مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: warisim

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 07:27:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملا خاتالىقى پەيدا قىلغۇچىلار ئاساسەن ، ئېلانچىلار .. تولىسى يات مىللەت ئىكەن ئېلانچىلارنىڭ ، قول ئاستىدا بىرەر ئۇيغۇر يوق . بار دىگەندىمۇ ساۋادى ئەرزان نەرقىلىق باللارنىڭ ئىشىلتىدىكەن.

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71830
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3335
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 08:27:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىياۋچۈ دېگەننى ئۆزىمىزنىڭ زاغرا تىلىدىكى مەھەللە دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىسە نېمە بولىدىغاندۇ دەيمەن...ئېسىت تىل-يزىق كومتېتىىدىكى «پروفېسسور» لارغا....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71830
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3335
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 08:28:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېلىقى ناخشىنى ئەمدى « يار شىياۋچۈدە بولمىساڭ ، تاڭ ئاتقۇچە كەتمەيمەن» دەپ ئوقۇيمىز ھە.....

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3484
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3948
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10832 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 09:37:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىل مىللەتنىڭ كەلگۈسى جېنى،ئانا تىل بىلەن مىللەت راۋاج تاپىدۇ .
قوش تىل مۇئارىپى يولغا قۇيۇلغاننىڭ بۇيانى ئانا تىلىمىزغا بولغان خىرىس ئاز ئەمەس.قىسمەن باللىرىمىز مەكتەپتە كۆنۈپ قاپتۇق دەپلا ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى خالىماس بۇپ قالدى.
تىل ئۆگۈنۈش شەرەپلىك ئىش،ئەمما ئۆز ئانا تىلنى ياخشى ئۆگەنمەي تۇرۇپ باشقا تىلدا سۆزلىشىش بىر ئۇيغۇرغا نىسپەتەن نۇمۇس ئىش.
بۈگۈن مۇنبەرنى ئېچىپلا بۇ ئىسىل تىيمىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم.ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 10:00:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قائىدىنى يوللىغىنىڭىزدىن بەك خۇش بولدۇم. ئىككى ئاي بۇرۇن بۇ تېمىنى يازغۇچىلار مۇنبىرى ۋە تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە شۇنداقلا تور خاتىرەمگە يوللىغان ئىدىم. بىلىشكەن بولساق، جىق ۋاقتىمىزنى تىجەپ قالاتتۇقكەن.
http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=57&TopicID=6703
بۇ يەرگە پەقەت ئىملا قائىدىسىنىلا يوللاپسىز. مەن تەلەپپۇز قائىدىسىنىمۇ يوللاپ قوياي.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى

1. تەلەپپۇز قائىدىسى ھەققىدە

  تەلەپپۇز قائىدىسى توغرا سۆزلەش قائىدىسى دېگەنلىكتۇر. ئېنىقراق

قىلىپ ئېيتقاندا،تەلەپپۇز قائىدىسى مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ۋە ئالاقە قىلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشىنى تەمىن ئېتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ نوتۇقتا ئورتاق ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر سېستىمىسىدۇر.

   تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن  تەلەپپۇز قائىدىسى تىل ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشتىكى موھىم قائىدە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش  دېگەنلىك،ئەمەلىيەتتە  ئىملا بىلەن تەلەپپۇزنى  قېلىپلاشتۇرۇش دېگەنلىك. ئىملانىلا قېلىپلاشتۇرۇپ، تەلەپپۇز تاشلاپ قۇيۇلسا، ئەدەبىي تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىگە  يەتكىلى بولمايدۇ.   

   ئىملا قائىدىسى مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلنىڭ يېزىق شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلسە،تەلەپپۇز قائىدىسى ئەدەبىي تىلنىڭ ئېغىز شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ.تىلدا ئالاقىلىشىش شارائىتىنىڭ ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تىلنى بۇ ئىككى جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى بەلگىلىگەن.

   2.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ مەركىزىي دىيالېكتى ۋە ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى ھەققىدە

     مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىدە شۇ تىلغا تەۋە بولغان دىيالېكىتلاردىن بىرسى ئاساس بولىدۇ.قايسى دىيالېكتنىڭ ئاساس بولىدىغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ سوبىكتىپ خاھىشى ئەمەس، بەلكى شۇ دىيالېكتنىڭ شۇ تىل قوللىنىلىۋاتقان جەمىيەتتە تۇتقان ئورنى بەلگىلەيدۇ.ئەگەر مەلۇم بىر دىيالېكت رايۇنى شۇ جەمىيەتنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،مەدەنىيەت مەركىزى بولسا ۋە شۇ دىيالېكتتا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ نوپۇسىمۇ كۆپ بولسا،بۇ دىيالېكت شۇ جەمىيەتتە ئەڭ موھىم ھېسابلىنىپ،ئەڭ تەسىرچانلىققا،ۋەكىللىك خاراكتىرغا ئىگە بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەدەبىي تىلنىڭ ئاساسىي دىيالېكتى بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.

     ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئاساسىي دىيالېكتى دېگەندە ئۈرۈمچى،ئاقسۇ،قەشقەر ۋە مۇشۇ رايۇنلارغا قاراشلىق ناھىيەلەردە ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.بىز بۇ رايۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەركىزىي رايۇنلار ئىكەنلىكىگە قاراپ،بۇ دىيالېكتنى مەركىزىي دىيالېكت دەپ ئاتىدۇق.

     مەركىزىي دىيالېكت رايۇنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يۇقىرىدىكى رايۇنلار تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،مەدەنىيەت جەھەتتە مەركەز بولۇپ كەلگەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رايۇنلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار پۈتۈن ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.كۆلەم جەھەتتە، بۇ دىيالېكت رايۇنى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بويىچە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.مۇشۇ شەرتلەر ئاساسىدا مەركىزىي دىيالېكت ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا ئىنتايىن موھىم رول ئوينىدى ۋە ئوينىماقتا.

بىر ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان دىيالېكتتا ئالاقە قىلىشىدىغانلارنىڭ تەلەپپۇزى ئومۇمەن ئالغاندا شۇ تىلنىڭ ئەدەبىي تەلەپپۇزىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ ۋە شۇ تىلنىڭ ئەدەبىي تەلەپپۇزىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولالايدۇ.

گەرچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ مەركىزىي دىيالېكتىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ تەلەپپۇزى مۇشۇنداق موھىم رولغا ئىگە بولسىمۇ،لېكىن مەركىزىي دىيالېكت  ئىچىگە كىرىدىغان ھەر قايسى شىۋىلەر ئارا بەزى فونېتىكىلىق پەرقلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلپپۇزىنى بېكىتىشتە مەركىزىي دىيالېكت تەۋەسىدىن شۇ دىيالېكت رايۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىراپ قىلىدىغان نىسبەتەن ئۆلچەملىك بولغان تەلەپپۇر رايۇنىنى تاللاپ چىقىش لازىم بولىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە 20_ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان تىل تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان دىيالېكتنىڭ مەركىزىي دىيالېكت ئىكەنلىكى ۋە نىسبەتەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇز رايۇنىنىڭ ئۈرۈمچى ئىكەنلىكى بېكىتىلدى.

بۇ نوقتىنى ئۈرۈمچى رايۇنىنىڭ زامانىمىزدا ئالدى بىلەن سىياسىي مەركەز ،شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغانلىقى ،ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇ رايۇنغا توپلىنىشى ۋە ھەر قايسى دىيالېكتلار ۋە شىۋىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى يىغىنچاقلىغان ھالدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي ئېغىز تىلىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئۆلچەملىك تەلەپپۇزىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى،بۇنىڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تەرپىدىن ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ئېتىبارەن، بۇ رايۇندا مەدەنىيەت- مائارىپ ئىشلىرىنىڭ كۈنسىرى گۈللىنىشى،كىنو-تىياتىر،رادىيو_تېلېۋىزىيە،ئاخبارات ۋە نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى،ھەر دەرىجىلىك بىلىم يۇرتلىرىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ئاكتىپ ئامىللار ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەدەبىي تەلەپپۇزىغا ئاساس بولالايدىغان،مەركىزىي دىيالېكت ئىچىدىكى باشقا شېۋىلەر تەلەپپۇزىغا نىسبەتەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

بىر مىللەت تىلىدىكى دىيالېكت ۋە شېۋە ئالاھىدىلىكلىرى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ.ئۇلار ئۆز تەرەققىياتى جەريانىدا بىر تەرەپتىن ئەدەبىي تىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىپ بارىدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن پايدىلىك تەركىبلىرى بىلەن شۇ ئەدەبىي تىلنى بېيىتىپ بارىدۇ ۋە ئاخىرى شۇ ئەدەبىي تىلى بىلەن بولغان پەرقلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ.مۇنداق تەرەققىيات جەريانى ھەرقايسى مىللەت تىللىرىدا ۋە ئۇلارنىڭ دىيالېكت،شېۋىلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە داۋاملىشىدۇ.بۇ نوقتىدا ئاساسىي ھەل قىلغۇچ ئامىل مەدەنىيەت،مائارىپ،پەن_تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەدەبىي تىل بىلەن دىيالېكت ۋە شېۋىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنداق بولغاچقا،بىز ئەمەلىي تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرگەن،نىسبەتەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇزغا ۋەكىللىك قىلىدىغان شېۋىدىمۇ مەلۇم مەزگىل ياكى ئۇنداق،ياكى مۇنداق شېۋە ئالاھىدىلىكلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.شۇڭا ئەدەبىي ئېغىز تىلى نورمىلىرىنى بېكىتىش بىر تىلدىكى فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تەلەپپۇز جەھەتتىن بىر قېلىپقا سېلىشنى،جۈملىدىن نىسبەتەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇز رايۇنىدىكى شېۋىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە شاللېۋىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.مانا بۇ ئەدەبىي تەلەپپۇزنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسىدۇر.

2.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈش پىرىنسىپلىرى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا،سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىغىمۇ ئوخشاشلا ئېتىبار بېرىش ئىنتايىن موھىم.ئادەتتە ئىملا قائىدىسى كىشىلەرنى خاتا يېزىشتىن چەكلىسە،تەلەپپۇز قائىدىسى سۆزلەرنى توغرا،ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.تەلەپپۇز قائىدىسى ئىمكانقەدەر ئىملا قائىدىسىگە بېقىنىشى،يەنى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ئىمكانقەدەر ئىملاسى بىلەن ئوخشاش بولۇشى شەرت.جانلىق تىل ئۆزگىرىشچان بولغانلىقتىن تىزگىنلەنمىسە،ئىملا بىلەن تەلەپپۇز ئوتتۇرسىدىكى پەرق بارا-بارا چوڭىيىپ بېرىپ،جانلىق تىل بىلەن يېزىق تىلىنىڭ ئۆزئارا ماسلاشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ- دە،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا،ئىجتىمائىي ئالاقىگە مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ بېرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلمىي بولغان تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىنتايىن موھىم.تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈشتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلەش لازىم.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈشتىكى پىرىنسىپلار تۆۋەندىكىچە:

1)ئىمكانقەدەر سۆز تەركىبىدىكى ھەر بىر ھەر بىر تاۋۇشنى ئېلىپبەدە بېكىتىلگەن تاۋۇش نورمىسى بويىچە تەلەپپۇز قىلىش،سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىنىڭ شۇ سۆزنىڭ ئىملاسى بىلەن بىردەك بولۇشىنى تەكىتلەش؛جۈملە تەركىبىدىكى سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىشتا،نوقۇل ھالدا نۇتۇقنىڭ راۋانلىقىنى قوغلىشىپ كەتمەسلىك؛جۈملە تەركىبىدىكى مەلۇم سۆزنىڭ تەلپپۇزىدا ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرنىڭ تەسىرىدىن يۈز بېرىدىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادە قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋاللاردا ئىملانى ئاساس قىلىش.

ھەر قانداق يېزىق تىل جانلىق تىل ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ.لېكىن ئۇ شەكىللەنگەندىن كېيىن يېزىقنىڭ چەكلەش رولى ۋە ئىملا قائىدىسى ئارقىلىق جانلىق تىلغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنى توغرا يېتەكلەيدۇ.ھەمدە تەلپپۇزنىڭ بىر قېلىپقا چۈشۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.بۇ نوقتىدىن ئالغاندا،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز نورمىلىرىنىڭ ئىملا نورمىلىرى بىلەن بىر خىلدا بولۇشنى تەكىتلەش تولىمۇ موھىم.

2)فىزىيولوگىيەلىك شارائىت يار بەرمىگەن ئايرىم ئەھۋاللاردا سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى قوغلاشماي،تەلەپپۇزغا مەلۇم جەھەتتىن يول قويۇش.

جانلىق تىلمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.بەزى سۆزلەر كونكىرىت ئالاقە شارائىتىدا يېزىقتا ئىپادىلەنگىنى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنسا،نۇتۇقنىڭ راۋانلىقى ۋە يېقىملىقلىقىغا تەسىر يىتىدۇ.شۇڭا تەلەپپۇز قائىدىسىنى بېكىتىشتە،ھەممىلا ئورۇندا سۆزلەرنىڭ ئىملاسى بىلەن تەلەپپۇزنىڭ بىردەك بولۇشىنى ئاشۇرۇش كېرەك دېگەن تەلەپنى قويغىلى بولمايدۇ.
4.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى

سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ئاساسەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.ئەمما ئايرىم ئەھۋاللاردا يۇقىرىدىكى ئىككىنچى پىرىنسىپ بويىچە ھەل قىلىنىدۇ.بۇ قېتىم تەلەپپۇز قائىدىسىنى بېكىتىشتە،سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئىملاسىنىڭ بىردەك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلدى.بۇنىڭدا دېققەت قىلىدىغان نوقتىلار تۆۋەندىكىچە:

1)بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن "ر،ل،ھ " تاۋۇشلىرى نۇتۇقتا ھەر قانداق ئەھۋالدا چۈشۈرۈلمەيدۇ.ئەمما سىلىقراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                                       تەلەپپۇزى

ئانار                                                        ئانار(ئانا: ئەمەس)

دۇتار                                                       دۇتار(دۇتا: ئەمەس)

بارغان                                                     بارغان ( با:غان ئەمەس)

كۆرگەن                                                   كۆرگەن (كۆ:گەن ئەمەس)

ئالغان                                                   ئالغان ( ئا:غان ئەمەس)

بولغان                                                  بولغان (بو: غان ئەمەس)

چالماق                                                  چالماق (چا:ماق ئەمەس)

سالماق                                                  سالماق (سا:ماق ئەمەس)

پادىشاھ                                      پادىشاھ (پادىشا ئەمەس)

ئارامگاھ                                     ئارامگاھ (ئارامگا ئەمەس)

ھېيتگاھ                                      ھېيتگاھ (ھېيتگا ئەمەس)

2)پېئىللارنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى شەخس قوشۇمچىلىرىنىڭ ئايىغىدىكى "ن" تاۋۇشى چۈشۈرۈلمەي ،ئۆز پېتى تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                                  تەلەپپۇزى

بارىمەن                                         بارىمەن(بارىمە ئەمەس)

كېلىمەن                                        كېلىمەن (كېلىمە ئەمەس)

بارىسەن                                       بارىسەن (بارىسە ئەمەس)

كېلىسەن                                         كېلىسەن (كېلىسە  ئەمەس)

3)  (1) رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان "س" ياكى "ش" جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلىرى ئۆزىدىن باشقا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ،ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەردە،قاتارلىشىپ كەلگەن ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىغان "ئى"سوزۇق تاۋۇشى قوشۇلۇپ جاراڭسىز ۋە قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                               تەلەپپۇزى

ئىستىل                                             ئىستىل

ئىستاكان                                         ئىستاكان

ئىشتات                                            ئىشتات

ئىشكاپ                                          ئىشكاپ

(2) رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان "س" ياكى "ش" جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلىرىدىن باشقا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەردە، قاتارلىشىپ كەلگەن ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا"ئى"سوزۇق تاۋۇشى قوشۇلۇپ جاراڭسىز ۋە قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                          تەلەپپۇزى

پىتومائىن                                       پىتومائىن

پىتېروكارىيە                                    پىتېروكارىيە

فىتور                                               فىتور

(3) رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان ئالدىنقىسى جاراڭسىز كېيىنكىسى جاراڭلىق ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش قاتارلىشىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەردە، بۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا "ئى"سوزۇق تاۋۇشى قوشۇلۇپ،جاراڭلىق ۋە قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                                     تەلەپپۇزى

سىمولا                                                   سىمولا

سىلانېتىس                                             سىلانېتىس

شىلانكا                                                 شىلانكا

پىرىنسىپ                                             پىرىنسىپ

تىراكتۇر                                                تىراكتۇر

خىروم                                                     خىروم

كىلاسسىك                                          كىلاسسىك

(4) رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان ئىككى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش قاتارلىشىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەردە،بۇ ئىككى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا "ئى"سوزۇق تاۋۇشى قوشۇلۇپ،جاراڭلىق ۋە قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                           تەلەپپۇزى

بىراخما                                         بىراخما

بىرىتۋا                                        بىرىتۋا

بىرىليانت                                  بىرىليانت

بىروم                                         بىروم

بىرونېۋىك                                 بىرونېۋىك

دىراپ                                      دىراپ

دىراما                                     دىراما

(5)بەزى سۆزلەردە بوغۇم ئاخىرىدىكى بەزى ئۈزۈك تاۋۇشلار تارىخىي فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن چۈشۈپ قېلىپ،ئەسلى يېپىق بوغۇم ئوچۇق بوغۇمغا ئايلانغان بولسا،چۈشۈپ قالغان ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىدىكى سوزۇق تاۋۇش سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                                 تەلەپپۇزى

ئەتە (ئەسلى ئەرتە)                               ئە:تە

باغاق(ئەسلى بارغاق)                             با:غاق

چۇقان (ئەسلى چۇۋقان)                         چۇ:قان

ئەسكەرتىش:

(6) "ر" تاۋۇشىنىڭ ئالدىدا كەلگەن "ئا،ئە،ئو،ئۆ،ئې"تاۋۇشلىرى ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                                  تەلەپپۇزى

ئارا                                                        ئا:را

ھەرە                                                         ھە:رە

ئورۇق                                                      ئو:رۇق

ئۆرە                                                          ئۆ:رە

يورۇق                                                       يو:رۇق

بېرىپ                                                      بې:رىپ

يېرىپ                                                      يې:رىپ

(7) "ر،ل"تاۋۇشلىرىنىڭ ئالدىدا كەلگەن "ئۇ،ئۈ،ئى"تاۋۇشلىرى قىسقىراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.مەسىلەن:

ئىملاسى                                             تەلەپپۇزى

تۇرۇپ                                                  تۇرۇپ

تۇلۇم                                                   تۇلۇم

كۈلۈپ                                                   كۈلۈپ

كۈرۈك                                                   كۈرۈك

بىلىم                                                      بىلىم

بىلىپ                                                    بىلىپ

چىرىك                                                 چىرىك

قىرىپ                                                   قىرىپ

بىراق                                                    بىراق

بىلەن                                                بىلەن

تىلىم                                                 تىلىم

چىلىم                                                چىلىم

جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدا "ئۇ،ئۈ،ئى"سوزۇق تاۋۇشلىرى كەلسە،بۇلار تەلەپپۇزدا جاراڭسىزلىشىدۇ: مەسىلەن:

ئىملاسى                                               تەلەپپۇزى

ئۇت                                                        ئۇت

ئۇچ                                                        ئۇچ

كۈت                                                       كۈت

كۈچ                                                       كۈچ

ئىت                                                       ئىت

پىت                                                        پىت

(8)ئەرەب،پارس تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم سۆزلەردىكى"ئا،ئە"تاۋۇشلىرى ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                         تەلەپپۇزى

ئادەم                                          ئا:دەم

نالە                                             نا:لە

ئىئانە                                          ئىئا:نە

ماھىر                                           ما:ھىر

زالىم                                             زا:لىم

نامەرت                                        نا:مەرت

سايە                                            سا:يە

(9)بىر قىسىم "ر،ل"بىلەن ئاياغلاشقان بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى " ئا" ۋە "ئە" تاۋۇشلىرى ئەسلىدە ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.مۇنداق سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىمۇ،بۇ "ئا" ۋە "ئە"تاۋۇشلىرى ئۆز ئۇرغۇسىنى يوقاتمىغانلىقتىن،"ئې"غا نۆۋەتلەشمەي، تەلەپپۇزدا ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                           تەلەپپۇزى

سان_سانى                                        سا:نى

پال_ پالى                                       پا:لى

زال_ زالى                                        زا:لى

شال_ شالى                                       شا:لى

ھال _ ھالى                                      ھا:لى

يال_ يالى                                       يا:لى

قار_ قارى                                         قا:رى

تار_ تارى                                          تا:رى

يار_ يارى                                       يا:رى

تەر_ تەرى                                      تە:رى

كار _ كارى                                     كا:رى

پار _ پارى                                      پا:رى

شار _ شارى                                     شا:رى

دار _ دارى                                     دا:رى

گار_ گارى                                      گا:رى

(10) "ت،ن،پ،ز،ش" قاتارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە تىل ئورنى ياكى تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى مۇشۇ تاۋۇشلارغا ئوخشاش بولغان تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،نوتۇقتا ئومۇمەن ئاسسىملياتسىيە ھادىسىسىگە يول قويۇلماي،سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش ئۆز پېتى تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                                   تەلەپپۇزى

ئاتسا                                              ئاتسا(ئاسسا ئەمەس)

ساتسا                                              ساتسا( ساسسا ئەمەس)

كەتسە                                             كەتسە (كەسسە ئەمەس)

ئونبىر                                              ئونبىر (ئومبىر ئەمەس)

شەنبە                                              شەنبە (شەمبە ئەمەس)

تۇرپانغا                                          تۇرپانغا(تۇرپاڭغا ئەمەس)

يامانغا                                           يامانغا(ياماڭغا ئەمەس)

ئوقۇپباق                                         ئوقۇپباق(ئوقۇپپاق ئەمەس)

يېزىپبەر                                          يېزىپبەر(يېزىپپەر ئەمەس)

مەنمۇ                                             مەنمۇ(مەممۇ ئەمەس)

يامانلىق                                         يامانلىق( ياماللىق ئەمەس)

يۈزسىز                                             يۈزسىز(يۈسسىز ئەمەس)

تۇزسىز                                              تۇزسىز(تۇسسىز ئەمەس)

پىشسۇن                                          پىشسۇن(پىسسۇن ئەمەس)

(11) بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن "ب،د" ئۈزۈك تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا،جاراڭسىز پارتىلىغۇچى "ت،پ"تاۋۇشلىرىغا يېقىنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                        تەلەپپۇزى

ئەۋلاد                                       ئەۋلاد(ئەۋلات ئەمەس)

تەنقىد                                      تەنقىد (تەنقىت ئەمەس)

ئىقتىساد                                   ئىقتىساد(ئىقتىسات ئەمەس)

ئازاب                                      ئازاب(ئازاپ ئەمەس)

ئەدىب                                   ئەدىب(ئەدىپ ئەمەس)

كىتاب                                     كىتاب(كىتاپ ئەمەس)

(12) بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن "ق،چ"تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا ئۆز پېتى تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                                تەلەپپۇزى

ئاقساقال                                        ئاقساقال(ئاخساقال ئەمەس)

ساقچى                                          ساقچى (ساخچى ئەمەس)

ئۇقتۇرۇش                                       ئۇقتۇرۇش (ئۇختۇرۇش ئەمەس)

تۇراقسىز                                         تۇراقسىز(تۇراخسىز ئەمەس)

ئاچقان                                         ئاچقان(ئاشقان ئەمەس)

قاچقۇن                                         قاچقۇن(قاشقۇن ئەمەس)

ئۇچقان                                         ئۇچقان(ئۇشقان ئەمەس)

ئاچقۇچ                                        ئاچقۇچ (ئاشقۇچ ئەمەس)

(13)بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن "ج "تاۋۇشى نۇتۇقتا "ژ "تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي،ئۆز پېتى يېنىكرەك تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                                     تەلەپپۇزى

باج                                                       باج (باژ ئەمەس)

كاج                                                كاج (كاژ ئەمەس)

ئۈجمە                                            ئۈجمە(ئۈژمە ئەمەس)

ئىجتىمائىي                                     ئىجتىمائىي(ئىژتىمائىي ئەمەس)

(14)ئىككىنچى تەركىبىدىكى "ب" بىلەن باشلانغان بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىككىنچى تەركىبىنىڭ بوغۇم بېشىدىكى "ب " تاۋۇشى تەلەپپۇزدا "ۋ"غا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي،ئىملاسى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.مەسىلەن:

ئىملاسى                                              تەلەپپۇزى

بەلباغ                                           بەلباغ(بەلۋاغ ئەمەس)

گۈلباغ                                           گۈلباغ(گۈلۋاغ ئەمەس)

قاپاقباش                                       قاپاقباش (قاپاقۋاش ئەمەس)

كاتتىباش                                      كاتتىباش(كاتتىۋاش ئەمەس)

ئونبېشى                                         ئونبېشى(ئونۋېشى ئەمەس)

يۈزبېشى                                          يۈزبېشى(يۈزۋېشى ئەمەس)

يۈزبېگى                                           يۈزبېگى(يۈزۋېگى ئەمەس)

مىڭبېگى                                          مىڭبېگى(مىڭۋېگى ئەمەس)

ئەمەتباقى                                      ئەمەتباقى(ئەمەتۋاقى ئەمەس)

(15)بىرىنچى تەركىبىنىڭ ئاخىرىدا "ئا" ۋە "ئە"تاۋۇشلىرى كېلىدىغان بىرىككەن سۆزلەر،يەر_جاي ناملىرى ۋە جۈپ سۆزلەرنىڭ ئىملاسىدا،ئەگەر بىرىنچى تەركىبتىكى "ئا" ۋە"ئە"تاۋۇشلىرى"ئى"نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي ئۆز پېتى يېزىلغان بولسا،بۇ يەردىكى "ئا"ۋە"ئە" تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا سەل قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                               تەلەپپۇزى

قاراماي                                          قاراماي(قارىماي ئەمەس)

ئاراساي                                          ئاراساي(ئارىساي ئەمەس)

ئارائۆستەڭ                                    ئارائۆستەڭ(ئارىئۆستەڭ ئەمەس)

جاغداساي                                     جاغداساي(جاغدىساي ئەمەس)

جىگدەمازار                                    جىگدەمازار(جىگدىمازار ئەمەس)

دۈشەنبەبازار                                 دۈشەنبەبازار(دۈشەنبىبازار ئەمەس)

ئاتا-ئانا                                      ئاتا-ئانا(ئاتى-ئانا ئەمەس)

ئانا-بالا                                        ئانا-بالا(ئانى-بالا ئەمەس)

خالتا-خالتا                                    خالتا-خالتا(خالتى-خالتا ئەمەس)

ئارقا-ئارقىدىن                  ئارقا-ئارقىدىن(ئارقى-ئارقىدىن ئەمەس)

ئەتە-ئۆگۈن                       ئەتە-ئۆگۈن(ئەتى-ئۆگۈن ئەمەس)

كەلسە-كەلمەس             كەلسە-كەلمەس(كەلسى-كەلمەس ئەمەس)

ئەگەر بىرىنچى تەركىبنىڭ ئاخىرىدىكى"ئا" ۋە "ئە" تاۋۇشلىرى ئىملادا "ئى"غا نۆۋەتلەشتۈرلۈپ بېكىتىلگەن بولسا،ئوخشاشلا بۇ يەردىكى "ئى"تاۋۇشى سەل قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                                 تەلەپپۇزى

قاغىتۇمشۇق                                         قاغىتۇمشۇق

قارىمۇچ                                               قارىمۇچ

بالىياتقۇ                                              بالىياتقۇ

تۆگىتاپان                                            تۆگىتاپان

(16)كىشى ئىسىملىرى ئىملاسى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                                 تەلەپپۇزى

يۈسۈپ ئاكا                                    يۈسۈپ ئاكا(يۈسۈۋاكا)

تالىپ ئاخۇن                                 تالىپ ئاخۇن(تالىۋاخۇن ئەمەس)

زەينەپ ئاچا                                   زەينەپ ئاچا(زەينىۋاچا ئەمەس)

ئەركىنئاي                                        ئەركىنئاي(ئەركىناي ئەمەس)

گۈزەلئاي                                         گۈزەلئاي(گۈزەلاي ئەمەس)

(17) "ئىدى،ئىكەن،ئىمىش"ياردەمچى پېئىللىرى تۇرغۇن سۆزلەردىن كېيىن كەلگەندە،ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇلماي تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئۇچۇق بوغۇملۇق سۆزلەردىن كېيىن

ئىملاسى                                                   تەلەپپۇزى

ئالما ئىدى           ئالما ئىدى(ئالمىدى،ئالمىكەن،ئالمىمىش ئەمەس)

ئالتە ئىدى            ئالتە ئىدى(ئالتىدى،ئالتىكەن،ئالتىمىش ئەمەس)

توختى ئىدى        توختى ئىدى(توختىدى،توختىكەن،توختىمىش ئەمەس)

يېپىق بوغۇملۇق سۆزلەردىن كېيىن

ئىملاسى                                        تەلەپپۇزى

تاش ئىدى           تاش ئىدى(تاشىدى،تاشىكەن،تاشىمىش ئەمەس)

چايدان ئىدى      چايدان ئىدى  (چايدانىدى،چايدانىكەن،چايدانىمىش ئەمەس)

تۇمار ئىدى       تۇمار ئىدى(تۇمارىدى،تۇمارىكەن،تۇمارىمىش ئەمەس)

چەينەك ئىدى    چەينەك ئىدى(چەينەكىدى،چەينەكىكەن،چەينەكىمىش ئەمەس)

قەغەز ئىدى       قەغەز ئىدى(قەغىزىدى،قەغىزىكەن،قەغىزىمىش ئەمەس)

(18)جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش "غ،گ"لار بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ مۇشۇ تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلغاندا،ئۆزەكنىڭ ئاخىرىدىكى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىنىڭ بېشىدىكى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشنى بىرلا ۋاقىتتا ئارقا-ئارقىدىن تەلەپپۇز قىلىش قىيىن بولغاچقا،بۇ سۆزلەرگە ئىملادا قوشۇمچىلارنىڭ مۇشۇ تاۋۇشلارغا يېقىن جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش"ق،ك"بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.ئەمما تەلەپپۇزدا بوغۇم ئاخىرىدىكى"غ،گ "تاۋۇشلىرى"ق،ك"گە نۆۋەتلەشتۈرۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                                           تەلەپپۇزى

باغقا                                                           باققا

تاغقا                                                           تاققا

تۇغقان                                                       تۇققان

ئەگكەن                                                     ئەككەن

تەگكەن                                                     تەككەن

بەگكە                                                        بەككە

(19)خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەردە قوشما يۈنمۇلار تەركىبىدىكى ئۆتكۈنچى سوزۇق تاۋۇشلار ئاساسىي سوزۇق تاۋۇش بىلەن بىر بوغۇم قىلىپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                                              تەلەپپۇزى

جۇڭخۇا                                                           جۇڭخۇا(جۇڭ_خۇ_ ا ئەمەس)

گۇاڭدۇڭ                                                         گۇاڭدۇڭ(گۇ_اڭ_دۇڭ ئەمەس)

تيەن ئەنمېن                                    تيەن ئەنمېن(تى-يەن-ئەن-مېن ئەمەس)

(20)ئۇيغۇر تىلىدا باش ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر شۇ ھەرىپلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى نامى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                                               تەلەپپۇزى

ش ئۇ ئا ر (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى)           شې ئۇ ئا ر ې

ج ك پ (جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى)              جې كې پې

ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى)              بې دې تې

ش ئا ئە ت (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى   شې ئا ئە تې

(21) خەلقئارادا ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ قوللىنىش ئادەتلىنىپ كەتكەن قىسقارتىلغان سۆزلەر تىلىمىزغا قۇبۇل قىلىنغاندا،خەلقئارادىكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ ئوقۇلىشى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                                                    تەلەپپۇزى

WTO_ (دۇنيا سودا تەشكىلاتى)                              دابليۇ تې ئوۋ

GDP_ (ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى)      جى دى پى

BBC_ (ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى)                          بى بى سى

KGB_ (دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى)                    كى گى بى

VCD_ (ۋىدىيولۇق ئوپتىكىلىق دىسكا)                    ۋى سى دى

DVD_ (رەقەملىك ۋىدىيولۇق دىسكا)                     دى ۋى دى

CD _ ( ئوپتىكىلىق دىسكا)                                     سى دى

(22) خەلقئارادا قىسقارتىپ يېزىلىپ كېلىۋاتقان ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇق نامى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                                                         تەلەپپۇزى

س م           (cm)                                                            سانتېمىتىر

ك م               (km)                                                        كىلومېتىر

ك ل                    (kl)                                                        كىلولىتىر

ك ۋ              (kw)                                                            كىلوۋات  

م گ            (mg)                                                          مىللىگىرام   

م م           (mm)                                                             مىللىمېتىر

(23) تېلېفۇن ۋە پوچتا نۇمۇرلىرىنى ئوقۇشتا،ئالدىنقى ئۈچ خانىسى بىر ئوقۇلۇپ،قالغان خانىلىرى ئىككى ئىككىدىن ئوقۇلىدۇ.ئەگەر ئالدىنقى ئۈچ خانىسىدىن كېيىن بىر قانچە نۆل قاتار كېلىپ قالسا،ئىككى نۆلدىن كېيىن "دانە"دېگەن سۆز قوشۇلۇپ ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                              تەلەپپۇزى

8552357                       سەككىز يۈز ئەللىك بەش،يىگىرمە ئۈچ،ئەللىك يەتتە

13669923310         بىر يۈز ئوتتۇز ئالتە،ئاتمىش توققۇز،توقسان ئىككى،ئوتتۇز ئۈچ،ئون

830001                      سەككىز يۈز ئوتتۇز،ئىككى دانە نۆل،بىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 10:03:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا مەزمۇنلارنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭلار!

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇنىڭ ئىملا قائىدىلىرى ئۈستىدىكى سىستېمىلىق تەتقىقات 1940- يىللاردىن باشلاپ، بولۇپمۇ ئازادلىقتىن كېيىن رەسمىي قولغا ئېلىندى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا بولسا 20- يىللاردىن باشلاپ قولغا ئېلىنغان. 1925- يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى باكۇ شەھىرىدە بىرىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى ۋە ئىملا قائىدىسى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. 1930- يىلى 5- ئايدا، ئالماتا شەھىرىدە ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر تىل - يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن ئاتالغۇلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. 1946- يىلى ئايشەم شەميېۋا تۈزگەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا نەشر قىلىندى. 1960- يىلى غوجەخمەت سەدىۋاققاسوف تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرى» 5- ئاينىڭ 18- كۈنى «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايونىمىزدا 40- يىللاردىن بۇيان تىل - يېزىق ئورگانلىرى ۋە شەخسلەر تەرىپىدىن جەمئىي يەتتە قېتىم ئىملا قائىدىسى تۈزۈلۈپ ئېلان قىلىندى. بىرىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ ئىبراھىم مۇتىئى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1948- يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ۋە 1949- يىل 1- ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئىككى ساندا ئېلان قىلىندى.

ئىككىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ سابىق شىنجاڭ مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى مۇزاكىرە قىلىنىپ، يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى تەرىپىدىن 1953- يىلى تۈزۈلۈپ، 1954 - يىلى ئېلان قىلىندى.

ئۈچىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ سابىق ئاپتونوم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1965- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

تۆتىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ سابىق ئاپتونوم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتېتى تەرىپىدىن 1973- يىلى تۈزۈلۈپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

بەشىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قايتا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 1983- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1984- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ قوللىنىلغان. بۇ قېتىم تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە «ئۆ، ئۈ» سوزۇق تاۋۇشلىرى (فونېما) ئىجاد قىلىنىپ، قوشۇلۇپ سوزۇق تاۋۇشلار سەككىزگە كۆپەيتىلگەن. بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشتە، مەلۇم دىيالېكت ياكى شېۋىنىڭ تىل ئادىتى نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان مەركىزىي دىيالېكت، يېتەكچى تەلەپپۇز ئۆلچىمى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغىچە بولغان تارىخىي تەرەققىيات جەريانى تولۇق نەزەرگە ئېلىنغان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان قائىدىلەر ئۆزگەرتىلگەن.

ئالتىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى تېخىمۇ ياخشى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىملادا ساقلىنىۋاتقان زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، تىلىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇلغان. بۇ ئىملا قائىدىسى 1985 - يىلى ئېلان قىلىنغان.

يەتتىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ـ 1995- يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ 6 - قېتىملىق ئىملا قائىدىسىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، تولۇقلاش ئاساسىدا تۈزۈلگەن. شۇنىڭدەك بۇ ئىملا قائىدىسى بۇرۇن تۈزۈلگەن بارلىق ئىملا قائىدىلىرىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىش، تۈزىتىش، تولۇقلاش، تەلەپپۇز قائىدىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلغان.

سەككىزىنچى قېتىملىق ئىملا قائىدىسى 2008– يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، 2009– يىلى 12- ئايدا نەشردىن چىقىپ ئېلان قىلىندى. بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسى 7- قېتىملىق ئىملا قائىدىسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ناھايىتى كۆپ ھەم زۆرۈر تۈزىتىشلەرنى بەرگەن بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى ھەر قانداق ئىملا قائىدىسىدىن ئىلغار دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ قېتىم تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە ئىككى ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن: بىرى، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن بىر قەدەر تۇراقلىق بولۇشنى كۆزدە تۇتقان، تارىخىي ماتېرىياللاردىن كەڭ پايدىلانغان ۋە سۆزلەرنىڭ بىر قەدەر كۆپرەك كېرىشىنى كۆزلىگەن. يەنە بىرى، يېزىق تىلىنى جانلىق تىلغا بويسۇندۇرۇشقا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى كىچىكلىتىشكە تىرىشىپ، شۇ ئاساستا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان ۋە خېلى دەرىجىدە مۇكەممەللىككە ئىگە قىلغان. بۇ ئىملا قائىدىسى كۆز ئالدىمىزدا ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.

دېمەك، تىلنى يېزىق ئارقىلىق توغرا خاتىرىلەشكە، يېزىقنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان ئالاقە قوراللىق ئۈنۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر تۇتاش تۈزۈپ چىقىلغان بەلگىلىك ئۇسۇل ۋە قائىدىلەرگە (ئىملا قائىدىسىگە) ئەمەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 10:03:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشنىڭ پىرىنسىپلىرى  

ھەر قانداق بىر ئېلىپبەلىك يېزىقنىڭ ئىملا قائىدىسى مۇئەييەن پىرىنسىپنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈزىلىدۇ. ئېلىپبەلىك يېزىقلاردا ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشتە، فونېتىكىلىق پىرىنسىپ، مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپ، تارىخىي پىرىنسىپ ۋە ئايرىش پىرىنسىپى قاتارلىق پىرىنسىپلارنىڭ بىر-ئىككىسى يېتەكچى پىرىنسىپ قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىمۇ يۇقىرىقى پىرىنسىپلار بويىچە تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپنى يېتەكچى پىرىنسىپ قىلىپ، قالغان پىرىنسىپلارغىمۇ بەلگىلىك ئېتىبار بەرگەن ئاساستا تۈزۈپ چىقىلغان. تۆۋەندە بۇ پىرىنسىپلار ئۈستىدە كونكرېت توختىلىپ ئۆتىمىز:

1. فونېتىكىلىق پىرىنسىپ

فونېتىكىلىق پىرىنسىپ دېگىنىمىزـ سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇمچىلىرى جانلىق تىلدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنسا، يېزىقتا ئېلىپبەدىكى ھەرپلەر يار بەرگەن دائىرىدە تەلەپپۇز قىلغىنى بىلەن ئوخشاش يېزىش دېمەكتۇر. يەنى سۆز تەركىبىدىكى تاۋۇشلارنىڭ يېزىقتا تەلەپپۇز قىلىنغىنىغا ئوخشاش  ئىپادىلىنىشى فونېتىكىلىق پىرىنسىپ دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:

ئىجات ـ ئىجادى، ئىقتىسات ـ ئىقتىسادى، كىتاپ ـ كىتاۋى، ئىنقىلاپ ـ ئىقىلاۋى، دەپ تەلەپپۇز قىلىنسا يېزىقتىمۇ شۇنداق يېزىلىشى؛ باغ، تاغ، ئەگ، چىگ، ياتاق، پىچاق، چېلەك، تىلەك دېگەندەك سۆزلەرگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا باغ ـ باققا، تاغ ـ تاققا، تەگ ـ تەگكەن، چىگ ـ چىككەن، ياتاق ـ ياتىقى، پىچاق ـ پىچىقى ، تىلەك ـ تىلىگى، چېلەك ـ چېلىگى تۈرلىنىشى؛ يىپ، يىڭنە، يىلان، يۈرەك، يۇلغۇن قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ژىپ، ژىڭنە، ژىلان، ژۈرەك، ژۇلغۇن يېزىلىشى؛ شامالۋاغ، بەلۋاغ، قاقۋاش، مارالۋېشى قىلىپ يېزىلىشى فونېتىكىلىق پىرىنسىپقا كىرىدۇ.

2.مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپ

مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپ دېگىنىمىز ـ سۆزلەرنىڭ جانلىق تىلدىكى تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلماي، ئۇنىڭ مورفولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىنى ئاساس قىلىپ، سۆزنىڭ يىلتىزىنى ئۆزگەرتمەستىن يېزىش پىرىنسىپى دېمەكتۇر، يەنى سۆزدىكى مەنىلىك بۆلەكلەرنىڭ ئېيتىلىشى ۋە ئاڭلىنىشىنى ئاساس قىلماي، بەلكى سۆزنىڭ مورفولوگىيەلىك تۈزىلىشى، سۆز يىلتىزى، تومۇرى ۋە قوشۇمچىلارنىڭ مۇقىم شەكلىنى ئاساس قىلىپ، جانلىق تىلدا قانداق ئېيتىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىملادا بىر خىل يېزىش پىرىنسىپىدۇر. مەسىلەن:

ئازاب ـ ئازابى، ئىنقىلاب ـ ئىنقىلابى، تەنقىد ـ تەنقىدى، ئىجاد ـ ئىجادى، تاغ ـ تاغقا، ئەگ ـ ئەگكەن، بەگ ـ بەگكە، پەرزەنت ـ پەرزەنتى، تەركىب ـ تەركىبى، جەسەت ـ جەسىتى، تەرتىپ ـ تەرتىپى، ئارخىپ ـ ئارخىپى، تاغ ـ تاغقا، باغ ـ باغقا، چېلەك ـ چېلىكى، تىلەك ـ تىلىكى، يىپ ـ يىپى، يۇلغۇن ـ يۇلغۇنى، يۈرەك ـ يۈرىكى، پىچاق ـ پىچىقى، ياتاق ـ ياتىقى،  يۈرەكئالدى (يۈرىكالدى ئەمەس)، ئالدىنئالا (ئالدىنالا ئەمەس)،  ئاقئۆستەڭ (ئاقۆستەڭ ئەمەس)، ئاچا ئېرىق (ئاچېرىق ئەمەس) ۋەھاكازالار.

3. تارىخىي پىرىنسىپ

تارىخىي پىرىنسىپ دېگىنىمىز ـ تىلنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا بەزى سۆزلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى مەلۇم بىر شەكىلدە قېلىپلىشىپ قىلىشى ۋە شۇنداق يېزىلىشىغا قارىتىپ ئېيتىلغان. بۇ پىرىنسىپ بويىچە بەزى سۆزلەرنىڭ دەسلەپكى شەكلى، ئەسلىي قۇرۇلمىسى ساقلانماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، ئورنا  (ئورۇن + ا)،  باغاق  (بار+ غاق)، بۆك (بۆرك) ، پايپاق (پاي +قاپ)، يامغۇر (ياغ + مۇر)، ئەسۋاب (ئەسباب)، قوشنا (قۇنشى)، چاچ (ساچ)  قىلىپ يېزىش تارىخى پىرىنسىپقا ئاساسلانغانلىق بولىدۇ.

4.ئايرىش پىرىنسىپى

ئايرىش پىرىنسىپى دېگىنىمىز ـ تىلنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا، ئايرىم سۆزلەرنىڭ مەنىسى كېڭىيىپ، ئەسلىدىكى بىر سۆز كېيىن بىرنەچچە ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان بىرقانچە سۆز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تىل ئەمەلىيىتىدە مەنە جەھەتتىن ئايرىلغان مۇنداق سۆزلەرنى يېزىقتا ئايرىپ، پەرقلەندۈرۈپ يېزىش ناھايىتى مۇھىم بولىدۇ. دېمەك، مەنە جەھەتتىن ئايرىلغان سۆزلەرنىڭ يېزىقتىكى شەكلىنى ئايرىپ، پەرقلەندۈرۈپ يېزىش ـ ئايرىش پىرىنسىپى دېيىلىدۇ. مەسىلەن:

1.    ئەتىۋار  ـ ئەتىۋار بالا، ئەتىۋارلىماق

2.ئېتىبار  ـ  ئېتىبار بەرمەك، ئېتىبارغا ئالماق

3. پەردە  ـ  سەھنە پەردىسى

پەدە    ـ  دۇتارنىڭ پەدىسى

4. خاتىر  ـ  خاتىرجەم، يۈز خاتىر

خاتىرە  ـ خاتىرە دەپتەر، خاتىرىسى ياخشى

5. زېھىن  ـ  زېھنىي ئەمگەك، زېھنى ئۆتكۈر

زەن  ـ  زەن سالماق، زەن قويماق

6. غۇبار ـ  غۇبارسىز

غۇۋا ـ  غۇۋا كۆرۈنمەك

7. قارار  ـ قارار قىلماق، قارار چىقارماق

قەرەل ـ   قەرەللىك ئامانەت، ئۆز قەرەلىدە كەلمەك

8.ئۇسۇل  ـ  چارە – ئۇسۇل

ئۇسسۇل ـ  ئۇسسۇللۇق ناخشا

9.ئىشارەت ـ ئىما – ئىشارەت

شەرەت  ـ شەرەت قىلماق

10. خازان  ـ خازان پەسلى

غازاڭ  ـ  قۇرۇغان يوپۇرماق

11.ئوچۇق ـ  ھاۋا ئوچۇق، ئوچۇق كۆڭۈل

ئېچىق ـ  ئېرىقنىڭ ئېچىقى...

قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ھەر بىر جۈپى ئېتىمولوگىيە جەھەتتىن ئالغاندا گەرچە بىر سۆز بولسىمۇ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ، شەكىل جەھەتتىن ئىككى سۆزلۈك تۈس ئېلىپلا قالماي، مەنە جەھەتتىنمۇ ئايرىلىپ كەتكەن. مەنە جەھەتتىن ئايرىلغان بۇنداق سۆزلەرنى ئىملادا پەرقلەندۈرۈپ يېزىش ئايرىش پىرىنسىپىغا ئاساسلانغانلىق بولىدۇ.

دېمەك، ئالتىنچى، يەتتىنچى، سەككىزىنچى قېتىم تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپ ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، سۆزلەرنىڭ تۇراقلىق شەكلى ۋە تۈرلىنىش قائىدىلىرى مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپ ئاساسىدا بېكىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارىخىي پىرىنسىپ بىلەن فونېتىكىلىق پىرىنسىپقا ۋە ئايرىش پىرىنسىپىغىمۇ مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلگەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 10:04:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز مەسىلىلىرى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى

     2007 -يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل-يېزىق كومىتىتىدا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز مەسىلىلىرى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا پىشقەدەم تىلشۇناسلار، تەتقىقاتچىلار ۋە  ئۇيغۇر تىل-يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 30 غا يېقىن خادىم قاتناشتى،بۇ يىغىندا  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇزىدا ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى ۋە ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىندى.

     كومىتېتىمىزنىڭ تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، تىل-يېزىقىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئاممىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى توپلىدى. ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، بۇ ھەقتىكى ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ يىغىندا قاتناشقۇچىلار يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن قىزغىن پىكىر قاتناشتۇرۇپ، ئىملا ۋە تەلەپپۇزدا ھازىرغا قەدەر ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئورتاق پىكىرگە كەلدى.

     بۇ قېتىمقى يىغىندا تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ھەل قىلىندى:

(1)   ئۇيغۇر تىلىدىكى «-باش، -باغ، -بەگ» بىلەن ياسالغان بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملا مەسىلىسى

(2)   «ل» تاۋۇشىنىڭ تەلەپپۇزدا چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى

(3)   «ر» تاۋۇشىنىڭ تەلەپپۇزدا چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى

(4)   ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى جەھەتتىكى ئاھاڭداشلىق ھادىسىسىنىڭ ئىملادا ئىپادە قىلىنىش مەسىلىسى

(5)   سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش مەسىلىسى

(6)   سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش مەسىلىسى

(7)   ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش مەسىلىسى

(8)   ئۇيغۇر تىلىدىكى «-چە» بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرنىڭ تۈرلەنگەندىن كىيىنكى ئىملا مەسىلىسى

(9)   ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيىسى

     يىغىنچاقلىغاندا بۇ قېتىمقى يىغىندا يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بىر خىل تىل ھادىسىسىنى بىر خىل قائىدە (ياكى ئۇسۇل) بىلەن ھەل قىلىش، ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇش، چەت تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇزىنى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىمىزغا ماسلاشتۇرۇش پىرىنسىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 10:05:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى» ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە

ئابدۇرېھىم زۇنۇن

【摘   要】本文与以前制定的规则和相关字典等资料加以对比,探讨了新版《现代维吾尔文学语言正字词典》(正字正音法)的优点和缺点,肯定了优点的同时,指出了在正字正音方面的不足。

【关键词】《现代维吾尔文学语言正字词典》(正字正音法);现代维吾尔语;民族;不足

يەر شارىدا ياشاۋاتقان ئىككى مىڭدىن ئارتۇق مىللەتنىڭ بىر قىسمىنىڭ مىللىي تىلى يوق، بىر قىسمىنىڭ مىللىي تىلى بولسىمۇ، ئۇنى خاتىرلەيدىغان يېزىقى يوق؛ يەنە بىر قىسمىنىڭ مىللىي تىلىمۇ، يېزىقىمۇ يوق؛ يەنە بەزى مىللەتلەرنىڭ مىللىي تىل - يېزىقى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى كەڭ كۇشادە ئىشلىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولالمىغاچقا، باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر. يەنە بەزى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ مىللىي تىل - يېزىقىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆلچەملىشىش ـ قېلىپلىشىش ۋە سىستېمىللىشىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن...

مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مىللىي تىلىمۇ، يېزىقىمۇ بولۇپ، بۇ تىل – يېزىققا نىسبەتەن ئۆلچەملەشكەن ـ  قېلىپلاشقان ۋە سىستېېمىلاشقان ئىملا، تەلەپپۇز نورمىلىرى بەلگىلەنگەن، شۇ بەلگىلەنگەن نورما بويىچە يېزىش، سۆزلەش ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەن بولسا، بۇ مىللەت دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك، ئەڭ ئەركىن مىللەت ھېسابلىنىدۇ. بىز دەل مۇشۇنداق مىللەت بولغاچقا، بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىشمىز كېرەك.

ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سېستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمى، ئۇيغۇر – قارلۇق تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە قەدىمكى تىل بولۇپ، ئۇنى ئومۇمىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئەڭ قەدىمكى زامان (ئورقۇن) ئۇيغۇر تىلى، قەدىمكى زامان (ئوتتۇرا ئەسىر) ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي (يېقىنقى زامان) ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەپ تۆت دەۋىرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللىنىشكە باشلاپ، 19– ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، بولۇپمۇ 20– ئەسىرنىڭ 20– يىللىرىدىن كېيىن رەسمىي ھازىرقى زامان تىللىرى قاتارىدا ئۆلچەملىشىش ـ قېلىپلىشىشقا باشلىغان...

نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئەگرى – توقاي مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشاشلا، ئۇيغۇر تىلىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە. «تارىختىن بۇيانقى ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۇيغۇر تىل – يېزىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئالاقىلىشىش قورالى بولۇش رولىنى تولۇق ئۆتەپ، شۇ دەۋردىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىپ كەلدى. بۇ جەرياندا دەۋرنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تىلى بارا – بارا بېيىپ، مۇكەممەللىشىپ باردى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرى خېلى يۇقىرى دەرىجىدە قېلىپلىشىپ، ئاپتونوم  رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا»①. خەلقىمىز ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئالاقىلىشىش قورالى قىلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ساقلاپ، ئۇنى دەۋىردىن – دەۋىرگە ئۇلاپ، ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈپ ۋە ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش، تاكاممۇلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىمۇ، ئۆز تىلىنى 26 خىل يېزىق بىلەن خاتىرلەپ (كۆپرەك قوللىنىلغانلىرى ئالتە خىل) قوللانغان بولسىمۇ، تىلىمىز تېيىزلىقتىن چۇڭقۇرلۇققا، چۇۋالچاقلىقتىن مۇكەممەللىككە، قوپاللىقتىن سىپتىلىققا، ئورتاقلىقتىن خاسلىققا، سۆز ئىشلىتىش بىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا قاراپ تەرەققىي قىلغان ۋە لۇغەت تەركىبىمىزمۇ ئۆزىنىڭ تەركىبىنى ئۈزۈكسىز ئاشۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق دەۋردە بۈگۈنكى كۈندىكىدەك دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى تىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئەمەلگە ئاشمىغان. ئۇ پەقەت ئازادلىقتىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ بۈگۈنكىدەك ئەڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتتى. بۇ پەللە يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك 20– ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى ۋە ئىملا قائىدىلىرىنى تۈزۈپ، قېلىپلاشتۇرىشى، ئومۇملاشتۇرىشى نەتىجىسىدە، 1940– يىللاردىن كېيىن شىنجاڭدىكى زىيالىيلارنىڭ كۈچ چىقىرىپ تەتقىق قىلىشى، ئىلىپبە ۋە ئىملا قائىدىلىرىنى قايتا – قايتا تۈزۈپ ئېلان قىلىشى، بولۇپمۇ 1949 – يىلىدىن كېيىن ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى (دەسلەپ قۇرۇلغاندا ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتالغان)نىڭ قۇرۇلۇشى، ئالىم – مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۈنسېرى كۈچىنىپ ئىشلىشى، قايتا – قايتا تەتقىق قىلىشى، ئۆزگەرتىشى، ھەردەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مەبلەغ، سىياسەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن قوللاپ - قۇۋەتلىشى، ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈن تەرتىپكە قويۇپ، تەدبىر بەلگىلەپ كەڭ ئۇيغۇر ئاھالىسىغا ئۇنىڭ نورمىلىرىنى ئومۇملاشتۇرىشى بىلەن زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كۈتىۋالدى.

بۇ نەتىجىلەر، ئېلىمىزدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك سىرتقا كەڭ ئېچىۋىتىلگەندىن كېيىن، يەنى لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى»نى تاشلاپ، ئەسلىدىكى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قايتا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 1983– يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل– يېزىق خىزمىتى كومىتېتى 5– قېتىملىق ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى ھەم 1984–يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئوموميۈزلۈك قوللىنىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرىشىغا ئاساسەن ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى»نى تۈزۈپ، بۇرۇن تۈزۈلگەن تۆت قېتىملىق ئىملا قائىدىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، يېتىشسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، بىر قەدەر مۇكەممەللەشتۈرۈپ چىقتى ۋە تىلىمىزدا ئەزەلدىن كەمچىل بولۇپ كېلىۋاتقان «ئۆ، ئۈ» فونېمىسىنى ئىجاد قىلىپ، ئېلىپبەيىمىزگە قوشۇپ، لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلارنى تولۇقلاپ ۋە مورفولوگىيەلىك ۋە ئەنئەنىۋى پىرىنسىپنى ئاساس، ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىنى نورما قىلىپ بېكىتىپ چىقتى. بۇ پىرىنسىپ جەمئىيەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار، تىلشۇناسلار ۋە ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلار، مۇتەخەسسىلەردىن پىكىر ئېلىش، ھەر قايسى قاتلام ۋەكىللىرى قاتناشقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا قايتا – قايتا مۇھاكىمە قىلىنىپ، 1983- يىلى 4- ئاينىڭ 16– كۈنى ماقۇللاندىن كېيىنلا قولغا كەلدى.

بۇندىن ئىلگىرى تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىلىرىدە گەۋدىلىك ئۆزگىرىشكلەر بولمىغانىدى. پەقەت 1995 – يىلىغا كەلگەندە، بۇرۇن تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر ۋە مەتبۇئات، نەشرىيات، ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىگە ئاساسەن تۈزىتىش، تولۇقلاش، زۆرۈر بولغان جايلىرىنى تۈزىتىش، تولۇقلاش، تەلەپپۇز قائىدىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا تۈزۈپ چىقىلغان، مورفولوگىيەلىك پىرىنسىپ پەيدىن – پەي ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۆرىنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بولمىغانىدى. بۇ قېتىم (2009– يىلى 9- ئايدا ئېلان قىلىنغان) تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىدە تۈپلۈك ئۆزگىرىشلەر بولغان بولۇپ، كىشىلەرنى ئاساسەن قايىل قىلغۇدەك ـ بىر قەدەر ئىلمىي، مۇكەممەل، جىددىي ئېھتىياجنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدىغان قىلىپ تۈزۈلگەن.

«ئىملا قائىدىسى توغرا يېزىش قائىدىسى دېگەن سۆز بولۇپ، مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ھەم شۇ تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ توغرا يېزىشىنى تەمىن ئېتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىملادا ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر سىستېمىسىدۇر.

ئىملا قائىدىسى تىلنىڭ يېزىق شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزىلىدۇ. ئۇ يېزىق تىلى بىلەن جانلىق تىل ئوتتۇرىسىدا نازارەتچىلىك رولىنى ئويناپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىدۇ. بىر مىللەت تىلىدا جامائەتچىلىك ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ئىملا قائىدىسى بولمىغان ئەھۋالدا، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان ئەدەبىي تىلنىڭ بولۇشىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بىر تىلدا ئىملا قائىدىسىنىڭ تۈزۈلۈشى شۇ تىلنىڭ دىيالېكت ۋە شېۋىلەرگە بولغان تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ۋە دىيالېكت، شېۋىلەر بىلەن ئەدەبىي تىل ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تەدرىجىي ئازايتىشقا ئاساس بولىدۇ»②.

مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەلۇم بىر تىلنىڭ بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان ئىملا قائىدىسى بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى «ئىملا قائىدىسى مەلۇم بىر يېزىقنى قوللىنىدىغان مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، ئاخبارات، نەشرىيات ۋە ئۇچۇر ئىشلىرىدا شۇ مىللەت ئەدەبىي تىلىنىڭ توغرا قوللىنىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئۆز نۆۋىتىدە تىلنىڭ قېلىپلىشىپ، تاكاممۇلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم قورالدۇر»③.

تۆۋەندە بۇ قېتىم تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈم سەزگەن بەزى يېتىشسىزلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:

1. لۇغەتكە ئېلىنغان بارلىق سۆزلەر ئالدى بىلەن سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ، 1984– يىلى 1– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان «ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلپبەسى»دىكى ھەرپ تەرتىپى بويىچە تىزىلغان. مەسىلەن:

ئا .............................1

ب............................49

پ............................69

... دېگندەك.

2. لۇغەتكە ئېلىنغان بارلىق سۆزلەر بىلەن سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ تىزىلىش ئورنى ۋە خەت شەكلى ئۆزئارا پەرقلەندۈرۈلگەن. مەسىلەن:

پارا 〔تۇرغۇن〕                                   ئاسان 〔تۇرغۇن〕

پارا ئالغۇچى                             ئاسان تۇغۇت

پارا ئالماق                              ئاسان گەپ

پارا بەرمەك                              ئاسانغا توختىماق

پارا يېمەك                               ئاسانغا چۈشمەك

3. سۆزلەرنىڭ سۆز تۈركۈملىرى كۆرسىتىلگەن يەنى پېئىللار 〔پېئىل〕، ئۈندەش سۆزلەر 〔ئۈندەش〕، تەقلىد سۆزلەر 〔تەقلىد〕 دەپ كۆرسىتىلگەن. ئىسىم، سۈپەت، سان، ئالماش، رەۋىش ۋە مىقدار سۆزلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تۇرغۇن سۆز دەپ قارىلىپ 〔تۇرغۇن〕 دەپ كۆرسىتىلگەن. باغلىغۇچىلار، ئۇلانمىلار ۋە سۆز ئارقا ياردەمچىلىرى ئومۇملاشترۇلۇپ  〔ياردەمچى〕 دەپ كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن:

ئاﻟ ـ 〔پېئىل〕          ئاھ        〔ئۈندەش〕       قاراس  〔تەقلىد〕

ئالماق              تاغ        〔تۇرغۇن〕       ئالتە    〔تۇرغۇن〕

ئېلىش               ھېچكىم   〔تۇرغۇن〕      لېكىن    〔ياردەمچى〕

4. ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان، ئىملاسى تۇراقلىشىپ بولغان سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى قىسقارتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قەدىمكى سۆزلەر ۋە دىيالېكىت سۆزلىرى لۇغەتكە ناھايىتى كۆپلەپ ئېلىنىپ، نۇرغۇن ئۆلگەن سۆزلەر تىرىلدۈرۈلىپ، زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان. مەسىلەن:

قەدىمكى سۆزلەر

ئاجايىپخانا    〔تۇرغۇن〕  

ئاجۇن        〔تۇرغۇن〕

جېلى         〔تۇرغۇن〕

     بودىماق      〔پېئىل〕

كۈيمەنمەك   〔پېئىل〕

دىيالېكت سۆزلىرى

جورىماق    〔تۇرغۇن〕

شۇڭغۇتماق  〔تۇرغۇن〕

كۈنچېچەك   〔تۇرغۇن〕

كۈۋەنمەك    〔پېئىل〕  

گىچاڭلاتماق  〔پېئىل〕

5. ئوخشاش مەنىلىك سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن قېلىپلاشتۇرۇش زۆرۈر دەپ قارىغانلىرى ئاساس قىلىپ ئېلىنىپ، ئۇلار بىلەن ئوخشاش مەنىدە ئىستېمال قلىنىۋاتقان سۆزلەر ئېلىنغان بولسىمۇ، ئاساسلىقىغا قارىتىلىپ، « = » بەلگىسى بىلەن كۆرسىتىلگەن. مەسەلەن:

ئاپتوبىيەرافىيە = تەرجىمىھال، ئاتاق – ئابىروي = نام – ئابروي، ئاتاقسىز = نامسىز، كۈنلۈكچىلىك = مەدىكار، گېمىروي = بوۋاسىر، ئابدىمىلىك = ئىنەكپىتى، سەبرە = ئالۇي، بىئەدەپ = ئەدەپسىز، ئابىكەۋسەر = كەۋسەر سۈيى... (تەڭلىك بەلگىسى ( = )دىن كېيىن بېرىلگەن سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى بۇندىن كېيىن تۇراقلاشتۇرۇلىدۇ.)

6. لۇغەتكە ئېلىنغان دىيالېكت ۋە قەدىمكى سۆزلەرنىڭ سۆز تۈركۈمى بېرىلگەندىن سىرت، ئۇلارنىڭ دىيالېكت ياكى قەدىمكى سۆز ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن سۆز تۈركۈمىدىن كېيىن تىرناق ئىچىگە >دىيالېكت< ياكى >قەدىمكى< دەپ بېرىلگەن. مەسىلەن:

تىيەك 〔تۇرغۇن〕  >دىيالېكت<               تولارسۇق 〔تۇرغۇن〕  >قەدىمكى<

7. بەزى سۆزلەر تەركىبىدىكى «ئا، ئە» سوزۇق تاۋۇشلىرىنىڭ «ئې، ئى»غا نۆۋەتلەشمەسلىكى؛ يەنە بەزى سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىشىدە مەلۇم تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ياكى قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى شۇ سۆزدىن كېيىن تىرناق «( )» ئىچىدە پەرقلىق خەت شەكلى بىلەن ئېنىق كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن:

ئارام     (ئارامى)    〔تۇرغۇن〕

ئارمىيە  (ئارمىيەسى)  〔تۇرغۇن〕

كۆڭۈل  (كۆڭلى)     〔تۇرغۇن〕

پولۇ      (پولۇيۇم، پولۇيۇڭ، پولۇسى) 〔تۇرغۇن〕

ئەزا     (ئازاسى)    〔تۇرغۇن〕

سەۋىيە  (سەۋيەسى)  〔تۇرغۇن〕

ئوغۇل  (ئوغلى)    〔تۇرغۇن〕

ماتا    (ماتايىم، ماتايىڭ، ماتاسى)  〔تۇرغۇن〕

يەنە سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش شەكىللىرىمۇ كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن:

ئارام ـ ئارامى؛ ئارمىيە ـ ئارمىيەسى؛ كۆڭۈل ـ كۆڭلى؛ پولۇ ـ پولۇيۇم، پولۇيۇڭ، پولۇسى؛ ئەزا ـ ئەزاسى؛ سەۋىيە ـ سەېىيەسى؛ ماتا ـ ماتايىم، ماتايىڭ، ماتاسى... دېگەندەك.

8. چەت تىللاردىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن ئايرىم سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنىڭ ئىلگىرىكى لۇغەتلەردە باشقىچىرەك ئېلىنىپ قالغانلىرى بۇ قېتىمقى يېڭى ئىملادا خەلق ئاممىسىنىڭ تىل ئادىتىگە يېقىنلاشتۇرۇپ بېكىتىلگەن. ئۇلار تۆۋەندىكى سۆزلەردىن ئىبارەت:

توغرىلاپ بېكىتىلگىنى                            ئىلگىركىسى

ئايرودۇرۇم                                       ئايرودروم

ئارگىنال                                        ئورىگىنال

باكلاۋۇر                                        باكلاۋر

دىنىزاۋۇر                                       دىنوزاۋر

كوردىنات                                       كوئوردىنات

پىسخولوگىيە                                     پسىخولوگىيە

رامىزان                                         رامزان

پىرئەۋىن                                         پىرئون

رەسۇل                                          رۇسۇل

رەسۇلىللا                                        رۇسۇلىللا

9. بۇ قېتىم تۈزۈلگەن يېڭى ئىملا قائىدىسىىدە ئىملاسى بىلەن تەلەپپۇزى ئوخشاش بولمايدىغان بىر قىسىم سۆزلەرگە «ئى»نى قوشۇپ يېزىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئىملادا بىر خىل، تەلەپپۇزدا يەنە بىر خىل بولۇشتەك ئەھۋالغا ئوموميۈزلۈك خاتىمە بېرىلىپ، ئاممىنىڭ تىل ئادىتىگە يېقىنلاشتۇرۇلغان. مەسىلەن:

ئىلگىركى ئىملاسى                                 ھازىرقى ئىملاسى ۋە ئىلگىرىكى تەلەپپۇزى

كلاسسىك                                         كىلاسسىك  

پرىنسىپ                                          پىرىنسىپ

پروفېسسور                                        پىروفېسسور

ستاتىستىكا                                        ئىستاتىستىكا

تراكتور                                           تىراكور

كۋادرات                                          كىۋادرات

پراكتىكا                                          پىراكتىكا

خروم                                             خىروم

شىكاپ                                           ئىشكاپ

     درامما                                            دىرامما

...، قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

10. رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋروپا تىللىرىدىن كىرگەن «-ىئا، -ىئو» قۇرۇلمىسىدىكى سۆزلەر تىلىمىزنىڭ فونېتىكىلىق قانۇنىيىتىگە بويسۇندۇرۇلۇپ، مەزكۇر ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىغا ئۈزۈك تاۋۇش «ي» قوشۇلغان ۋە ئىملادا شۇ بويىچە يېزىلغان. مەسىلەن:

ئىلگىركىسى                                 ھازىرقىسى

رادىئو                                      رادىيو

دىئالوگ                                     دىيالوگ

فرازېئولوگىيە                               فىرازىيولوىيە

دىئالېكت                                  دىيالېكت

...، دېگەنلەرگە ئوخشاش.

يەنە رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋروپا تىللىرىدىن كىرگەن «ىك» قوشۇمچىسى تىلىمىزدىن چىقىرىپ تاشلىنىپ، مەزكۇر قوشۇمچە بىلەن ياسالغان «سوتسىيالىستىك»، «كوممۇنىستىك»،... دېگەندەك سۆزلەر «سوتسىيالىزملىق»، «كوممۇنىستلار» قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، بۇ سۆزلەر بىلەن سۆز بىرىكمىسى ھاسىل قىلغاندا «سوتسىيالىزملىق جەمئىيەت»، «سوتسىيالىزملىق رېئالىزم»،... «جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيەسى»،...دېگەندەك ئومۇملاشتۇرۇش تەكىتلەنگەن.

11. خەلقئارادا ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ قوللىنىش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن قىسقارتىلغان سۆزلەر تىلىمىزغا قوبۇل قىلىنغاندا، خەلقئارادىكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى بويىچە يېزىش بەلگىلەنگەن. مەسىلەن:

WTO           دۇنيا سودا تەشكىلاتى

GDP            ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئىچكى قىممىتى

BBC            ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى

KGB           دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى

VCD           ۋىدىيولۇق ئوپتىكىلىق دىسكا

DVD           رەقەملىك ۋىدىيولۇق دىسكا

CD             ئوپتىكىلىق دىسكا

12. خەلقئارادا ھەرپ بويىچە قىسقارتىلىپ بوغۇم تەشكىل قىلالايدىغان سۆزلەر تىلىمىغا قوبۇل قىلىنغاندا، ئىملادا قىسقارتىلغان لاتىن ھەرى بويىچە يېزىشقىمۇ ياكى ئۇيغۇرچە يېزىشقىمۇ بولىدىغان قىلىپ بېكىتىلگەن. مەسىلەن:

OPEC         ياكى   ئوپېك

SARS          ياكى   سارس

AIDS          ياكى   ئەيدىز

         DOSياكى   دوس

ROm          ياكى   روم

RAM          ياكى   رام

13. ھازىر مەتبۇئاتلاردا ھەرخىل ئىشلىتىلىۋاتقان بىر قىسىم مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئىسمىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان ئۈلگىلىرى بېرىلگەن. مەسىلەن:

مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ناۋايى، مىرزا سەيدەر كۆرەگان، ئابدۇرەھىم نىزارى ...

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ لۇغەتتە يېڭىلىقلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، مەن بۇ يەردە بىرى، چوڭراق، مۇھىمراق دەپ قارىغان نۇقتىلارنى؛ يەنە بىرى، دەسلەپكى قەدەمدە لۇغەتنى مۇنداقلا بىر كۆرۈپ چىقىش جەريانىدا سەزگەنلىرىمى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم.

«ئاينىڭمۇ يۈزىدە داغ بار» دېگەندەك، بۇ لۇغەتمۇ مەلۇم يېتىشسىزلىكلەردىن خالىي بولالمىغان. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن. بېرى، 1995– يىلى ئېلان قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى»دەك، ئىملا بىلان پەلەپپۇزنى كىرىشتۈرۈپ بەرگەن بولسا ياخشىراق بولۇر ئىكەن دەپ قارىدىم؛ يەنە بىرى، ئادەتتە تەلەپپۇز جەريانىدىكى تېزراق نۇتۇق ئېقىمىدا چۈشۈپ قالىدىغان «ر، ل، ھ» تاۋۇشلىرىنى چۈشۈرۈلۈپ قويماي تەلەپپۇز قىلىش لازىملىقى بېكىتىلگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتكە تازا ئۇيغۇن بولمىغان. چۈنكى، بۇنى تىل ئىگىلىرى بولغان خەلققە ئومۇملاشتۇرۇش مۇمكىن بولماي قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىدەك تۇرىدۇ...

لۇغەتتە بەزى ئىملا خاتالىقىلىرى (گەرچە بۇ خاتالىقلار كىچىك خاتالىق بولسىمۇ) كۆرۈلگەن بولۇپ، بىرى، كۆپ چېكىت ئۈچ بولسا كۇپايە ئىدى؛ لېكىن مىساللارنىڭ كەينىدىكى «قاتارلىقلار» دېگەن مەنىنى بېرىدىغان بەزى جايلارغا كۆپ چېكىتنى قاتار قويىۋەتكەن؛ يەنە بىرى، «ئەسلىي» دېگەن سۈپەت نۇرغۇن جايلاردا ئىسىم شەكلىدە («ئىسلى») دەپ ئېلىنغان. مەسىلەن:

ئىملاسى                   تەلەپپۇزى

ئەتە (ئەسلى ئەرتە)         ئە: تە

باغاق (ئىسلى بارغاق)      با: غاق

چۇقان (ئەسلى چۇۋقان)    چۇ: قان

بۇ سۆز «س» گۇرۇپپىسىدا «ئەسلىي» قىلىپ توغرا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئىملا قائىدىسى ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرىقىدەك پۈتۈنلەي خاتا ئېلىنغان.

لۇغەتنىڭ «ھازىقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى بىلەن ئىملا لۇغىتىنى قايتا تۈزۈش توغرىسىدا» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا بېرىلگەن چۈشەندۈرۈشنىڭ يۇقىرىدىن تۆتىنچى قۇردىكى «ئۈزۈكسىز» دېگەن سۆز «ئۆزلۈكسىز» دەپ بېسىلىپ قالغان (مۇشۇ لۇغەتتە بۇندىن كېيىن «ئۈزلۈكسىز = ئۈزۈكسىز» دەپ ئىشلىتىش بېكىتىلگەن. «ئۆز» سۆزىدىن پەقەت «ئۆزلۈكىدىن» سۆزى شەكىللەندۈرۈلگەن بولۇپ، يېزىلىش شەكلى يۇقىرىقى سۆزگە ئوخشاپ كېتىدىغان، ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان «ئۈزلۈكسىز» سۆزى ئەسلىي «ئۈزۈكسىز» ئىدى. بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسىدە بۇ سۆز ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتتۇرۇلغان.

يەنە يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان زاتى مۇبارەكلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسمى «م . كاشغىرىي ۋە مەھمۇد كاشغەرى» دېگەندەك ئىككى خىل بولۇپ قالغان.

يەنە بىر مەسىلە شۇكى، قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان سۆزلەر بىلەن تىرناق ھىم بولماي ئارىلىق تاشلانغان ۋە قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان سۆزلەرنىڭ كەينىدىن كېلىدىغان قوشۇمچىلارمۇ ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ ئۇرۇلغان. مەسىلەن، « ئوقۇ-، تونۇ- » غا ئوخشاش ئاخىرقى بوغۇمىدا... دېگەندەك. بۇ مەسىلىدە بەلكىم نەشرىياتنىڭ قىلغىنى توغرىدۇر، ئەمما بۇنداق تىزغاندا، بىرى، خەتلەر سەت كۆرىنىپ قالىدۇ، يەنە بىرى، ئىسراپچىلىق يۈز بېرىدۇ.

لۇغەتنىڭ 41– بېتى يۇقىرىدىن 13– قۇردىكى «كۆردۇق- ھە»دىن كېيىن كېلىدىغان چېكىت (.) چۈشۈرۈپ قويۇلغان. يەنە لۇغەتنىڭ 26– بېتى تۆۋەندىن تۆتىنچى قۇردىكى «ھوقۇقدار ـ ھوقۇقدارى» دېگەن سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى «ئى» چۈشۈتۈپ قويۇلغان.

يۇقىرىقىلار لۇغەتنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدىكى دەسلەپكى تەسىراتلىرىم بولۇپ، بۇندىن كېيىنكى يېڭى ئىملا كائىدىسىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش جەريانىدا يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش جەريانىدا سەزگەنلىرىمنى داۋاملىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرماقچىمەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ، كەسىپداشلارنىڭ بۇ ماقالىگە قارىتا تۈزىتىش ۋە تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

ئىزاھات: ①②③ ئىزاھات ۋە تېكىست ئىچىدىكى بىر قىسىم قائىدىلەر مىرسۇلتان ئوسمانوف، تاھىر ئابدۇۋەلى، ئابدۇغاپپار ئابدۇراخمان، مەمەتئېلى ئابدۇرەھىم، ئانارگۈل ئابدۇرەھىم، ئەنۋەر ئەخمەت: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى» (ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2009– يىلى 9- ئاي 1- نەشرى، 1-بېسىلىشىدىن ئېلىندى.

پايدىلانما:

مىرسۇلتان ئوسمانوف، تاھىر ئابدۇۋەلى، ئابدۇغاپپار ئابدۇراخمان، مەمەتئېلى ئابدۇرەھىم، ئانارگۈل ئابدۇرەھىم، ئەنۋەر ئەخمەت: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى» (ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2009 –يىلى 9- ئاي 1- نەشرى، 1-بېسىلىشى.

2010 يىل 1- ئاينىڭ 7- كۈنى

(«خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2010 – يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 10:05:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش