idayat920 يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 12:41 AM
يوتكەپ قالساڭلا كورلىدىكى ئىشلەمچى بازىرىدىن ئادەم ...
مەدىكار بازىرىدىكى ئادەمنى ھاقارەتلىماڭ،سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ ئاچچىقىم كېپ قالدى.
سىز چىۋۇم مازىرىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىسىز،ئۇمۇ ئىنتايىن كونا قەبرىستانلىق ئىدى،لېكىن،شەھەر يولىغا تاقىشىپ قالدى،خۇالىڭ بېكەتتىكى قەبرىستانلىقنى سېتىۋىتىسقا بۇرۇنقى شەھەر باشلىقىنى تىللىيالمايسىز.
ئۇ چىۋۇم مازىرىنى يۆتكەشكە كورلىدىكى نۇرغۇن دىننىي ئۆلىمالار بۇ ئىشقا قارشى چىقالمىدى.ماقۇللۇق بىلدۈردى،كورلىنىڭ يەرلىك پۇقرالىرىنىڭ كۆپى شۇنداق قورقانچاق تۇرسا،مەدىكار بازىرىدىن ئاشۇنداق ئۆلۈمدىن قوقمايدىغان،قەبرە يۆتكەشتە ئىشلەپ باققان ئادەمنى سالماي قانداق قىلىدۇ.
ئۇلارمۇ قىيىىنچىلىق دەستىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىن كورلىغا كېلىدۇ پۇل تاپقىلى،پۇل ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدۇ دېمەڭ،ھۆكۈمەتتىن بۇيرۇق شۇنداق چۈشكەنكىن ئامال يوق،بوۋامدىن ئاڭلىشىمچە،60-يىللاردىن باشلاپ يۆتكەپ،يوق بۇلۇپ كەتكەن مازارلار نەچچە ئونغا بارىدىكەن.شەھەر كېڭەيتىشتە قەبرە يۆتكەش بۇلىنۋاتقان ئىش،بۇنىڭغا ھېچكىم قارشى چىقالمىدى.
شۇ قەبرىنى يۆتكەپ قىلغان ئادەملىرىمىزنى خالىغانچە ئەيىپلىمەيلى.