abdurehim123 يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 08:47 PM
شىئەن ۋەقەسىنىڭمۇ چەتئەل كۈچلىرى بىلەن چېتىشلىقى بار ...
تىمىدا دىيىلگەندەك ماۋزىدۇڭ باشچىلىقىدىكى قىزىل ئارمىيە جاڭ جىشىغا ئىچكى ئۇرۇشنى تۇختىتىپ بىرلىكتە ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىش تەشەببۇسىنى ئۇتتۇرغا قويدى، پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى ۋە چۈشەندۈرۈشى ئاستىدا جاڭ جېشىنىڭ قول ئاستىدىكى شەرقىي شىمال ئارمىيەسىنىڭ رەھبىرى جاڭ شۆلىياڭ بىلەن غەربىي شىمال ئارمىيەسىنىڭ رەھبىرى ياڭ خوچىڭ بۇ تەشەببۇسنى قۇبۇل قىلىپ قىزىل ئارمىيەگە قارشى ئۇرۇشنى تۇختىتىپ جاڭ جىشىدىن قىزىل ئارمىيە بىلەن بىرلىشىپ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، جاڭ جىشى بۇنى قوللىماستىن ئەكسىچە 1936- يىل دىكابىرنىڭ بىشىدا ئۆزى شىئەنگە كىلىپ قول ئاستىدىكى بۇ ئىككى ئارمىيە باشلىقلىرىنى داۋاملىق قىزىل ئارمىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا زورلىدى. ئەپسۇس جاڭ شۆلىياڭ بىلەن ياڭ خۇچىڭ 1936- يىلى 12- دىكابىر سەھەردە ئەسكەر ئەۋەتىپ جاڭ جىشى تۇرۇۋاتقان لىنتۇڭ ناھىيەسىنىڭ خۇاچىڭجى كۆلى بۇيىنى قورشىۋىلىپ، جاڭ جىشىنى قاماپ قويدى. مانا بۇ _ مەشھور ‹‹شىئەن ۋەقەسى››.
ياپۇن جاھانگىرلىكىنىڭ كۆشكۈرتىشى نەتىجىسىدە ياپۇنپەرەس ۋاڭ جىڭۋىي، خې يىڭچىنلار شىئەنگە تەھدىت سىلىپ، ئىچكى ئۇرۇش قوزغاپ، جاڭ جىشىنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ ئورنىنى تارتىۋالماقچى بولغان. كۇمپارتىيە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ كىڭىيىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، بىرلىشىپ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ‹‹ شىئەن ۋەقەسىنى›› تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى قارار قىلغان.
1937- يىلى 7- ئىيۇل ياپۇن تاجاۋۇزچى قۇشۇنى كىچىدە بىر ئەسكىرىمىز يۇقاپ كەتتى دىگەننى باھانە قىلىپ، بېيپىڭنىڭ غەربىي جەنوبىدىكى ۋەنپىڭ بازىرىغا كىرىپ ئىزدەشنى تەلەپ قىلدى، ئارقىدىنلا ۋەنپىڭ بازىرىنىڭ سىرتىدىكى لۇگۇچىياۋ كۆۋرىكىگە ئۆكتەملىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ۋەنپىڭنى ساقلاۋاتقان 29- جۈن خەلىق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە قارشىلىق كۆرسەتتى . بۇنۇڭ بىلەن ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى مەملىكەت خاراكتىرلىق ئۇرۇش ئەنە شۇنۇڭدىن باشلاندى.
ئەتىسى جۇڭگو كۇمۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتكە ئوموميۈزلۈك تىلىگىرامما يوللاپ ‹‹بىيجىڭ، تىيەنجىن جىددى خەۋپ ئاستىدا قالدى! شىمالىي جۇڭگو جىددىي خەۋپ ئاستىدا قالدى! جۇڭخۇا مىللىتى جىددى خەۋپ ئاستىدا قالدى!›› دەپ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى بىرلىكتە ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىنى جۇڭگودىن قۇغلاپ چىقىرىشقا چاقىرىق قىلدى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىسىمى ئاستىدا ، جىياڭ جىشى 17- ئىيۇل لۇشەندە نائىلاج سۆھبەت بايان قىلىپ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش ئىلان قىلدى.
ئەسلى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ياپۇنغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنىڭ رەسمىي قۇرلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن15- ئىيۇل ‹‹گومىنداڭ - كومۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىق خىتاپنامىسىنى ›› گومىنداڭغا سۇنغان. بىراق جاڭ جىيشى ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا مەجبور بولغاندىن كىيىن ئاندىن 22-23- سىنتەبىردە بۇ كىلىشىم سۆھبىتىنى ئېلان قىلىپ ئىككى پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى جاكالىغان. بۇنۇڭ بىلەن ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ ۋۇجۇدقا كەلدى.
ماۋزىدۇڭ ھەقىقەتەن دانا رەھبەر، ئۇنىڭ مۇنۇ بىر ئېغىز گىپى نىمە دىگەن تۇغرا ھە!، ‹‹ مىلتىقتىن ھاكىميەت چىقىدۇ... جۇڭگودا قۇراللىق كۆرەشتىن ئايرىلىپ قالغاندا، پۇرۇلتارىياتنىڭ ۋە كۇمۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئورنى بولمايدۇ، ھىچقانداق ئىنقىلاۋىي ۋەزىپىنى ئورۇنلىغىلى بولمايدۇ››..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-15 04:22 PM