پويىز بىلىتىدىكى ھوقۇق-مەنپەئەتىڭىزنى بىلەمسىز ؟
تۆمۈريول يولۇچى توشۇش توختامى يولۇچى توشۇش توختاملىرىنىڭ بىرى خىلى . يولۇچى توشۇش توختامىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى بېلەت تەكشۈرۈلگەن ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ .
پويىز بېلىتى يولۇچى توشۇغۇچىنىڭ بېلەت ئىگىسىنى بارىدىغان جايىغا ئاپىرىپ قويۇشتەك مەجبۇرىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسپات بولۇپ ، گەرچە كىچىككىنە بىر نەرسە بولسىمۇ ، يولۇچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن ھوقۇق – مەنپەئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان .
1. مەجبۇرىي سۇغۇرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . يولغا قويۇلۇۋاتقان «تۆمۈريول يولۇچىلىرىنى تاساددىپى يارلىنىش سۇغۇرتىسىغا مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇش نىزامى » دا : « بىلەت ئىلىپ پويىزغا چىقىدىغانلىكى يولۇچى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۆمۈريول يولۇچىلىرىنىڭ تاساددىپى يارلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك ، بۇ رەسمىيەتنى تۆمۈريول ئىدارىسى بىجىرىپ بىرىدۇ ، ئايرىم سۇغۇرتا ئىسپاتى بىرىلمەيدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن . بۇ نىزامنىڭ 6 – ماددىسىدا يەنە : « يولۇچىلارنىڭ سۇغۇرتا ھەققى بىلەت باھاسىنىڭ ئىچىدە بولۇپ ، ئاساسىي بىلەت باھاسىنىڭ %2 قوشۇپ ئېلىنىدۇ » دېيىلگەن . بۇ يولۇچىلارنىڭ قولىدىكى بېلەت تۆمۈريول يولۇچىلىرىنىڭ تاساددىپىي يارىلىنىش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېگەن گەپ . بېلىتى بار يولۇچى بېكەتكە كىرىشتە بېلىتى تەكشۈرۈلۈپ ئەن سىلىنغاندىن باشلاپ ، مەنزىلىگە بارغاندىن كېيىن بېكەتتىن چىقىپ كەتكەنگە قەدەر ، سەپەر ئۈستىدە ناۋادا تاساددىپىي ھادىسە تۈپەيلىدىن تالاپەتكە ئۇچراپ قالسا ، سۇغۇرتا تۆلىمى تەلەپ قىلسا بولىدۇ .
2. سېتىۋالغان پويىز بىلىتىنى ئۆزگەرتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە . تۆمۈريول مېنىستىرلىكىنىڭ « تۆمۈريولنىڭ يولۇچى توشۇش قائىدىسى » دا : « يولۇچى بىلەتتە كۆرسىتىلگەن كۈن ۋە قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرالمايدىغان بولۇپ قالسا ، باشقا پويىزنىڭ توشۇش ئىقتىدارى بارلىقىدەك شەرت ئاستىدا ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ياكى كېيىنكى كۈن ۋە قېتىملىق پويىزنىڭ بېلىتىگە ئۆزگەرتكۈزۈش رەسمىيىتىنى ئۆتىسە بولىدۇ » دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن . «ئۆزگەرتكۈزۈشكە بولىدۇ » دېگەن گەپ ئەمەلىيەتتە ئۆزگەرتىپ بىرىش ۋە ئوبىكتىپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۆزگەرتىپ بىرىشكە مۇمكىن بولماسلىقتەك ئىككى خىل ئېھتىماللىق يوشۇرۇنغان . زادى ئۆزگەرتكۈزۈشكە توغرا كەلسە ، ئۆزگەرتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان كۈندىكى قېتىملىق پويىزدا ئولتۇرىدىغان ئورۇننىڭ بار – يوقلىقى قاتارلىق ئالاھىدە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرىقى « قائىدە » دە يەنە : « يولۇچى ئەگەر بېلەتتە كۆرسىتىلگەن كۈن ۋە قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرمايدىغان بولۇپ قالسا ، بېلىتىنى شۇ كۈن ۋە قېتىمدىن ئىلگىرى ئۆزگەرتكۈزۈشى كېرەك . ئەگەر پەۋقۇلئاددە ئەھۋال سەۋەبىدىن مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆزگەرتكۈزۈشكە ئىمكانىيەت بولمىسا ، ئىستانسا باشلىقىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ ، ئاندىن پويىز يولىغا چىقىپ ئىككى سائەت ئىچىدە ئۆزگەرتكۈزسە بولىدۇ . شۇ كۈندىكى باشقا قېتىملىق پويىزنىڭ بېلىتىگە ئۆزگەرتكۈزۈش ، « پويىز يولغا چىقىپ ئىككى سائەت ئىچىدە » دەيدىغان چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن .
3. پويىزغا چىقىش ۋاقتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك . بېلەتتىكى : « شۇ كۈن شۇ قېتىملىق پويىزغىلا كۈچكە ئىگە ، ئۈچ كۈن ئىچىدە بارسا ئىناۋەتلىك » دېگەن سۆزلەرنىڭ مەزمۇنىنى يولۇچىلار توغرا چۈشىنىۋىلىشى كېرەك . بۇ سۆزنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىدە پويىزغا چىقىدىغان ۋاقتى ۋە چىقىدىغان پويىز قېتىمىغا چەك قويۇلۇپ ، شۇ كۈن ، شۇ قېتىملىق پويىزغا چىقىشى كىرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن . كېيىنكى بۆلىكىدە بولسا ئالدىنقى بۆلەكتىكى مەزمۇن ئاساسىدا يولۇچىنىڭ پويىزغا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۈچ كۈن ئىچىدە بېكەتكە يىتىپ بىرىشى بەلگىلەنگەن .
يولۇچى پويىزغا چىققاندىن كېيىن سەپەردە ئاغرىپ قىلىپ ياكى جىددى ئەھۋال تۈپەيلىدىن پويىزدىن چۈشۈپ قالسا ، بېلىتىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆزگەرتكۈزىۋالسا بولىدۇ . پويىزغا توختامدا پۈتۈشۈلگەن ۋاقىتتا ئولتۇرۇش يولۇچىلارنىڭ ھوقۇقى ، شۇنداقلا مەجبۇرىيىتى .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
http://www.kanunblog.com/