tumurkala يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 09:39 PM
شۇ دەۋىردىكى قىزلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئىسىلى رەھمىتۇللا بەگن ...
غۇلجىدا ‹‹ بوينى كىسىك ›› دەيدىغان بىر يەر بار شەھەر ئىچىدە، شۇ يەر نوزۇگۇم ، مايسىخانلارنىڭ ۋە شۇ دەۋىردىكى بىر قاتار ئىنقىلابچىلارنىڭ كاللىسى ئىلىنغان يەرمىش. ،مەن غۇلجىدا خىزمەت ئشلىگەن ۋاقتىمدا چوڭلاردىن ئۇ يەرنىڭ تارىخىنى شۇنداق دەپ ئاڭلىغان ئدىم. ماڭا شۇ تارىخنى سۆزلەپ بەرگەن چوڭلارنىڭ دىيىشىچە مايسىخان بىلەن نوزۇگۇم ئەسلى بىر كىشىمىش، ئانىسى مايسىخاننى ئەركىلتىپ ‹‹ نازۇگۇم ›› دەرمىشكەن. ‹‹ نوزۇگۇم ›› دىگەن بۇ ئسىم شۇنداق ئاتىلىپ بىزگىچە كەلگەنمىش.