شاھلالە يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 09:53 PM
ئەركىشى كىرمىسە ئەيىپ ئەمەسمىش تىخى ،تولمۇ يۈزى قىلىن ...
ئاغزىڭىزغا بىقىپراق سۆزلىسىڭىز بولامىكىن ؟ پونى ئىتىڭ دىسە پاتماندا بىرنى ئاتىدىكەنسىز ، ئاكام 10 دىن كىيىن قالسا مەن 4 تىن كىيىن قالسام ئۆيدىكىلەر ئانداق قىلىدۇ مانداق قىلىدۇ دەپ . ئادەمنىڭمۇ بىر ئىغىز گىپىدىنچۇ قانداقلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ . گىپىڭىزدىن قارىغاندا ئائىلە تەربىيىڭىز قاتتىق ئوخشايدۇ . مىنىڭمۇ ھەم شۇنداق ئىدى . شۇنداق تەربىيە بىردىغان ئائىلىدە ، باشقىلارغا گەپ قىلغاندا ئەدەپ بىلەن گەپ قىلىڭ ، ئۆزىڭىزنى يە چاغلاپ ، كىشىنى شە چاغلاپ گەپ قىلىڭ دەپ ئۈگەتمىگەنما ؟ خۇددى مىنىڭ ھامما خاناچامدەك تەربىيە كۆرمىگەنيەي ئاقەي كۆكەي دەپ كىتىپسىز . تەربىيە كۆرگەن ئادمچۇ سىزدەك تونىمايدىغان خەخكە ئەمەس ، ھەتتا ئۆزدىن كىچىكلەرگىمۇ ئالدىراپ شالىسىنى چىچىپ گەپ قىلمايدۇ . يىرىم چىلەك بەك تارقشىيدۇ دەپ ، سىز ھەممىدىن بەك چاچراپ كىتىپسىز . توغرا ئۇ ئايالنىڭ يولدىشىنىڭ قىلىقىغا ئاڭلىغانلىكى ئادەمنىڭ ئاچچىقى كەلمەي قالمايدۇ . يۇقارقى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى بىرمۇ بىر ئوقۇپ بىقىڭ . بەزەنلەر بىر ئىغىزلا ئىنكاس يازغان لىكىن شۇنداق ئورۇنلۇق . سىز تىخى توي قىلمىغان ئوخشايسىز . توي قىلمىغان ئادەم تۇرمۇشنىڭ قانداقلىقىنى بەش پىرسەنتمۇ ھىس قىلىپ يىتەلمەيدۇ . مەنمۇ ئۆيگە كىرمەيدىغان ئەركىشى بىلەن ئەسلا خوشۇم يوق . ئەركىشى ئۆيگە كىرمىسە ئەيىپ ئەمەس دىگىنىم ئەركىشى دىگەن ئىچىپ - چىكىپ قالىدۇ . شۇنداق ۋاقىتتا بەزەن ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ ئالدىغا ئۇ ھالەتتە بىرىشنى خالىمايدۇ . خۇددى ئاتا - ئانىنىڭ ئالدىغا مەست كەلسە بولمايدىغانغا ئوخشاش . ئەرلەرنى تويدىن كىيىن ھەممە ئىشتا قىسىۋالسا ، ئۆيدىن بىزار بولۇش ھالىتى شەكىللىنىپ ، ئۆيگە قايتقۇسى كەلمەس بولۇپ قالىدۇ . ئالقىنىڭىزغا سۇنى ئىلىپ سىناپ بىقىڭ . ئالقىنىڭىزنى بەك ئىچىۋەتسىڭىز سۇ ئىقىپ كىتىدۇ . ئالقىنىڭىزنى چىڭڭىدە يۇمىۋالسىڭىز ، سۇ بارماقلىرىڭىزنىڭ ئارسىدىن قىچىپ چىقىپ كىتىدۇ . ئالقىنىڭىزنى بەكمۇ ئىچىۋەتمەي بەكمۇ چىڭ يۇمىۋالماي بىقىڭە ، سۇ قايسى ھالەتتە تۇردىكىن . ھەممە ئائىلىنىڭ ئائىلە تەربىيسى ئوخشاش بولمايدۇ . ئەگەر شۇ ئەرمۇ سىز ۋە بىزنىڭكىدەك ئائىلە تەربىيسى قاتتىق ئائىلىدە چوڭ بولۇپ باقسۇنچۇ قىنى ، كىيىن شۇنداق بولۇمسىز ئەر بولۇپ چىقامدىكىن ؟
سىزگە يەنە بىر مىسال سۆزلەپ بىرەي سىڭلىم ، قۇلقىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ . بىزنىڭ ئۇدۇلدىكى بىنادا ئولتۇردىغان بىر خوشنىمىز بولىدىغان . ئايالى مەيلى چىراي جەھەتتە بولسۇن ياكى ئۆي تۇتۇش ، بالا تەربىيلەش بولسۇن خىلى مانا مەن دىگەن ئاياللارمۇ ئۇ ئايالنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ . باللىرىمۇ بىر - بىرىدىن شۇنداق چىرايلىق شۇنداق ئەدەپ ئەخلاقلىق . ئەنە شۇ ئايال توي قىلىپ ئىككى يىلدىن كىيىنلا يولدىشى سىرتقا قاراپ قالدى . ئۆيگە كىرسىلا بىر باھانىلەرنى چىقىرىپ ئايالىنى ئۇرۇپ ، ئۆلەمىجانلا قىلىپ قوياتتى . ھەدىسە ئۇ ئايالنى خورلاپ ھەتتا تۇتقان ئاشنىلىرىنى ئۆيگە ئەكىرىپمۇ ياتقان . ئۇ بىچچارە ئايال شۇلارغا تاماق ئىتىپ ، مالايدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان . بىز بۇ ناھەقچىلىككە چىدىماي مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاجرىشىپ كىتىڭ دەپ شۇ ئايالغىلا دوق قىلاتتۇق . لىكىن ئۇ بىچچارە ئايال بىركۈنى مەھەللىدە شۇنداق يۈرەكنى ئەزەگۈدەك يىغلاپ كەتتىكى « باللىرىم بولمىغان بولسا مەيلىتى ، ئۇ نىمىلا بولسۇن باللىرىمنىڭ دادىسى . ئۇلۇغ ئاللا ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ۋە شۇنداق ئادىل . مەن باللىرىم ئۈچۈن قانچىلىك قۇربانلىق بەرسەم مەيلى لىكىن ئۇلارنى ھەرگىز يىتىملىك كوچىسىغا تاشلىمايمەن . ئۇلۇغ ئاللادىن يولدىشىمغا شۇنداق بىر ئىمان ئىنساپ تىلەيمەنكى ، ئۇ قىلغانلىرىغا مىڭ تۆۋبە قىلىپ ئۆزلىكىدىن يىنىمغا قايتىدۇ . مەن شۇ كۈننى كۈتىۋاتىمەن » دەپ ھەممىمىزنى يىغلىتىۋەتتى . راس دىگەندەك ئۇ ئايال يولدىشى ئۇرسىمۇ تىللىسىمۇ خورلىسىمۇ باللىرىم ئۈچۈن دەپ لىۋىنى لىۋىگە چىشلەپ ھەتتا بىر ئىغىز ئاتا - ئانىسىغا تىنماي ، ( باشقىلار ئارقىلىق ئاڭلاپ قالسا ، خەخلەر بىز ياخشى ئۆتسەك كۆرەلمەي شۇنداق دەيدۇ ) » دەپ ، بىر يىل جەينامازدا ئاللاغا يىغلاپ كىچە - كۈندۈز يولدىشىنىڭ ئىنساۋىنى ، بۇ يولدىن يىنىپ ھەق يولىدا مىڭىشىنى تىلەپتىكەن ، بىر يىلدىن كىيىن يولدىشى پۈتتۈن قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن مىڭ توۋا قىلىپ ، پۈتتۈن ئۇرۇق تۇققان ، خۇلۇم خوشنىلار ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ ئايالىدىن كەچۈرشىنى ئۆتۈندى . سەۋىرنىڭ تىگى ئالتۇن دەپ ئۇلارنىڭ بەخىتلىك كۈنلىرى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاندى . ئۇ ئەر ھازىر بەش ۋاخ نامازنى تەرىك ئەتمەي ئوقىيدىغان ئايالىنى بولسا ۋاي دىسە ۋاي دەپ ھەتتا شۇنداق ئەرلەرنى كۆرسە ئۆزى يامان يولدىن ياندۇردىغان بولدى . شۇڭا سىڭلىم يۇقىردا بىر توردىشىمىز دەپ ئۆتكەندەك « تۈتۈننىڭ دەردىنى مورا بىلىدۇ » دەپ ئۆز تۇرمۇشنى ھەر ئادەم ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغىنى تۈزۈك . تۇرمۇش بىر سەھنە ، بىز بولساق شۇ سەھنىدە رول ئالغۇچى خالاس . گەرچە ماڭا قارىتا قىلغان گەپلىرىڭىزگە شۇنداق ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ ، لىكىن سىزنى يەنىلا گۈدەككلىك قىپتۇ دەپ ئويلىدىم . شۇڭا بۇندىن كىيىن ھەر بىر ئىش قىلغاندا ، ھەر بىر ئىغىز ەەپ قىلغاندا ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى ئويلىشىپراق قىلارسىز . گەرچە سىزگە تەربىيە بەرگۈدەك سالاھىتىم بولمىسىمۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خۇما تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-17 03:24 AM