئۇدۇللا كېلىدۇ . شۇنىڭدەك شەھۋەتنى ئىختىيار قىلغان بايلارغا مەجبۇرى ھىجىيىشنى ، ئۇنىڭغا ناز - كەرەشمە قىلىشنى غورورى كۆتەرمەيدۇ . چۈنكى ئۇ بۇنىڭدەك مۇھىتتا چوڭ بولمىغان ۋە ئۇنىڭ كۈتكىنىمۇ شۇ خىل شەھۋانىي تۇرمۇشلۇقنى ئىچىگە ئالغان نىكاھمۇ ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن قىز ئاقىۋەتتە شەھۋەت ئۈچۈن نىكاھ قۇرىدىغان نىكاھتىن قوغلانغان ۋە بالىسىنى يىتىم قالدۇرغان .
بۇ توغرىسىدا يەنە توختىلارمىز .


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TaRKiN + 100 تەپەككۇر ئاتلىرىڭىز ھ.
uzumtal + 100 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1798
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5774
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 723 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-9 11:28:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ تائالا : يەڭلار -ئىچىڭلار ئسراپ قىلماڭلار دىگەن

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75066
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3015
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 06:25:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى رىئاللىقىمىزدا ئىقتىسات ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ ،لىكىن بايلىق تۇرمۇشنىڭ بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرەلەمدۇ؟ خاتىرجەملىك ،ئىناق -ئىتىپاقلىق سالامەتلىك ھايات مۇساپىمىزدىكى ئەڭ چوڭ بەخىت .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش