|
تىنىش بەلگىلىرىنى قۇيۇش يوسۇنى
چېكىت( . )
(ئۈچۈنچى بۆلەك)
چېكىت توچكا دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ تۈۋەندىكى ئۇرۇنلارغا قويۇلىدۇ؛
1. بايان جۈملە(مەيلى ئاددى جۈملە ياكى قوشما جۈملە بولسۇن، تولۇق جۈملە ياكى تولۇقسىز جۈملە بولسۇن،ئىگىلىك جۈملە ياكى ئىگىسىز جۈملە بولسۇن،ئاتش جۈملە ياكى بىر سۆزلۈك جۈملە بولسۇن) تۈگىگەندىكى تىنىش ئورنىغا قويۇلىدۇ،ئۇ ئوي پىكىرنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بايان جۈملە راۋان ئىنتوناتسىيە بىلەن ئېيتىلىدۇ، يەنى بېشىدا كۈچلۈك بولۇپ، ئاخىرىدا پەيدىنپەي پەسىيىپ بارىدۇ. مەسلەن:
يامغۇر ياغدى.
قارلىغاچ-قۇش.
سەھەر .جىمجىتلىق.
مەن كەتتىم، سەن كىيىن بارارسەن.
ماقۇل.
زامان باشقا ، ئادەت باشقا.
ۋاقىت ئادىل ئۇ ھىچكىمگە بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ ئارتۇق بەرمەيدۇ.
ئارزۇدا ئەيىپ يوق، ئارزۇدا چەك يوق.
بوۋاينىڭ ئاچچىقى تېز كېلىپ، تېز قايتىدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ زەردىسى قاينىدى.
مىجەزى تۈزنىڭ ئەيىبى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.
2. بۇيرۇق، ئۈندەش جۈملىلەر ئۆز ئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلماي، بايان ئىنتوناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلسا ، بۇلارغىمۇ چېكىت قويۇلىدۇ.
ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا.
پەلسەپە ساتقانغا قورساق تويمايدۇ.
مايماق پۇتقا ياخشى ئاياقنىڭ نېمە كېرىكى.
زەئىپ بولساڭمۇ ،رەزىل بولما.
ئەجەپ ئۇز ئىكەنلا ، ئاي بىكار قالسۇن.
سىنىمىغان ئاتقا يۈك ئاتما.
ماڭا ئىككى كۈنلۈك رۇخسەت بېرىلسە.
3. يۇقىرى ئاھاڭدا ۋە ساناش تەرزىدە ئېيتىلغان سۆز ، سۆز بىرىكمىلىرىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.
سەنئەت كېچىلىكىدە ئېلانچى ماھىنۇر ئېلان قىلدى:
ـــ ناخشا . « ئازاد زامان» . مۇزىكىسى ھۈسەنجاننىڭ. سۆزى تېيىپجان ئېلىيۇفنىڭ.پاشا قىز ئورۇندايدۇ.
ـــ مۇزىكا . « تاشۋاي » .قۇربان ئىبراھىمنىڭ .ناخشا –ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكا ئەترىتى ئورۇندايدۇ.
ـــ ئۇسسۇل. «ئاتۇش سەنىمى» . ھەبىبە ئابدۇللا ئورۇندايدۇ. مۇقام ئانسامبىلى مۇزىكا ئەترىتى تەڭكەش قىلىدۇ.
4. رەت تەرتىپىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن رەقەملەرنىڭ يېنىغا قويۇلىدۇ.
يىغىن تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
1.يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش؛
2.ئېچىش نۇتىقى سۆزلەش؛
3.تەبرىك نۇتقى ؛
4.دوكلات؛
5.يېپىش نۇتقى؛
6. يىغىننىڭ يېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش.
ئېلىپبە تەرتىپى بۇيىچە، رەت تەرتىپىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ھەرپلەر يېنىغىمۇ چېكىت قويۇلىدۇ.
a. A. ئا .
b. B. ئە .
c. C. ب .
d. D. س .
5. ھەرپ بىلەن قىسقارتىلغان كىشى ئىسىم –ئاتلىرى يېنىغا قويۇلىدۇ:
ل . مۇتەللىپ ( لۇتپۇللا مۇتەللپ ) - ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى.
ئا . س . پوشكىن - مەشھۇر رۇس شائىرى.
ك . ماركس(كارل ماركس) .
6.بىرەر ماۋزۇچاق ئاستىدا ئايرىم بايان قىلىنىدىغان كىچىك « ماۋزۇچاق» لارغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
تىركەلمە.
بۇرژۇئازىيە.
ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا .
7.چېكىت ئىش –ھەرىكەتنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرگەچكە، تۈگىگەنلىك مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئەمدى چېكىت قويۇلدى.
بۇ ئىشقا ئەمدى چېكىت قويۇلسا بولاتتى .
دىققەت:
1. ماۋزۇلارغا چېكىت قويۇلمايدۇ.
2. خەنزۇچىدا « ئايرىش بەلگىسى » دەپ ئاتىلىدىغان بىر بەلگە بار. بىز بۇ بەلگىنى چېكىت قاتارىدا كۆرۈۋاتىمىز. خەنزۇچىدا بۇ بەلگە ئاي بىلەن كۈننى قىسقارتىپ يېزىشتا (7.1 )، ماۋزۇلاردا سۆزلەرنى ئايرىم –ئايرىم ئوقۇشنى لازىم تاپقاندا قويۇلىدۇ.يەنە بەزى مىلللەتلەرنىڭ كىشى نامىدا ئۆز ئېتى بىلەن فامىلىسىنى ئايرىشتا قويۇلىدۇ. بىزدە شۇنىڭغا ئوخشىتىپ ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا چېكىت قويۇلىۋاتىدۇ، بۇ توغرا ئەمەس.بىزنىڭ يېزىقىمىزدا سۆزلەر ئايرىپ يېزىلغاچقا ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ ئايرىغۇچ بەلگىنى بىزچە ئېيىتقاندا، چېكىتنى قويماسلىق لازىم. مەسلەن:
كارل ماركس
ئىسمائىل ئەھمەت
ياشىر ئەراپات
لىكىن كىتاپ نامى قىسىم، پەسىل نامى، بابلار ئارىسىغا ، شېئىر پەيزىسى بىلەن شېئىر ماۋزۇسى ئارىسىغا چېكىت قويۇلۇۋاتىدۇ. بۇ پاكىت ئېتراپ قىلىنسا.
سىماچىيەن: « تارىخىي خاتىرىلەر . پەرغانە تەزكىرىسى »
«چىنيۈەنچۈن . قار »
3. رىم رەقەملىرى رەت تەرتىپىنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلسا ، ھىچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. بىزدە ھازىر ئاساسەن پەسىل، بابلار، خاندانىلىق سەلتەنەتلىرى ۋە ئەسىرلەرنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلىۋاتىدۇ، بۇنداق يەردىمۇ ھىچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. پەقەت يازما ئورىگىنالىدا ئاستى –ئۈستىدىن توغرا سىزىق تارتىپ قويۇلىدۇ.
رىم رەقەملىرىدىن 1 دىن 10 غىچە ۋە 20، 30 لار تۈۋەندىكىچە:
Ⅰ( 1 ), Ⅱ( 2 ), Ⅲ( 3 ),Ⅳ(4 ), Ⅴ( 5 ),Ⅵ( 6 ), Ⅶ( 7 ),Ⅷ( 8 ),Ⅸ( 9 ),Ⅹ( 10 ),ⅩⅩ( 20 ),ⅩⅩⅩ( 30 ),
دۇنيا « ⅩⅩⅠ ئەسىرگە نەزەر مۇنبىرى » يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىلزابىت Ⅱ
چىن Ⅱ
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى مائارىپ قانۇنى» جەمئى 10 باب 84 ماددا بولۇپ، Ⅸ بابىدا« قانۇنى جاۋابكارلىق» بەلگىلەنگەن.
|
|